بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> تۇرمۇش >> بانكا كارتىسىنى خاتىرجەم ، بىخەتەر ئىشلىتىش ماھارىتىنى بىلىۋېلىڭ

بانكا كارتىسىنى خاتىرجەم ، بىخەتەر ئىشلىتىش ماھارىتىنى بىلىۋېلىڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-26 14:29:14    كۆرۈلۈش سانى : 445  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بانكا كارتىسىنى خاتىرجەم ، بىخەتەر ئىشلىتىش ماھارىتىنى بىلىۋېلىڭ     مۇخبىرىمىز جاۋ گۇاڭپىڭ نەق پۇلغا سېلىشتۇرغاندا، بانكا كارتىسى بىخەتەر، تېز چىقىم قىلىش ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىسمەن ناھىيە – شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن بانكا كارتىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قارىتا، سودا بانكىلىرى ۋە بانكا ئالاقە شىركىتى تۈرلۈك تېخنىكىلىق ۋاسىتە ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كارتا ئىگىلىرىنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى.    گېزىتىمىز 20 – ئاپرېل جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ چىقىم راسچوت باشقارمىسى، جۇڭگو بانكا ئالاقە شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرىنى زىيارەت قىلىپ، بانكا كارتىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كارتىنى خاتىرجەم ئىشلىتىشى، بىخەتەر چىقىم قىلىشى ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، جۇڭگو بانكا ئالاقە شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىستېمالچىلارغا جۇڭگو بانكا ئالاقە شىركىتى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مەخسۇس تېلېفونى 95516 گە تېلېفون قىلىپ 1 گە ئۇلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.     1 – ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى: ‹‹توردا بېلىق تۇتۇش››    بۇنىڭدا ئالدامچىلار قانۇنلۇق تور پونكىتى قۇرۇۋېلىش ياكى قانۇنلۇق ئورۇننىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق يوللانما ئەۋەتىپ، تور مۇئامىلىدارلىرىنىڭ شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىنى ئالداپ قولغا چۈشۈرۈۋېلىپ، ئالدامچىلىق قىلىدۇ. تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى:    ●شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئىگىلىمەكچى بولغان ئېلېكترونلۇق يوللانمىلارغا قەتئىي جاۋاب قايتۇرماڭ. ئەگەر ئەندىشە قىلسىڭىز، جۇڭگو بانكا ئالاقە شىركىتى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مەخسۇس تېلېفونى 95516 گە تېلېفون قىلىپ 1 گە ئۇلاپ ياكى 114 تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئالاقىدار ئورگانلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ، ئېلېكترونلۇق يوللانمىدىكى تېلېفون نومۇرىغا ھەرگىز تېلېفون قىلماڭ، تەكلىپسىز تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلغۇچىغا ھەرقانداق شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلىماڭ.    ●ئېلېكترونلۇق يوللانمىدىكى گۇمانلىق ئۇلانمىلارنى ھەرگىز چەكمەڭ. توغرا تور ئادرېسىنى قولىڭىز بىلەن كىرگۈزۈپ قانۇنلۇق تور بېكىتىگە چىقىڭ ھەم قانۇنلۇق تور بېتى ئادرېسىنى E I كۆز يۈگۈرتكۈچتىكى ‹‹ساقلاش قىسقۇچى››غا قوشۇۋېلىڭ. ئېلېكترونلۇق يوللانمىدىكى ئۇلانمىنى كۆچۈرۈپ كۆز يۈگۈرتكۈچكە چاپلىماڭ.    ●تور پونكىتىنىڭ شىفىرلاشتۇرۇلۇپ قوغدالغان – قوغدالمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈڭ. كۆز يۈگۈرتكۈچ تور ئادرېسى ئىستونىدىكى تور ئادرېسىنىڭ //:http بىلەن باشلانغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆز يۈگۈرتكۈچىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ھالەت ئىستونىدا كىچىك قۇلۇپ سۈرىتى كۆرۈنىدۇ. بۇلار چىقىم بېتىنىڭ شىفىرلاشتۇرۇلۇپ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 2 – ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى: ‹‹ياغاچ ئات ۋىرۇسى›› ئارقىلىق ‹‹بىلىندۈرمەي›› تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش     قانۇنسىز ئۇنسۇرلار توردا ‹‹ياغاچ ئات›› ۋىرۇسى بار ئېلېكترونلۇق يوللانما، سۈرەت، يۇمشاق دېتال، ئويۇن قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىدۇ، يۇقىرىقى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەندە كومپيۇتېرىڭىز ‹‹ياغاچ ئات›› ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى:     ●كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. كومپيۇتېرىڭىزغا مۇرەككەپ ئېچىش شىفىرى سېلىۋېلىڭ.    ●گۇمانلىق ئېلېكترونلۇق يوللانمىلارنى چەكمەڭ. ئالدى بىلەن ساقلىماقچى بولغان ھەر قانداق قوشۇمچە ھۆججەتنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ئەڭ يېڭى ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش پروگراممىسى ئارقىلىق سىكاننېرلاپ، مەسىلە يوقلۇقىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، قوشۇمچە ھۆججەتنى ئېچىڭ.    ●ئىسچوت ئۇچۇرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداڭ. ئاممىۋى سورۇن (مەسىلەن: تورخانا)لاردا تور بانكىسىنى ئىمكانقەدەر ئىشلەتمەڭ. 3 – ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى: ATM ماشىنىسى يېنىدىكى ‹‹قىزغىن كىشىلەر››نىڭ ئالماشتۇرۇۋېلىش ھىيلىسى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئادەتتە مۇلازىمسىز بانكىلارنى تاللاپ دېلو سادىر قىلىدۇ. ئۇلار كارتا ئىگىسى ATM دا ھېساباتىنى تەكشۈرۈۋاتقان ياكى پۇل ئېلىۋاتقاندا، ئالدى بىلەن شىفىرنى ئوغرىلىقچە كۆرۈۋالىدۇ، ئاندىن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كارتا ئىگىسىنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ ھەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان كارتىنى ATM نىڭ كارتا كىرگۈزۈش ئېغىزىغا قىستۇرۇپ قويۇپ، كارتا ئىگىسىنىڭ بانكا كارتىسى چىقىپ بولغاندەك خاتا سېزىم پەيدا قىلىدۇ. تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى:    ●بىخەتەرلىك ئارىلىقى قالدۇرۇڭ.ATM نى ئىشلەتكەندە ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتا ناتونۇش كىشىلەرنىڭ شىفىرىڭىزغا ئوغرىلىقچە قاراۋاتقان – قاراۋاتمىغانلىقىغا ياكى ئۆزىڭىزگە بەك يېقىن تۇرغان – تۇرمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.    ●بانكا كارتىڭىزنى ئېنىق تونۇۋېلىڭ. كارتىڭىزنىڭ راست – يالغانلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرەلىشىڭىزگە ئاسان بولۇش ئۈچۈن، بانكا كارتا نومۇرىڭىزنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە خانىسىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ ياكى كارتىڭىزغا ئىمزايىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ ياكى بەلگە سېلىپ قويۇڭ.    ●ئېكراندىكى سۈرەتكە دىققەت قىلىڭ. پۇل ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كېتىشكە ئالدىرىماڭ، ATM دىكى ‹‹كارتىنى چىقىرىش مەشغۇلات سۈرىتى›› ‹‹بانكا ئېلان سۈرىتى››گە ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن كېتىڭ. 4 – ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى: ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئالداش    ئالدامچىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئادەتتە بانكا ياكى بانكا ئالاقە شىركىتىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، كارتا ئىگىسىگە قىسقا ئۇچۇر يوللاش ياكى تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، كارتا ئىگىسىنى ئازدۇرۇپ، ساختا قىسقا ئۇچۇردىكى تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلغۇزۇپ، كارتا ئىگىسىنىڭ ئامانەت پۇلىنى ئۆزىنىڭ ئىسچوتىغا يۆتكىۋالىدۇ.