بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> تەرمە گۈللەر >> يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ سىرى

يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ سىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-24 09:47:22    كۆرۈلۈش سانى : 168  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
[align=center]يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ سىرى چيەن يۈ[/align] يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى 1994- يىلى بايقالغاندىن بېرى ئىزچىل ھالدا جەمئىيەتتىكى ھەر  ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، خىلمۇ- خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ سىرلىق قىياپىتى ئاشكارىلانماي كەلگەنىدى. 4- ئاينىڭ 19- كۈنى  فرانسىيىلىك ۋە جۇڭگو شىنجاڭلىق ئارخېئولوگلار تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك نەتىجىلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئارخېئولوگلار پارىژدا يۇمىلاقققۇم قەدىمىي شەھىرىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلغاندا، بۇ يادىكارلىقلار پۈتۈن ياۋروپانى زىلزىلىگە سالدى، فرانسىيە پرىزدېنتى شىراك ئاتايىتەن بۇ كۆرگەزمىنى كۆردى ھەم «بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە دۇنيا خەلقنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى. يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى زادى قانداق شەھەر؟ بۇ يەردە قانداق  ئادەملەر ياشىغان؟ بارسا كەلمەس بۇ ھالاكەت دېڭىزىدا بۇ شەھەر زادى قانداق مەۋجۇت بولغان؟ [color=#FF0000][align=center]ھەيران قالارلىق بايقاشلار[/align][/color]      1994- يىلى 10-ئاينىڭ 18- كۈنى جۇڭگو – فرانسىيە بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى سەككىز تۆگە بىلەن يولغا چىقىدۇ. ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ئەترەت باشلىقى، فرانسىيە ئارخېئولوگى ھىنرى پائۇل فرانكفورت مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. فرانسىيىلىك ئارخېئولوگ روئەيلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئەزا  ئىدى. 1994- يىل 10- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچ، ئارخېئولوگلارنىڭ قۇملۇققا كىرگەن يەتتىنچى كۈنى ئىدى، ئۇلار كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاچالغا كېلىپ قالغانىدى. بۇ چاغدا ئۇلار قاتتىق چارچىغان بولۇپ، مېڭىش ئىنتايىن قىيىنغا توختاۋاتاتتى. كەچى شەپەق نۇرى قۇملۇقنىڭ ئۈستىدە جۇلالىنىپ تۇراتتى. ئادەمنى تېخىمۇ شۈبھىلەندۈرىدىغىنى، يىراقتا قىپقىزىل نۇرلارنىڭ ئىچىدە  ئۇشتۇمتۇتلا قارا رەڭىك بىر نەرسە پەيدا بولۇپ قالغانىدى. بۇ  زادى نېمە ئىشتۇ؟ كۆپچىلىك ھەيران ھالدا ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئويلىمىغان يەردىن كۆپچىلىكنىڭ كۆز  ئالدىدا بىر نامسىز شەھەر  نامايەن بولىدۇ. گەرچە كۈن ئولتۇرۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەتراپنى خېلىلا  ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. قەدىمىي شەھەر قانۇنىيەتلىك رەۋىشتىكى تۆت تەرەپلىك ئەمەس، شاپتۇلغا ئوخشاپ كېتەتتى. شەھەرنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 995 مېتىر، ئۆرۈلۈپ كەتكەن سېپىل تېمىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن تۆت مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىز جايى 11 مېتىر ئىدى. جەنۇبىي سېپىل ۋە شەرقىي سېپىلدىن قوۋۇق ۋە يوللارنىڭ ئىزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. شەھەر ئىچىدىمۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىزنالىرى بار ئىدى. سېپىلنىڭ ئىككى قاسنىقىدا توغراق كۆتەكلىرى بار  بولۇپ، سېپىل تاملىرىدا يانتاق،  چاكاندا، قامغاق قاتارلىق نەرسىلەر ئۆسۈپ كەتكەنىدى. فرانسىيە ئارخېئولوگى ھىنرى پائۇل فرانكفورت: «شەھەر ئىچىگە نۇرغۇنلىغان چوڭ- كىچىك يارغۇنچاقلار تارقالغان، بۇ دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ » دەيدۇ. ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنى ھەيران قالدۇرغىنى شەھەر ئەتراپىدىكى تىك- توغرا كېسىشىپ كەتكەن ئېرىق- ئۆستەڭلەر تورى ئىدى!  