ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ نىكاھ ئوبىكتى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-21 11:34:52 كۆرۈلۈش سانى : 456
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئىت يىللىق ئاياللارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى دولقۇنسىمانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ھېسسىياتى بىر ئاز ئەسەبىي تۈس ئالىدۇ. لېكىن، بىرەرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، چىن دىلىدىن ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئادەتتىكى مۇناسىۋەتتە بولغان تەقدىردىمۇ، خەقنى ئەخمەق قىلىدىغان ئويدا بولمايدۇ. ئۆزىنى قالتىس سەمىمىي ھېسابلاپ، خەق بىلەن توي قىلىشنىلا شەرت قىلىپ مۇئامىلە قىلىشىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن ئۆيدە تۇرالمايدىغانلاردىن بولۇپ، سىرتلارغا خىزمەتكە ماڭغاندا، ئائىلە خىراجىتىنى تولۇقلاپ قويۇشنى ئۇنتۇمايدۇ. ئىككىنچى تەرەپ بۇنى چۈشىنەمدۇ، يوق - يەنى ئىككىنچى تەرەپ سىزنىڭ سىرتقا خىزمەتكە بېرىشىڭىزغا يول قويامدۇ، يوق - مانا بۇ توي قىلىشتا ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نىكاھ ئوبيېكتىغا ئىگە بولۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.نىكاھىي قىسمەتتىكى يۇقىرىقى شەرتلەرگە توغرا كېلىدىغانلاردىن زادى كىم؟
☆ چاشقان يىللىقلار
ئالدى بىلەن چاشقان يىللىق ئەرلەر ئۈستىدە توختىلىمىز. چۈنكى سىز ئىت يىللىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شادلىقىڭىزمۇ، قايغۇڭىزمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئادەمسىز. شۇڭا، سىزدەك ھېسسىياتى دولقۇنسىمان كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش، خۇشاللىقىڭىزمۇ ۋە غەم - قايغۇڭىزغىمۇ تەڭ شېرىك بولۇش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھالىنى كەتكۈزۈۋېتىدىغان ئىش، يەنى ئېھتىياتچان بولۇش، ئالدى - كەينىگە قاراپ ئىش كۆرۈش، زىل بولۇش ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈشكە ماھىر بولۇش دېگەنگە ئوخشاش ئارتۇقچىلىقلار بولمىسا بولمايدۇ. بولمىسا خۇشاللىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەپسۇسكى، چاشقان يىللىقلار ئەنە شۇ شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىغان ئادەمدۇر.لېكىن، بۇ ھالدا، سىزدە چاشقان يىللىقلارنى كەمسىتىش خاھىشى پەيدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئىككىنچى تەرەپ بىر ئەر كىشىدۇر، سىزنىڭ ئېرىڭىزدۇر. شۇڭا سىز كۆپرەك ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك.
☆ كالا يىللىقلار، يولۋاس يىللىقلار ۋە بېلىق يىللىقلار
سىزگە ئوخشاش ئىت يىللىقلار ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ يۈرىدۇ. چۈنكى، ئىچىڭىزنى تەشۋىشكە ئوخشاش بىر نەرسە غاجىلاپلا تۇرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە تەسكىن بېرەلەيدىغان بىرەر ھەمراھ بولسىلا، ئەنسىلىكىڭىز شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ خىل مۈچەلدىكى ئادەملەر قالتىس كەڭ قورساق ئادەملەر بولغاچقا، ئۇلار ئۇششاق ئىشلارغا يېپىشىۋالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار كەڭ قورساقلاردىن بولغاچقا، ئىجتىمائىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزغا مەردلىك بىلەن يول قويىدۇ.
بولۇپمۇ يولۋاس يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئادەمنى قىلالمايدىغان ئىشقا زورلاپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار ئەر دوستلۇققا نالايىق كىشىلەردۇر. لېكىن، ئۇلار سىز بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، سىزنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىڭىزغا قاراپ، سىزگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ. دېمەك، مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلارنى پىشانىگە پۈتۈلگەن كۆڭۈلدىكىدەك لايىق دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، كالا يىللىق كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولغىنى بىلەن، ئۆز ئۆيىگە، ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنۈش جەھەتتە ئۇلاردىن زادىلا قۇسۇر تاپقىلى بولمايدۇ. |
|