ھازىر، بۇنداق ئالدامچىلىقنىڭ يېڭى شەكلى پەيدا بولدى. مەسىلەن: ‹‹سودا سارايلىرىدا ئىستېمال قىلغانلىق›› مەزمۇنىدىكى ساختا ئۇچۇر ‹‹مۇكاپات چىقىش››، ‹‹باج قايتۇرۇش››، ‹‹كارتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش›› قاتارلىق مەزمۇنلارغا ۋە كارتا ئىگىسىنى ئالداپ تور بانكىسىدا ‹‹بىرلەشمە تور ساقچىغا مەلۇم قىلىش سىستېمىسى›› تەسىس قىلغۇزۇشقا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى:    ●جاۋاب قايتۇرماڭ. گۇمانلىق تاۋۇشلۇق تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇرلارغا جاۋاب قايتۇرماستىن، ئالاقىدار ئورۇن ياكى كارتا تارقاتقان بانكىنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسىگە بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.    ●ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلىماڭ. سالاھىيەت ماتېرىياللىرى، ئىسچوت ئۇچۇرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ، ھەر قانداق ئەھۋالدا بانكا كارتىڭىزنىڭ شىفىرىنى ئاشكارىلىماڭ. بانكا خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق كىشىنىڭ شىفىرىڭىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى يوق.    ●ھېساب يۆتكىمەڭ. ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ‹‹يېتەكچىلىكى››دەATM ياكى تور بانكىسىدا ھەرگىز مەشغۇلات قىلماڭ، بولمىسا پۇلىڭىز ئالدامچىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. 5 – ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى: قانۇنسىز كارتا بېجىرىش ۋاسىتىچىلىرىنىڭ يۇقىرى رەسمىيەت ھەققىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشى    قانۇنسىز ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى سوممىلىق ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرىش نامىدا ئالدامچىلىق قىلىش ۋاسىتىسى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل: بىرىنچى، رەسمىيەت ھەققىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ؛ ئىككىنچى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى ۋە ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ قېلىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى:    ●ئىناۋەت كارتىسى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بىۋاسىتە بانكا پوكىيى ياكى بانكا ھوقۇق بەرگەن رەسمىي ماركېتىڭ ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىڭ، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشنى باشقىلارغا ياكى قانۇنسىز ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىغا ھاۋالە قىلماڭ.    ●شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قوغداڭ. كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن ئىناۋەتلىك كارتا ېېجىرگەندە، كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ‹‹xx ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ›› دېگەندەك سۆزلەرنى ئىزاھلاپ يېزىپ قويۇڭ. 2009– يىل5– ئاينىڭ26– كۈنى  شىنجاڭ گېزىتى  


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مۇنبەردىكى ئەرلەر ...
●  قانداق قىلغاندا دو...
●  بىخەتەر، مۇۋاپىق د...
●  رېتسېپسىز دورىلار ...
●  جۇڭگو تېبابىتى دور...
●  بانكا كارتىسىنى خا...
●  تېرە يىرىكلىشىشنىڭ...
●  ئۇيقۇغا يوشۇرۇنغان...
●  چاي شامىسىنىڭ 10 رول...
●  ئامېرىكا ژورناللىر...
●  ئەرلەرنىڭ 7 تۈرلۈك ...
●  ئاياللار دېيىشكە ب...
●  Bﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﯘﻏﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﯩﮕﻰ...
●  ج ك پ مەركىزىي كومى...
●  يۈرەككە زىيانلىق ئ...
●  مېھىر - مۇھەببەتتىن...
●  قىش پەسلىدە يېمەك - ...
●  چىش چوتكىلاپ ئورۇق...
●  ئەخلاق ۋە سودا
●  ئىچ كىيىم تازلىقىغ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مۇنبەردىكى ئەرلەر چوقۇم...
●  قانداق قىلغاندا دورىنى ...
●  بىخەتەر، مۇۋاپىق دورا ئ...
●  رېتسېپسىز دورىلار قاندا...
●  جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى...
●  بانكا كارتىسىنى خاتىرجە...
●  تېرە يىرىكلىشىشنىڭ ئالد...
●  ئۇيقۇغا يوشۇرۇنغان كېسە...
●  چاي شامىسىنىڭ 10 رولى
●  ئامېرىكا ژورناللىرىدا چ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى