بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> تۇرمۇش >> قانداق قىلغاندا دورىنى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا دورىنى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 11:26:41    كۆرۈلۈش سانى : 205  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
قانداق قىلغاندا دورىنى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟  ئاۋۋال بىمارنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش، ئاندىن كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ دورا بېرىش، ھەرگىزمۇ بىمارنىڭ ئۆزىدىكى سېزىمى ياكى مەلۇم بىر كېسەللىك ئالامىتىگىلا قاراپ خالىغانچە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. مەسىلەن: قىزىش، باش ئاغرىش نۇرغۇن كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئالامەت. شۇڭا، بىر قىسىم ئاغرىق توختاتقۇچى ۋە قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا، قورساق ئاغرىشمۇ بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە ئورتاق بولغان كېسەللىك ئالامىتىدۇر. ئەگەر كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ قالايمىقان ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە، بىر قىسىم جىددىي قورساق ئاغرىقى كېسەللىكلىرىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى يوشۇرۇنۇپ قېتىپ، كېسەللىككە ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇش پۇرسىتى  ئۆتۈپ كېتىپ، يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دورىنىڭ خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى، ئۇنى ئىشلىتىش ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ ناچار تەسىرى قاتارلىقلارنى چۈشىنىش لازىم. دورا ئىشلەتكەندە داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى، زەھەرچانلىقى ئاز دورىنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن: ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى بولۇپ، ئادەتتىكى زۇكام، باش ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، نېرۋا ئاغرىش ۋە ئاياللاردىكى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە پاراسېتامول (对乙酰氨基酚) ، ئاتسېتامىنوفېن (扑热息痛) ، فېنبىد (分泌得) ، سارىدون (散利痛) ، ئاسپىرىن  (阿斯匹林)  قاتارلىق دورىلارنىڭ ئىچىدىن خالىغان بىرى تاللاپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش ۋە ئاشقازان - ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئاغرىقىغا بېللادوننا (颠茄) ، ئاتروپىن  (阿托品)  قاتارلىق دورىلارنىڭ خالىغان بىرى تاللاپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ. ئەمما ئالدىنقى تۈردىكى دورىلار قورساق ئاغرىقىغا ئىشلىتىلسە، دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايلا قالماي، يەنە زىيانلىق. ئەكسىچە، كېيىنكى ئېيتىلغان دورىلارنى باش ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە ئىشلەتسە ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر باھاسى قىممەت دورا ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى دورىنىڭ باھاسى دورىنىڭ كېلىش مەنبەسى، تەننەرخى، ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ۋە دورا ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت (كارخانا) تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، بىرلىشىپ مەبلەغ چىقىرىلغان دورىلار دۆلىتىمىزنىڭ دورىلىرىدىن قىممەت بولىدۇ. دېمەك، ئىمپورت قىلىنغان دورىلار تېخىمۇ قىممەت بولىدۇ؛ قىممەت دورىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مۇنبەردىكى ئەرلەر ...
●  قانداق قىلغاندا دو...
●  بىخەتەر، مۇۋاپىق د...
●  رېتسېپسىز دورىلار ...
●  جۇڭگو تېبابىتى دور...
●  بانكا كارتىسىنى خا...
●  تېرە يىرىكلىشىشنىڭ...
●  ئۇيقۇغا يوشۇرۇنغان...
●  چاي شامىسىنىڭ 10 رول...
●  ئامېرىكا ژورناللىر...
●  ئەرلەرنىڭ 7 تۈرلۈك ...
●  ئاياللار دېيىشكە ب...
●  Bﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﯘﻏﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﯩﮕﻰ...
●  ج ك پ مەركىزىي كومى...
●  يۈرەككە زىيانلىق ئ...
●  مېھىر - مۇھەببەتتىن...
●  قىش پەسلىدە يېمەك - ...
●  چىش چوتكىلاپ ئورۇق...
●  ئەخلاق ۋە سودا
●  ئىچ كىيىم تازلىقىغ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مۇنبەردىكى ئەرلەر چوقۇم...
●  قانداق قىلغاندا دورىنى ...
●  بىخەتەر، مۇۋاپىق دورا ئ...
●  رېتسېپسىز دورىلار قاندا...
●  جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى...
●  بانكا كارتىسىنى خاتىرجە...
●  تېرە يىرىكلىشىشنىڭ ئالد...
●  ئۇيقۇغا يوشۇرۇنغان كېسە...
●  چاي شامىسىنىڭ 10 رولى
●  ئامېرىكا ژورناللىرىدا چ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى