چىش چوتكىلاپ ئورۇقلاش
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-19 17:37:05 كۆرۈلۈش سانى : 129
لىسا. گىدىنادىن ئۆزى ئامراق ئورۇقلاش قورالىنىڭ نېمىلىكىنى سورىسىڭىز، ئۇ سىزگە چىش چوتكىسىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇنداق چىش چوتكىلاش ئالتە ئاي ئىچى ئۇنىڭ 11 كىلوگرام ئېغىرلىقىنى يوقاتتى.
ئىككى قېتىم بوشانغاندىن كېيىن نيۇيوركلىق لىسا تېزراق زىلۋالىشىشنى ئويلايدۇ. بىراق ئۇ يېڭى تۇغۇلغان قوشكېزەك قىز ۋە ئۈچ ياشلىق ئوغلىغا قارىغاچقا، ئۇنىڭ يېمەكلىك ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق پىلانلىق ئورۇقلاشقا ۋاقتى يوق ئىدى.
تاماقتىن ئۆزىنى كونترول قىلسىلا ئۆزىنىڭ ئارتۇق گۆشلىرىنى يوقىتالايدىغانلىقىغا، ئېنېرگىيىنى كونترول قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئىشلەتكەن ئاقىلانە ئۇسۇلنى يەنە ئىشلەتتى.
ئۇنىڭ ئامالى تاماقتىن كېيىن ئۇدۇل ئاشخانىغا كىرمەي، يۈز يۇيۇش ئۆيىگە كىرىپ، چىش چوتكىلاش بولدى. ئۇ: >بۇ ئىش مېنىڭ تاماقنى يەپ بولغىنىم ھەققىدە سىگنال بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر مېنىڭ ئۇششاق - چۈششەك يېگىم كېلىپ كەتسە، مەن ئۆۈمگە چىش چوتكىلاپ بولغانلىقىمنى ئەسكەرتىمەن.< دەيدۇ.
بۇ ئاددىي ئۇسۇل 35 ياشلىق لىسانىڭ 2 - قېتىم زىلۋالىشىشىغا ياردەم بەردى. بۇ قېتىملىق ئورۇقلاش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئورۇقلىشى بولۇپ قېلىشى قارارىغا كەلدى.چىشىڭىزنى چوتكىلاپ سىناپ بېقىڭ.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن چىشىڭىزنى چوتكىلاڭ، بۇ ئاددىي ۋەزىپە سىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تامىقىڭىزنى يەپ بولغانلىقىڭىزنى مېڭىڭىزگە يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، چىش پاستىسى تاماقنىڭ تەمىنى يوقىتىدۇ. چىشىڭىزنى چوتكىلاپ بولۇپلا يەنە نەرسە يەپ قالسىڭىز تەمى ئانچە تېتىماي قالىدۇ. ئۇ يەنە چىش مىلىكىڭىز ۋە ئېغىز تازىلىقىڭىزغىمۇ پايدىلىق.
|
|