ئىت يىللىقلارنىڭ تەلەي-ئامىتى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-04 11:30:14 كۆرۈلۈش سانى : 343
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
"ئىت يىللىقلار ئۆمۈر بويى تىنچ ئۆتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىق مەزگىلى تەشۋىش ئىچىدىلا ئۆتىدۇ، ياشلىق دەۋرىدە ئېھتىمال مۇئەييەن ئوڭۇشسىزلىقلارغا، قىيىنچىلىقلارغا خاتىرجەمدەك ئۆتكىنى بىلەن، بىكارچىلىق بىلەن ئۆتىدىغان ۋاقتى ھەرگىز كۆپ بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئاخىرقى ئۆمرىدە نىسبەتەن خاتىرجەم ئۆتكىنى بىلەن، ئۆزىگە يەنىلا تازا كۆڭۈللۈك ئۆتمەيۋاتقاندەكلا، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ئىنتايىن كۆپتەكلا بىلىنىدۇ ۋە ئىلگىرىكى ئىشلىرى ئۈستىدە ئۆكۈنۈپلا يۈرىدۇ. بىراق، ئۆزى خەققە بىر ئۆمۈر سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ ئۆتكىنى ئۈچۈن، يار - بۇرادەرلىرىمۇ ئۇلارغا ھەر ھالدا خەيرخاھلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
دۇرۇس، كۈندۈزى تۇغۇلغان ئىت يىللىقلار نىسبەتەن خاتىرجەم ۋە شاد - خۇرام كېلىدۇ ھەم ئاسانلا شۈكۈر - قانائەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئېھتىمال مۇھىتنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئىنسان ھاياتىنى بەلگىلەيدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك!
گەرچە ئۇلارنى بەك ئامەتلىك دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ بەرىكىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مال - دۇنيالىق بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا، تىرىكچىلىكتە ئۆزئارا داد - مۇئامىلە قىلىشىپ ئۆتىدىغان دوست - يارەنلىرى بولىدۇ، ئۇلارغا ئالدىراپلا قوشۇلۇپ كەتمەي، ئېھتىيات قىلىش، ئېھتىيات قىلىشنى ئەلا بىلىش لازىم. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكلۈكىدىن ئاگاھ بولۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىلىش كېرەككى، تىرىكچىلىكتە چىن دوست بولمايدۇ.
ئىت يىللىقلار پۇلنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار پۇلغا بىپەرۋالىق قىلمايدۇ ۋە پۇلنى تېخىمۇ زايە قىلمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، ئىت يىللىقلارنىڭ ئىچىدە پاك، قەدىر - ئەھۋال كۈن ئۆتكۈزۈشكە رازى بولۇپ ياشايدىغانلار كۆپتەك تۇرىدۇ.
بىراق، ئۇلار ئادىمەتچىلىكى كۈچلۈك، ئىنساپ - تۆۋپىقلىق بولغىنى ئۈچۈن، ئۈچىنچى بىر ئادەمنىڭ كاشىلىسىغا كېتىدۇ - دە، بۇنىڭ بىلەن يىل بويى يىغقانلىرىدىن بىر يولىلا ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بىرەر كىم پۇل بېرىپ تۇر دېسە، ئويلىنىپراق ئىش قىلغىنى تۈزۈك.
ئۇلار ئۆز غورۇرىنى دەپ بولسىمۇ خەقتىن پۇل سورىغۇسى كەلمەيدۇ. ھەمىشە بۇرۇتىنى پىلىكتە مايلاپ پولو يېدىم دېگەندەك ئىش قىلىدۇ. شۇڭا، يېڭىلگەننىڭ ئۈستىگە پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالسا، قايتىدىن باش كۆتۈرۈش تەسكە چۈشىدۇ. شۇ نەرسىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، قويۇق ھەققانىيەت تۈسىنى ئالغان شەرق مەدەنىيىتى بارغانسېرى سۇسلىشىپ، غەربچە مەدەنىيەت ئىدىيىسى خەققە سىڭىۋاتىدۇ. بۇ >خۇدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى بىلىدىغان ئادەمنىلا قۇتقۇزىدۇ< دېگەن گەپ. شۇڭا، خەققە ياردەم بېرەلمىدىم، دەپ ئۆكۈنۈشنىڭ ياكى بۇنىڭدىن ئىزتىراپ چېكىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق.
" |
|