ئەر كىشىمىكىن، دەپ قاپتىمەن
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-20 12:32:34 كۆرۈلۈش سانى : 816
ئەر كىشىمىكىن، دەپ قاپتىمەن
ئەپەندىمنىڭ ئايالى كاسسىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق ئىككى ئۆرۈمە چېچىنى ئەپەندىمگە دېمەي ساتىراشخانىدا كەستۈرۈۋېتىپ چېچىنى بۈدۈرەت قىلدۇرۇپ قايتىپ كېلىۋاتسا ئەپەندىم ئۇچراپ قاپتۇ. ئەپەندىم قېرىغىنىنى تۇيماي چېچىنى بۈدۈرە قىلىۋالغان خوتۇنىنى كۆرگەن بولسىمۇ تونۇمىغانغا سېلىپ كېتىۋېرىپتىكەن، ئايالى:
- ھوي ئەپەندىم، كۆزلىرىنى يۇمۇپلا ماڭماي، ئىككى يانغا قاراپ ماڭسىلا! يېنىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بولىدۇ، - دەپ ئەپەندىمگە خاپا بولۇپتۇ.
- شۇنداقمۇ خوتۇن، - دەپتۇ ئەپەندىم خوتۇنىغا قاراپ قويۇپ، - سىلەر مېنىڭ خوتۇنۇم بولامسىلەر؟ مەن تېخى ئەركىشىمىكىن دەپ قاپتىمەن. |
|