ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> تەرمە گۈللەر >> مۇنبىرىمىز نىڭ ئەزاسى ئابدۇرشىت مۇھەممەتئىمىن خەلقئارالىق ژورنالدا شېئر ئىلان قىلدۇردى
مۇنبىرىمىز نىڭ ئەزاسى ئابدۇرشىت مۇھەممەتئىمىن خەلقئارالىق ژورنالدا شېئر ئىلان قىلدۇردى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 14:56:00 كۆرۈلۈش سانى : 192
مۇنبىرىمىزدىكى ياش يېتىلىۋاتقان شائىر ئابدۇرىشىت مۇھەممەتئېمىنىڭ<چېقىلغان ئەينەك مەن > ناملىق تۇنجى ئىنگلىزچە شېئىرى خەلقئارالىق شېئرىيەت تور بېتى
[url]www.sonnetmondal.co.nr[/url] گە يوللانغاندىن كىيىن شۇ توربەتتىكىلەر ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن 1873 پارچە شېئىر ئېچىدىن تاللانغان 25 پارچە شېئىرنىڭ ئېچىگە كىرىپ توۋەندىكى خەلقئارالىق ژورنالدا ئىلان قىلىندى .تەپسىلاتىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ
[url]https://www.theenchantingverses.co.nr[/url]
[align=center]چېقىلغان ئەينەك مەن
ئابدۇرشىت مۇھەممەتئېىمىن
چېقىلغان ئەينەك مەن
ۋادەرىخ ! چېقىلغان ئەينەكمەن راستلا،
سەن سوقۇپ ئۆتكەندە كۆزلىرىڭ بىلەن.
يۈرەكتە ساقلىسام سەن ئۈچۈن بىر گۈل،
كۈلمىگىن زاڭلىق قىپ ئەي شېرىن لىۋەن.
چېقىلغان ئەينەكمەن راستلا چېقىلغان،
شۇ خىلۋەت، شۇ پىنھان ئەشۇ ياقىدا.
ئۆزگىلەر بىلمەيدۇ مەن ھەم سۆيگۈمنى،
پۇرىماس گۈلۈمنى كۆڭۈل زوقىدا.
چېقىلغان ئەينەكمەن، ھەق راسىت چېقىلغان،
تاشلاندۇق كىتابتا قالغان ئەپسانە.
ھەتتاكى چۈشۈمدە نەزەر سالمايسەن،
مىسرالار نەزەرسىز شۇنچە پىنھانە.
چېقىلغان ئەينەكمەن چۇل چۇل چېقىلغان،
ۋە بېراق ھەر پارچەم كۆرسىتەر پۈتۈن.
كۆرسىتەر شۇنداق بىر سۈزۈك باھارنى،
ھەم سۇنغان يۈرەكنى مەڭگۈ سەن ئۈچۈن.
بۇ ئېنگىلىزچىسى
I am a broken mirror
by Abdul - rasheed
I am a broken mirror,
Which was broken when you look.
There is a hidden rose in my heart,
And never laugh at me as a kook.
I am a broken mirror,
Where was broken in the nook.
No one knows me and my love,
And never looked my rose or took.
I am a broken mirror,
Just as a myth in the old book.
You never read it even in dream,
Never read a line even is a hook.
I am a broken mirror,
But show you complete even every part.
It'll show clear spring to you,
Forever show to you my broken heart. [/align]
ئەسىرىم شىېئىرىيەت مۇنبىرىدىن ئېلىندى. |
|