بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مۆچەل >> ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ كەسپىي شىرىك تاللىشى

ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ كەسپىي شىرىك تاللىشى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-28 14:00:26    كۆرۈلۈش سانى : 258  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
>ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا< دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز. 12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي. △ ئىت يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - ئانچە كۆڭۈللۈك ھەمكارلىشالمايدۇ، ئىت يىللىقلار رېئالنى بولغان بىلەن، چاشقان يىللىقلارغا قارىغاندا غايىۋىراق كېلىدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - مىجەزىدە پەرق چوڭراق بولغاچقا، ھەمكارلىشىشمۇ تەسكە چۈشىدۇ. ئىش نوقۇل بۇ ئىككەيلەننىڭ ماسلىشىشى بىلەنلا پۈتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش تاكتىكىسىدىمۇ ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن يولۋاس  يىللىقلار - ھەرقانداق ئىشتا ھەمكارلىشالايدۇ، بىراق مال - مۈلۈك تەقسىماتىدا بىرلىككە كېلەلمەيدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - توشقان يىللىقلار ئەقىللىق ھەم ئوبيېكتىپ كېلىدۇ، ئىت يىللىقلارغا ياردەم بېرىدۇ، ئىت يىللىقلار توشقان يىللىقلارغا ۋاپاسىزلىق قىلمايدۇ، بۇلار خېلى كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىشالايدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئۇزاققىچە ھەمكارلىشىپ كېتەلمەيدۇ، بېلىق يىللىقلارنىڭ بىر مۇنچە ئىشلىرى ئىت يىللىقلارغا ياقمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بېلىق يىللىقلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ئازار يېتىپ بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ھەمكارلىشىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. لېكىن بەك زور ئىشەنچ قىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى >تاشنى تاياققا تاڭغان< غا ئوخشاش زورىغا بولىدىغان ئىشلار بىلەن بەزىدە بىر - بىرىنىڭ كەم يېرىنى تولۇقلىغىلى بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كەتمەيدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ھەرھالدا كۆڭۈللۈك ھەمكارلىشالايدۇ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىدۇ، ئىشتا ئادىل كېلىدۇ، ھامان با مەسلىھەت ئىش كۆرىدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ئاسان ھەمكارلىشىپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئىت يىللىقلار ئۆزىنى ھەر دائىم قىلىشقا تېگىشلىك تېخىمۇ مۇھىم ئىشى بادەكلا ھېس قىلىدۇ، قوي يىللىقلار بولسا ئىت يىللىقلارغا سەنئەتكارلارنىڭ نەزەرى بويىچە باھا بېرىدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، بىراق مايمۇن يىللىقلار ئىت يىللىقلاردىن ئېھتىيات قىلىپلا يۈرىدۇ، ئىت يىللىقلار بولسا مايمۇن يىللىقلارنىڭ بەلگىلىمىدىن سىرت نەپ ئېلىپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بەك كۆڭۈللۈك ئۆتەلمەيدۇ. توخۇ يىللىقلار ئىت يىللىقلاردىن ئېھتىيات قىلىپلا يۈرىدۇ. بۇلار ھەمكارلاشقان، ئۆزئارا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە بىر - بىرىنى ھامان ھەقىقىي دوست قاتارىدا كۆرمەيدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - تاسادىپىي بولۇپ قالىدىغان پەۋقۇلئاددە تىجارەت ئىشلىرىدا ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە قىزىقمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىجارەتنى ئانچە قاملاشتۇرالمىغاچقا، بۇلارنىڭ مەغلۇپ بولىدىغان چاغلىرى كۆپ بولىدۇ. △ ئىت يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، بىراق توڭگۇز يىللىقلار بۇنىڭغا ھەم رازى بولۇپ كەتمەيدۇ، ھەم ئايرىلىپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى، ئىت يىللىقلار بەك سېخىيلىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئۆزىگە ئازدۇر - كۆپتۇر خاپىلىق تېپىۋالىدۇ."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  توڭگۇز يىللىق كىشى...
●  ئىت يىللىق كىشىلەر...
●  ئىت يىللىقلارنىڭ ن...
●  كالا يىللىقلارنىڭ ...
●  ئىت يىللىقلارنىڭ ت...
●  ئىت يىللىق كىشىلەر...
●  توخۇ يىللىق كىشىلە...
●  توخۇ يىللىق كىشىلە...
●  توخۇ يىللىق كىشىلە...
●  تۇخۇ يىللىقلارنىڭ ...
●  قوي يىلىلىقلارنىڭ ...
●  قوي يىللىق كىشىلەر...
●  قوي يىللىقلارنىڭ ك...
●  يىلان يىللىقلارنىڭ...
●  يىلان يىللىقلارنىڭ...
●  يىلان يىللىقلارنىڭ...
●  توشقان يىللىقلارنى...
●  بېلىق يىللىقلارنىڭ...
●  بېلىق يىللىقلارنىڭ...
●  يولۋاس يىللىقلارنى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  توڭگۇز يىللىق كىشىلەرنى...
●  ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ ن...
●  ئىت يىللىقلارنىڭ نىكاھ-...
●  كالا يىللىقلارنىڭ نىكاھ...
●  ئىت يىللىقلارنىڭ تەلەي-...
●  ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ ك...
●  توخۇ يىللىق كىشىلەرنىڭ ...
●  توخۇ يىللىق كىشىلەرنىڭ ...
●  توخۇ يىللىق كىشىلەرنىڭ ...
●  تۇخۇ يىللىقلارنىڭ تەلەي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى