بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مۆچەل >> كالا يىللىقلارنىڭ نىكاھ ئوبىكتى

كالا يىللىقلارنىڭ نىكاھ ئوبىكتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-08 10:36:12    كۆرۈلۈش سانى : 670  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
كالا يىللىقلار ناھايىتى كۈچلۈك سەۋرچانلىققا ئىگە بولىدۇ. مەيلى قانچىلىك ھەسرەت - نادامەتلىك ئىش بولسۇن، سىز لام - جىم دېمەي سەۋر قىلىپ تۇرالايسىز ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتەلەيسىز.  ئۇنىڭدىن باشقا، كالا يىللىقلار كۈچلۈك ئانىلىق مېھىر - مۇھەببىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇلار يولدىشىنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى خاتىرجەملىك بىلەن كۈتىدۇ، بۇنداق ئاياللارنى تىپىك ئائىلە ئايالى دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك، بۇلار توي قىلىشقا نىسىپ بولغان ئەرلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن كۆڭۈلدىكىدەك بولغىنى ئانا مۇھەببىتىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان ئوبيېكت - دائىم سىزگە ئەركىلەپ تۇرىدىغان قورقۇنچاق كىچىك مەخلۇقتۇر. ☆ چاشقان يىللىقلار چاشقان يىللىق ئەرلەر سىرتتا ئويناشقا ئۇستا كېلىدۇ، ئەمما ئويۇننى ئويۇن پېتى قىلىدۇ، ھەرگىز ئائىلىسى بىلەن كارى بولمايدىغان، سىرتتىكى ئويۇننى ئۆيگە ئېلىپ كىرىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. پەقەت مۇشۇلا ئەمەس، ئۇلار خىزمەتتە ئەستايىدىل كېلىدۇ، تاپقان پۇلىنى ئائىلىسىگە خەجلەيدۇ، سىزنىڭ ئىخلاس بىلەن پەرزەنت تەربىيىلىشىڭىزگە گەپ كەتمەيدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتقان ھالەتتىمۇ، ئەر - ئايال ئوخشاش ئىناق - ئىجىل ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر. ھالبۇكى، چاشقان يىللىق ئەرلەر كەچكىچە ئائىلە دەپلا تۇرىدۇ، ئائىلە ئىشلىرىغا ياكى ئوچاق بېشى ئىشلىرىغا ئوخشاش ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا چات كىرىۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ. بۇ ھال ئېھتىمال سىزنى بىزار قىلىۋېتىشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇنىڭ خاسلىقىدىن بولۇۋاتقان ئىش، سىز ئۇنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەرسىڭىز يامان كەتمەيدۇ. توخۇ يىللىق ئەرلەرنىڭ گېپى تولا بولىدۇ، ۋاتىلداپلا تۇرىدۇ، ئەمما گېپى تولا ئەرلەر ئەكسىچە سىزدەك سۆزگە ناباپ ئاياللارنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ، توخۇ يىللىقلار كۆز قاراشتا مۇتەئەسسىپ كېلىدۇ، ئۇلار جەمئىيەت ئىنتىزامىغا ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان تەرىپى ئەنە شۇ. ☆ توشقان يىللىقلار توشقان يىللىق ئەرلەر ھەرگىز تەۋەككۈلچىلىك قىلمايدۇ، ئۇلار ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئويلايدۇ، ناھايىتى ئېھتىياتچان كېلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك دائىم جىددىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۆيگە كەلسە ئارام تېپىپ قېلىشىمۇ ئەنە شۇ ۋەجىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئوبيېكت - سىزگە ئوخشاش ئانىلىق مېھىر - مۇھەببەتكە ئىگە ۋە كەڭ قورساق كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئايالدۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۈچەل يىللىقلاردىن باشقا >ئىت< يىللىقلار ۋە >توڭگۇز< يىللىقلار ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدىغان تويلىشىش ئوبيېكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ پىداكارلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ، پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىدۇ. بۇ يەردە يەنە ئالاھىدە مىسال قىلىپ ئېلىشقا بولىدىغان يەنە بىر شەخىس ئۈستىدە توختالماي بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ >يىلان< يىللىق ئەرلەردۇر. > يىلان< يىللىق ئەرلەر بىلەن كالا يىللىق ئاياللارنىڭ تەقدىر - پىشانىسى ياخشى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، مۇشۇ يىللاردا تۇغۇلغان ئەر - خوتۇنلارنىڭ تولىسى ئىناق - ئىجىل ئۆتىدۇ. تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىنىشىچە، ئەر تەرەپنىڭ ئائىلە، ئىقتىساد جەھەتتە تولاراق خوتۇنىغا تايىنىدىغانلارنىڭلا ئىناق - ئىجىل ئۆتىدىغانلىقى ئايان بولدى. بۇ ھال مۇشۇ يىللىقلارنىڭ ياخشى - يامىنى ئۈستىدە قايتا ھۆكۈم چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭدىن مەلۇمكى، كالا يىللىق ئاياللار نېمىدېگەن كەڭ قورساق - ھە. "


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  توڭگۇز يىللىق كىشى...
●  ئىت يىللىق كىشىلەر...
●  ئىت يىللىقلارنىڭ ن...
●  كالا يىللىقلارنىڭ ...
●  ئىت يىللىقلارنىڭ ت...
●  ئىت يىللىق كىشىلەر...
●  توخۇ يىللىق كىشىلە...
●  توخۇ يىللىق كىشىلە...
●  توخۇ يىللىق كىشىلە...
●  تۇخۇ يىللىقلارنىڭ ...
●  قوي يىلىلىقلارنىڭ ...
●  قوي يىللىق كىشىلەر...
●  قوي يىللىقلارنىڭ ك...
●  يىلان يىللىقلارنىڭ...
●  يىلان يىللىقلارنىڭ...
●  يىلان يىللىقلارنىڭ...
●  توشقان يىللىقلارنى...
●  بېلىق يىللىقلارنىڭ...
●  بېلىق يىللىقلارنىڭ...
●  يولۋاس يىللىقلارنى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  توڭگۇز يىللىق كىشىلەرنى...
●  ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ ن...
●  ئىت يىللىقلارنىڭ نىكاھ-...
●  كالا يىللىقلارنىڭ نىكاھ...
●  ئىت يىللىقلارنىڭ تەلەي-...
●  ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ ك...
●  توخۇ يىللىق كىشىلەرنىڭ ...
●  توخۇ يىللىق كىشىلەرنىڭ ...
●  توخۇ يىللىق كىشىلەرنىڭ ...
●  تۇخۇ يىللىقلارنىڭ تەلەي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى