ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> تۇرمۇش >> قىش پەسلىدە يېمەك - ئىچمەككە ئېتىبار بېرىڭ
قىش پەسلىدە يېمەك - ئىچمەككە ئېتىبار بېرىڭ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-25 12:20:35 كۆرۈلۈش سانى : 49
(ئۈرۈمچى كەشلىك گېزىتىدىن،ئادىنا سامساق تەرجىمىسى)
1.قىش پەسلىدە قۇۋۋەت تولۇقلىغاندا كالورىيىنى ئاساس قىلىش كېرەك، يەنى كاربون سۇ بىرىكمىسى، ياغ، ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر بەدەننىڭ سوغۇققا چىداملىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، قارا، گۆش، توخۇ، ئۆردەك گۆشى، توخۇ تۇخۇمى، بېلىق، سۈت، پۇرچاق تۈرىدىكى ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنىمۇ مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كېرەك.
2.ۋىتامىن ۋە ئانىئورگانىك تۇز تولۇقلاش. قىش پەسلىدە كۆكتاتلارنىڭ تۈرى ئاز بولغاچقا، ئانىئورگانىك تۇز ۋە ۋىتامىننى كۆپرەك تولۇقلاپ، كالىتسىي ۋە تۆمۈرنىڭ تولۇق قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سەۋزە، يېسىۋېلەك، تاتلىق بەرەڭگە قاتارلىق يىلتىز غوللۇق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئانىئورگانىك تۇز مول ئىكەن.
3.قىش پەسلىدە ئۈچ پايدىلىق يېمەكلىك، يەنى شوۋىگۈرۈچ، ئىسسىقلىق يېمەكلىكلەر، قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. |
|