بىزنىمۇ غەيۋەت قىپقالارمىكىن دەيمىنا
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-19 11:14:27 كۆرۈلۈش سانى : 910
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەپەندىمنىڭ غەيۋەتخور بىر ئاغىنىسى بولۇپ، بىر ئادەمنى كۆرسىلا، ئۇ ئانداقچى، بۇ مۇنداقچى، دەپ غەيۋىتىنى قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئەپەندىم ئاغىنىلىرى بىلەن بىر سورۇندا ئۆزئارا پاراڭ بىلەن ئولتۇرسا، ھېلىقى غەيۋەتخور ئاغىنىسى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپتۇ ھەمدە ئەپەندىمنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ - دە، يەنە ئۇ دېگەن ئانداق، بۇ دېگەن مۇنداق، پالانچى دېگەن ئۆتۈپ كەتكەن گىرى نەرسە، دەپ ئۇرۇندىن - ئۇزۇنغا غەيۋەت قىلىشقا باشلاپتۇ. باشقىلار بىر - بىرىگە قارىشىپ شۈك ئولتۇرۇپتۇ. ھېلىقى غەيۋەتخور باشقىلارغا قاراپ:
- ئاغىنىلەر، تىلىڭلارنى مۈشۈك ئۈزۈۋالغاندەك جىم ئولتۇرماي گەپ قىلىپ ئولتۇرمامسىلەر؟ - دەپتۇ.
- گەپ قىل دېسەڭلار تازا قىلىدۇ، ئەمما سىلىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ، - دەپتۇ ئەپەندىم غەيۋەتخور ئاغىنىسىگە.
- نېمىدىن ئەنسىرەيسىلەر؟ - دەپتۇ غەيۋەتخور ئاغىنىسى ئەپەندىمگە سوئال نەزەرى بىلەن قاراپ.
- نېمىدىن ئەنسىرەيتتى، - دەپتۇ ئەپەندىم ئاغىنىسىغا قاراپ، - ئەتىگەندىن بېرى سىلەر غەيۋىتىنى قىلمىغان ئادەم تۈگۈل ھايۋانلارمۇ قالمىدى، يەنە بىردەم ئولتۇرساق بىزنىڭ ئۈستىمىزدىنمۇ غەيۋەت - شىكايەتنى باشلىۋېتەرمىكىن، دەپچۇ؟
سورۇندىكىلەر ئەپەندىمگە بارىكاللا ئېيتىپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. غەيۋەتخور بولسا جىمىپلا كېتىپتۇ. |
|