ئېرىق- ئۆستەڭلەر جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاقاتتى. بەزى جايلاردا يار ئىزنالىرى بار ئىدى. ئېرىق- ئۆستەڭلەر ئاساسلىقى شەھەرنىڭ غەربىگە توپلاشقان، بۇ قەدىمىي شەھەربىلەن كېرىيە دەرياسىنىڭ بۇرۇنقى قىنى ئاساسەن ماس كېلىدۇ. فرانسىيىلىك زوئولوگىيە ئارخېئولوگى سېباستىن يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىدە  نۇرغۇنلىغان ھايۋانات سۆڭەكلىرىنىڭ بارلىقى، قوي، تۆگىلەرنىڭ سۆڭىكىنىڭ تېخىمۇ  كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. كالا، ئات، ئېشەك، ئىت ۋە بۇغا، توشقان، بېلىق  قاتارلىقلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ، «چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق قاتارلىقلارنىڭ يۇمىلاققۇملۇقلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى،كالىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئاساسلىق تېرىقچىلىق قورالى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دەيدۇ سېباستىن تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن  باشقا قەدىمىي شەھەردىن بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەر بايقالغان بولۇپ، بۇلاردىن يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىك قىياپىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ۋە فرانسىيىلىك مۇتەخەسسىسلەر «يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ بايقىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.  نىيە، دەندان- ئۆيلۈك، قارا دۆڭ قەدىمىي شەھىرى بايقالغاندىن كېيىن، بىز، كىشىلەر ئەڭ دەسلەپتە دەريا- ئېقىنلارنى بويلاپ تۇرمۇش كەچۈرگەنىكەن، دېگەن قاراشقا كېلىشتۇق. شۇنداق بولغانىكەن، قارا دۆڭدىن ئىبارەت بۇ نامى مەشھۇر قەدىمىي شەھەردىن باشقا كېرىيە دەرياسى ساھىلىدىكى باشقا جايلاردا جەزمەن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكىى تۇرمۇشىنىڭ ئىزنالىرى مەۋجۇت» دەپ قاراشقانىدى. يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ بايقىلىشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھرىنىڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات خىزمىتىگە ئىلگىرى- كېيىن 12 يىل ۋاقىت كەتتى. يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى 100 يىلدىن بۇيانقى كېرىيە دەرياسى ساھىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئارخېئولوگىيىلىك بايقاش، شىنجاڭدىن بۈگۈنگىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمىي شەھەر ھەم جۇڭگو- فرانسىيىنىڭ كېرىيە دەرياسىدا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيىلىك  تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ  ئەڭ زور نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. [align=center][color=#FF0000]قەبرىلەرنى قېزىش[/color][/align] يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىدە زادى قانداق ئادەملەر ياشىغان. يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىن ئالتە قەبرە توپى بايقالغان. قەبرىلەردىن تېرە كىيىم، يۇڭ رەختتىن تىكىلگەن كىيىم، ساپال، ياغاچ بويۇملار ۋە ئۇششاق مىس، تۆمۈردىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى چىققان،  ئىنسانشۇناسلار مەزكۇر قەبرىگە دەپنە قىلىنغان كىىشىلەرنىڭ ئىرق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بۇ قەبرىنىڭ يىل دەۋرىنى مۇندىن  تەخمىنەن 2100 يىل بۇرۇن  دەپ بېكىتىدۇ. 2001- يىلى كۈزدە جۇڭگو – فرانسىيە ئارخېئولوگىيە خادىملىرى يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىدىكى قەبرىلەرنى قېزىشقا باشلىدى. قەبرىلەرنىڭ زور كۆپىنچىسى يەر ئۈستىگە چوقچىيىپ تۇراتتى، ئەتراپتا دەپنە بۇيۇملىرى، ئادەم سۆڭەكلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل ساقلانغان قەبرە ئۈچ ئىدى، جەسەت ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغانىدى. ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل:« يېقىن ئەتراپتىكى جايلاردىكى ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلاردا ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ دەپنە قىلىش شەكلى كەمدىن- كەم ئۇچرايتتى »، دەيدۇ. نىسبەتەن پۇختا ساقلانغان بىر نەچچە قەبرىدىن يۇمىلاققۇملۇقلارنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئۇلار  يۇڭ رەخت، تېرە رەختلەردىن كىيىم  كىيىۋالغان بولۇپ، پوتا  باغلىۋالغانىدى. مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپكى قەدەمدە  يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىدىكى قەبرىلەرنىڭ تۆت خىل شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇلار توغراق شاخلىرىدىن ياسالغان تاۋۇتتا دەپنە قىلىش، تىك ئورەك شەكىلدىكى شاخ تاۋۇتتا دەپنە قىلىش، تىك ئورەككە دەپنە قىلىش، ياغاچ تاۋۇتتا   دەپنە قىلىش قاتارلىقلار ئىدى. ياغاچ تاۋۇت ئىچىدىكى ئەر يالغان چاچ كىيىۋالغان، چېچى قوڭۇر رەڭلىك، قاڭشارلىق، ئورا كۆز بولۇپ، شاخ- شۇمبىلار ئارىسىغا ئوڭدىسىغا  ياتقۇزۇلغانىدى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى بوران- چاپقۇنلار ئۇلارنىڭ چىرايىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى. ئۇلار زادى قانداق ئادەملەر؟ قەدىمىي شەھەرنى قۇم بارخانللىرى قاپلىغانىدى. قۇم ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ قالغان قىزىل رەڭلىك  بىر ساپال كوزا ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭدىن چاقناپ تۇرغان قىزىل رەڭ، كىشىلەرنى تارىخ ھەققىدىكى بىلىملەرگە ئۈندەيتتى. قۇملۇقتىكى ساپال كوزا  گويا بىر ئاچقۇچقا ئوخشاش، ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنى قەدىمكى نامەلۇم بىر دۇنياغا جەلپ  قىلىپ تۇراتتى. قەبرىدىن بايقالغان توقۇلما بۇيۇملاردىن قارىغاندا، 2000 نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى يۇمىلاققۇملۇقلار يۇڭ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىغا ئىنتايىن پىششىق بولغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئۇلار قوي يۇڭى ۋە تۆگە يۇڭىنى ئىشلىتىپلا قالماي، ئاتنىڭ قۇيرۇقىدىكى قىللارنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلىگەن. رەڭ ۋە رەسىم تاللاش جەھەتتىمۇ قەدىمكى يۇمىلاققۇملۇقلار مول تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. يۇڭ توقۇلما بۇيۇملىرى ئاق، سېرىق، قىزىل، كۆك، سۆسۈن، قارا،  ھەتتا كافې رەڭدە بويالغان. رەڭ  ماتىرىياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى زىرائەت ۋە كان مەھسۇلاتلىرىدىن، ھاشاراتلاردىن ئالغان. يۇڭ جىيەكلەرنىڭ تېخنىكىسى بىر قەدەر پىشقان بولۇپ، ئۇلار چاپان، ئىشتان، ۋە كۆڭلەكلەرنىڭ بېزەكلىرىگە ئىشلىتىلگەن، رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى گېئومتىرىيىلىك شەكىللەردىن ئىبارەت بولۇپ، تۈز  نەقىش ۋە قاپارتما نەقىشلەر ئىدى. « بەزىدە تۈز نەقىش ئارىسىغا قاپارتما نەقىش، بەزىدە قاپارتما نەقىش ئىچىگە تۈز نەقىش ئېلىنغان، بۇنىڭدىن  ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ »، دەيدۇ گاۋىننا دىباننا فرانكفورت. [color=#FF0000][align=center]قەدىمكى يۇمىلاققۇملۇقلار زادى قانداق مۇھىتتا ياشىغان[/align][/color] 2001- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىگە قارىتا تۆتىنچى قېتىملىق دالا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئارخېئولوگىيە  ئەتىرىتى ھازىرقى يۇمىلاققۇم شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن قۇرۇپ كەتكەن توغراقلارنى بايقىغاندىن باشقا، قەدىمىي شەھەر ئەتراپىدىكى ئاللىقاچان يوقىلىپ كەتكەن ئۆسۈملۈك ۋە سۇ مەنبەسىنى بايقايدۇ. سۈنئىي ھەمراھ رەسىمىنى ئانالىز قىلىش ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈش  خىزمىتى بۇنىڭدىن  2000 يىل بۇرۇن بۇ جايدا ئىنتايىن زىچ دەريا تورلىىرى بارلىقى، ئۆسۈملۈك،  دەرەخلەرنىڭ بۈك-باراقسان ئۆسۈپ تۇرىدىغانلىقى، نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار، مەسىلەن، ياۋا توڭگۇز، ياۋ تۆگە، تۈلكە، تارىم توشقىنى، ھىندىستان چاشقىنى، قۇملۇق چاشقىنى، قارچىغا قاتارلىقلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى بۇ ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ھاۋا كېلىماتىنىڭ بىر قەدەر نەم ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تۆتىنچى قېتىملىق دالا تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، قۇش تۈرلىرى مۇتەخەسسىسى مامېڭ قۇش تۈرلىرىنىڭ قۇملۇقتا بولۇشى چوقۇم تاسادىپىيلىق، ئاق قاناتلىق تۆمۈر تۇمشۇق، قۇملۇق بۇلبۇلى، ئاق قۇيرۇقلۇق قاغا، كىچىك  تۇمشۇقلۇق قاغا قاتارلىق ماسلىشىشچانلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك قۇشلار قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسى ۋە توغراقلىقلاردا ياشىيالايدۇ. باشقا زور كۆپ ساندىكى قۇشلار كۆچىدىغان قۇشلاردۇر. ئۇلار قىش پەسلىنىڭ قۇشلىرىدۇر، دەپ قارايدۇ. « پەسىل قۇشلىرى ھاۋا بەك ئىسسىق ۋاقىتتا قۇم دېڭىزىدا ياشىيالمايدۇ. بىز يۇمىلاققۇم شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىن ئادەتتىكى ئۆردەك ۋە غازلارنىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىدۇق»، دەيدۇ مامېڭ. گاۋىننا دىباننا فرانكفورتمۇ قەبرىلەرنى ئارخېئولوگىيىلىك قازغاندا، يۇمىلاققۇملۇقلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ شۇنداق مول ئىكەنلىكىنى، بۆرە تېرىسىدىن جۇۋىلارنى تىككەنلىكىنى  بايقايدۇ.  ئۇ « بۇ ئەينى دەۋردە بۇ خىل  بۆرىنىڭ ئىنتايىن  كۆپ ئىكەنلىكى، يۇمىلاققۇملۇقلارنىڭ ئۇنى ئاسانلا ئوۋلىيالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ »، دەپ قارايدۇ. چوڭ تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارمۇ بۇ يەرلەردە ئىز قالدۇرغان. فرانسىيىلىك ھايۋانات ئارخېئولوگى سېباستىن، سىۋىن ھىدىن 1896- يىلى 2- ئايدا كېرىيە دەرياسىنى كېسىپ ئۆتكەندە، شىنجاڭ يولۋىسى،  قۇلان قاتارلىقلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋاللىرىنى چۈشەنگەنىدى، بۇ ھايۋانلارنىڭ ئىزلىرى ھازىرمۇ بار، دەپ قارايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر كېرىيە دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسى ئايرىلىپ كەتكىلى 1000 يىل بولاي دېدى. نۇرغۇن ھايۋانلار، مەسىلەن، شىنجاڭ يولۋىسى، قۇملۇق چاشقىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىپ بولدى، دەپ قاراشتى، ئۇلار يەنە  مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىش ئامىللىرىدىن باشقا ئىنسانلارنىڭ ئوۋلىشىمۇ ھايۋانلار تۈرلىرىنىڭ يوقىلىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب، دەپ قاراشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گاۋىننا  دىباننا فرانكفورت ئېيتقاندەك:« بۇ يەرنىڭ ئىزچىل ئىنسانلارنىڭ پائالىيتى ئەڭ گۈللەنگەن رايونلارنىڭ بىرى » ئىكەنلىكىنىمۇ ئىسپاتلاشتى. ئۇنداقتا، « ئىنسانلار پائالىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن بۇ جاي » نېمە ئۈچۈن قۇم ئاستىدا قالغان؟ دەريا ئېقىنلارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشى يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ سېپىللىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان كاربون 14 تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ يىل دەۋرى بۇنىڭدىن 2200 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا، غەربىي خەن سۇلالىسى مەزگىلىگە توغرا كېلىدىكەن، يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىدىن غەربىي خەن سۇلالىسىدىن كېينكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلمىغان.شۇڭا، جۇڭگو- فرانسىىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىردەك: «بۇ شەھەر جەزمەن غەربىي خەن سۇلالىسىدىن كېيىن ھالاك بولغان»، دەپ قاراشتى. گەرچە يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى قۇملۇقتىكى بىر يېگانە ئارالغا ئوخشىسىمۇ، لېكىن ئارخېئولوگلار بۇ شەھەرنىڭ يىپەك يولى ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا تاشقى دۇنيا بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مەسىلەن، ئاياللارنىڭ بوينىغا تاقىۋالغان مارجان جەزمەن غەربتىن كەلگەن، بۇ يەر ئەڭ دەسلەپتىلا شەرق- غەرب مەدەنىيىتى ئۆز- ئارا ئۇچرىشىدىغان جاي بولغان، دەيدۇ فرانسىيە ئىلىم- پەن مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋىننا دىباننا فرانكفورت. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تەھلىل قىلىشتىن بايقىلىشىچە، يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى جايلاشقان رايون كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمىي بىر ئاچىلى ئىكەن، كېرىيە دەرياسى كۇئېنلۇن تېغىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتىن شىمالغا تەكلىماكان قۇملۇقىغا قاراپ ئاقىدۇ، بۇ دەريا ھازىرقى كېرىيە بوستانلىقىنى بېسىپ ئۆتۈپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە تەخمىنەن 200 كىلومېتىر كىرگەندىن كېيىن ئاستا- ئاستا يوقاپ كېتىدۇ. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق قەدىمىي كېرىيە دەرياسىنىڭ بىر تارمىقىنىڭ يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنى چۆرىدەپ تەبىئىي مۇداپىئە سېپىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ شىڭجيا تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېرىيە دەرياسىنىڭ ھازىرقى خوتەن دەرياسىغا ئوخشاش جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىدىكى تارىم دەرياسى بىلەن تۇتىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. «يۇمىلاققۇملۇقلار ياشىغان  ئاشۇ دەۋر دەل كېرىيە دەرياسى ئاچىلى ۋە دەريا يولىنىڭ قۇملىشىۋاتقان مەزگىلى بولغان»، دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل. ئۇ يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ قۇملىشىشى بىر تەدرىجىي جەريان، دەپ تەھلىل  قىلىدۇ. شەھەردىكى 1.2 مېتىرلىق قېلىنلىقتىكى توپا قاتلىمىنىڭ ئاستى قومۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستى پەيدىنپەي قۇملىشىپ كەتكەن. كېرىيە دەرياسىنىڭ ھازىر يوقاپ كەتكەن جايى شىمالدىكى تارىم دەرياسىغا 200 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئارىلىق بولسا چەكسىز قۇملۇقتۇر. «2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن  بۇيان كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى شەرققە تەخمىنەن 40 كىلومېتىردىن 60 كىلومېتىرغىچە كۆچكەن، مۇھىتتىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن»، دەيدۇ مامېڭ.  مۇتەخەسسىسلەر  بۇ ئامىل سۇغا تايىنىپ ياشايدىغان يۇمىلاققۇملۇقلارنىڭ يۇرتىىنى تاشلاپ كېتىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن،  دەپ قارايدۇ. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى يۇمىلاققۇم شەھىرىنىڭ شىمالىنى تەكشۈرۈۋېتىپ، ساپال پارچىلىرى ۋە ئېگەر شەكىلدىكى يارغۇنچاق قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنى بايقايدۇ. ئۇلاردىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىك يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سېغىزدىن ياسالغان ساپال پارچىلىرى قىزىل رەڭدە بولۇپ، نەقىشلىرى باسما نەقىشلەر ئىدى، يەنە يېرىم  ئاي شەكىلدىكى تاش ئورغاق قاتارلىق ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىممەتلىك بۇيۇملار بار بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايتتى. ئەمما يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سېغىزدىن ياسالغان قىزىل ساپاللارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاز، كۈل رەڭ ساپاللار نىسبەتەن كۆپ ئىدى. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قەبرىلەردىكى ساپاللارنىڭ كۈل رەڭدە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدۇ. «بۇ كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىنى كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربتىن شەرققە قاراپ يۆتكىلىشى بىلەن بىردەك بولغان. بۇ كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربىي شىمال ئايىغىدىكى ئاچالنىڭ ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ ئىسپاتلىدى»، دەيدۇ ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل. مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ئىنتايىن ئېنىق ئىدى، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئۆسۈملۈكلەردىن بۇنىڭ تولۇق دەلىلىنى تاپتى. ئارخېئولوگلار يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ نەچچە كىلومېتىر دائىرىسىدىن بىر تۈپمۇ توغراق تاپالمايدۇ. ئەمما يۇمىلاققۇملۇقلارنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى توغراقتىن ياسالغان، ھەتتا قەبرىلەرمۇ توغراقتىن ياسالغانىدى. ئىسىنىش ۋە تاماق ئېتىدىغان يېقىلغۇلارمۇ توغراقتىن ئايرىلمايتتى. «بۇ ھادىسىدىن شۇنداق بىر خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، ھەددىدىن زىيادە كېسىش بوستانلىقنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى زور دەرىجىدە يامانلاشتۇرۇۋەتكەن»، دەپ قارايدۇ ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل. 12 يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ نۇرغۇن سىرلىرى ئېچىلدى، شۇنداقتىمۇ جۇڭگو- فرانسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى  ئويلاندۇرۇشپ قويغىنى، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن بايقالغان كروران،  نىيە،  دەندان- ئۆيلۈك قاتارلىق مەشھۇر خارابىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىدە  خاتىرىلەنگەن، ھەتتا چەت ئەل ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنى تۈركۈملەپ جەلپ قىلغانىدى. ئەمما قۇملۇقنىڭ مەركىزىدىكى يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنى  ھېچقانداق تارىخ كىتابلىرىدىن ئۇچراتقىلى بولمايتتى.  بۈگۈنگىچە يۇمىلاققۇملۇقلار ئېتىقاد قىلغان دىن، ئشىلەتكەن تىل توغرىسىدا ئارخېئولوگىيە خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك يازما نەرسىلەرنى تاپالمىدى. «بۇمۇ يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى بىزگە قالدۇرغان بىر سىر »، دەيدۇ ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل. شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئارخېئولوگىيە ئەترىتى كېرىيە دەرياسىنىڭ كونا دەريا قىنىدىن غەربىي شىمالغا  قاراپ داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمىدى. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربىي شىمالىي ئايىغىدا يەنە چوقۇم مىس قورال ۋە تاش قوراللار دەۋرىگە  ئائىت مەدەنىيەت ئىزلىرى  بار، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشتى. « بۇ ھۆكۈم بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ »، دەيدۇ ئىدىرىس ئابدرۇسۇل. قانداقلا  بولمىسۇن، 2001- يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن كېرىيە دەرياسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى فرانسىىيە، شۇنداقلا پۈتكۈل ياۋرۇپانى زىلزىلىگە سالدى. بۇ  قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان نەرسىلەر فرانسىيە- جوڭگو بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلىرى ئىدى. (« شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى» نىڭ 2006- يىللىق 10- مايدىكى سانىدىن قىسمەن  قىسقارتىپ ئىدىرىس نۇرۇللا تەرجىمە قىلدى )


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىمجىتلىق تۈنى
●  يۇمۇلاققۇم قەدىمىي...
●  ئۈلۈم ھىدى(رەخىم يا...
●  دۇغ...(چىمەنگۈل ئاۋۇ...
●  1933-يىلى 2-ئايدا قارا...
●  قاسىم سىدىق: زاماند...
●  ئانا يۇرت رومانىنى...
●  مۇنبىرىمىز نىڭ ئەز...
●  سۆيگۈ دولقۇنلىرى(ئ...
●  ئۆزۈم ھەر جايدىمەن...
●  قاسىم سىدىق: ئالەمن...
●  گاچا بۇلبۇل......ئابد...
●  مۆمىنجان ئابلىكىم ...
●  ئۆيىدىن يامانلىغان...
●  كۆتۈرمە پەريات
●  زۇلپىقارى بول
●  مېنىڭ مۇمام ۋە تۇنج...
●  ئىككى شىىئېر بۇغدا...
●  ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﯬﭘﺴﯘﻥ
●  پوشكىن شېئىرلىرىدى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىمجىتلىق تۈنى
●  يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھى...
●  ئۈلۈم ھىدى(رەخىم ياسىن ق...
●  دۇغ...(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
●  1933-يىلى 2-ئايدا قاراقاش ن...
●  قاسىم سىدىق: زامانداشلى...
●  ئانا يۇرت رومانىنىڭ ئاۋ...
●  مۇنبىرىمىز نىڭ ئەزاسى ئ...
●  سۆيگۈ دولقۇنلىرى(ئەسقەر...
●  ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى