تىز كىرىڭ!!! قايسىسى قايسىسىنى ئويناتتى؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-16 22:58:19 كۆرۈلۈش سانى : 783
تىز كىرىڭ!!! قايسىسى قايسىسىنى ئويناتتى؟
بىر كۇنى بىر ئانا كىچىك قىزىنى ئەگەشتۇرۇپ،ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپتۇ.ئۇلارمايمۇن سولانغان قەپەسنىڭ ئالدىغا بارغاندا،قىزچاقنىڭ ئانىسى مايمۇنغا كەمپۇتنى ئىگىز ئېتىپ بىرىپتۇ.ئانا مايمۇن بىرلا سەكرەپ كەمپۇتنى تۇتۇۋېلىپ يەپتۇ.شۇ چاغدا قىز سوراپتۇ؛ئانا سەن كەمپۇتنى ئىگىز ئېتىپ بەرگىچە،مايمۇننىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەرسەڭ،مايمۇن ئوخشاشلا يىيەلەيتتىغۇ؟
قىزچاقنىڭ ئانىسى جاۋاپ بىرىپتۇ؛بالام،كەمپۇتنى ئىگىز ئېتىپ بەرسەم،مايمۇن ئۇنى تۇتۇش .ۇچۇن سەكرەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ چىرايلىق سەكرەش ھەركىتىدىن ھۇزۇرلىنالايمىز.مانا بۇ ئادەمنىڭ مايمۇننى ئوينىتىشى.
شۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىدە مايمۇنچاق ئانا مايمۇندىن سوراپ قاپتۇ؛ئانا ، سەن ئادەملەر ئېتىپ بەرگەن كەمپۇتنى تۇتۇمەن دەپ سەكرەپ يۇرگىچە ساقلاپ تۇرساڭ ، كەمپۇت ئالدىڭغا ئوزلىكىدىن چۇشۇدۇ.شۇ چاغدا يىسەڭمۇ بولاتتىغۇ؟
ئانا مايمۇن جاۋاپ بىرىپتۇ؛ بالام ، ئۇقمايدىكەنسەن. مەن كەمپۇتنى تۇتقان بۇلۇپ يالغاندىن ئانچە- مۇنچە سەكرەپ بەرمىسەم، ئادەملەر ماڭا داۋاملىق كەمپۇت تاشلاپ بەرمەيدۇ- دە! مانا بۇ مايمۇننىڭ ئادەمنى ئوينىتىشى.
سىز دەپ بېقىڭە ؟؟؟
|
|