بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> تەرمە گۈللەر >> 1933-يىلى 2-ئايدا قاراقاش ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن "ئىسلامچىلار قوزغىلىڭى"

1933-يىلى 2-ئايدا قاراقاش ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن "ئىسلامچىلار قوزغىلىڭى"

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-24 09:53:23    كۆرۈلۈش سانى : 420  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
[align=center][color=#FF0000]1933- يىلى 2- ئايدا قاراقاش ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن «ئىسلامچىلار قوزغىلىڭى» نىڭ خوتەن شەھىرىگە بېسىپ كەلگەنلىكى ۋە خوتەندىكى ھەرىكەتلەر توغرىسىدا[/color][/align] 1933- يىلى خوتەندە يۈز بەرگەن «ئىسلام قوزغىلىڭى» دېگەن ۋەقە بىر يېرىم داۋام قىلغان تارىخىي ھادىسە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشغالىيىتى ۋە تەسىرى پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتىنى قاپلىغاننىڭ سىرتىدا يەكەن، يېڭىسار، قەشقەرگىچە يېتىپ بارغان. بۇ ۋەقەنىڭ ئۆتمۈش جەريانى ۋە سىياسىي مەنزىرىسى ھازىر خوتەن شەھىرىدە ياشاۋاتقان يېشى 60 تىن ئاشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەس- خاتىرىسىدە تېخى بار، قوزغىلاڭنى تەپسىلىي جەريانى  بىلەن تونۇشتۇرۇش ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي شارائىت، شۇنداقلا باشقا ئىچكى، تاشقى سەۋەبلەردىن ۋاقىپ بولۇش، شەھىرىمىز خوتەننىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتىلىرى  ۋە ئۇنىڭ قالدۇرغان تەسىرى، چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم بولغان شەرتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ كۈتۈلمىگەندە يۈز بېرىشى ۋە بىر نەچچە كۈن ياكى بىر ھەپتە ئىچىدىلا پۈتۈن ۋىلايەت  بويىچە كېڭىيىپ كېتىشى، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا دېھقانلار ئاممىسى ۋە شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ كالتەك كۆتۈرۈپ كەڭ  كۆلەمدە قاتنىشىپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ ۋەقە ھەرگىز تەساددىپىي ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي ھادىسە ئەمەس ئىدى. بىر نەچچە نەپەر  شەخسنىڭ تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا چىققان ۋەقە ۋە  ياكى مەلۇم  نوپۇزلۇق شەخسىلەرنىڭ دىنىي تەسىرى خەلقنىڭ دىنىي ھېسىياتى بىلەنلا قوزغالغان ۋەقە مۇ بولماستىن، بەلكى شۇ دەۋرىنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۆتكۈر زىددىيەتلەر ھەم خېلى ئۇزۇن مۇددەتتىن بېرى جەمئىيەتتە داۋام قىلىپ كەلگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي زۇلۇم ۋە ئىستىبداتنىڭ ھەددىن ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ بار ئىدى. بۇنىڭ بەزىسى يۇقىرىدا سۆزلەندى، تەپسىلىي ئەھۋال  تۆۋەندىكىچە: 1885- يىلى، دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن خوتەن،قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، كۇچا، كورلا، قارا شەھەر، ئۈرۈمچى، قۇمۇل  قاتارلىق بىر نەچچە ۋىلايەتلەردە 14 يىل داۋام قىلغان ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى زو زۇڭتاڭ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، يېڭىباشتىن شىنجاڭ بولۇپ ۋەتەن  قوينىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ خەلقى يەنە 40 يىلدىن  ئارتۇق داۋام قىلغان مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئۇنىڭ يەرلىك قول چوماقلىرى بولغان ۋاڭ، گۇڭ، ئامبال،  دارىنلار  ۋە بەگ، دوغىلىرىنىڭ شۇنىڭدەك فىئوداللارنىڭ، چەت ئەللىك ھايانكەشلەرنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمىدىن  قۇتۇلالمىدى.  شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى- كەينىدە تەۋرەپ قالغان مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ  شىنجاڭدىكى قالدۇق  ھۆكۈمرانلىرى يۈەن داخۈ، ياڭ زىڭشىڭ، جىڭ شۇرىن  دېگەنلەر تېخىمۇ غالجىرلىشىپ، شىنجاڭ خەلقىنى  سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەھشىيانە ئەزدى، مىللىي كەمسىتىش، مىللەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىك، ھوقۇقسىزلىق ھەددىن ئېشىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار «چەنتۇ»، «سىڭكۇ»، «شۇڭ نۇ » دەپ ھاقارەتلەندى، قىرغىز، قازاقلار «تۇفې» دەپ ئاتالدى. ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇق، ئىمتىيازلىرى يەر بىلەن  يەكسەن قىلىندى. ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردىكى مەنچىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇقى، دۇنيا پەرەس نەپسى بارغانسېرى يوغۇناپ، پۈتۈن خىيالى ئالتۇن-كۈمۈش دۇنيا توپلاپ، تېزراق ئۆز ئائىلىلىرىگە قايتىۋېلىش بولدى. ئامبال، دارىنلارنىڭمۇ كۈندۈلۈك مەشغۇلاتى  ئەفيۇن تارتىش، ئەيش-ئىشرەت، كەيپى- ساپا بولۇپ، خەلقنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز، بىخارامان يېتىش بولدى، يۇرت ئىشلىرىنى ۋاڭ، گۇڭ، بەگ، دوغىلارغا تاپشۇرۇپ قويۇپ كارى بولمىدى. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە چىرىكلىشىپ، ھەربىي كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى؛ پارىخورلۇق، جازانىخورلۇق، گۆرۆكەشلىك، قىمارۋازلىق، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ئىشلىرىنىڭ كۆپىيىپ  كېتىشى؛ زۇلۇمغا، ناھەقچىلىققا نارازى بولغانلارنىڭ ۋەھشىلەرچە  بېسىقتۇرۇلۇشى؛ دىن، مىللىي  ئۆرپە- ئادەتلەرنى كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىش، بىر تەرەپتىن ھاشار- مەدىكار، ئەسكەر ئېلىش، باج خىراجەت، ئالۋاڭ- ياساق ئېلىش، تاياق- توقماقلارنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشى خەلقنى تۇرمۇش ۋە ئىنسانى ھايات جەھەتتە چىدىغۇسىز بىر ئەھۋالغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ. زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلق ھەر قايسى تەرەپلەردىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارشى جىدەل-ماجىرا چىقىرىش، ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈش ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلغىلى تۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن خەلق ئارىسىدا «بېجىندىكى خان ئاغدۇرۇلۇپتۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا قارا سەپەچلەر  چىقىپتۇ،  قۇمۇل بۇزۇلۇپتۇ، ئىلىدا سوقۇش بارمىش» دېگەنگە ئوخشاش مىش-مىش گەپلەر خەلق ئارىسىدا قىسمەن تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ قويدى. يەرلىك ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرى جىددىلىيشىپ ئەسكەر تۇتۇش ۋە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىش، چېرىك ۋە ساقچىلىرىنى كۆپەيتىپ خەلقنى كونترول قىلىش، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى موللا،  ئاخۇنلاردىن گۇمانلىنىپ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلارنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن، خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. دىنىي ساھەدىكىلەر ئېغىر خەۋىپ ئىچىدە قالغانلىقىنى ھېس  قىلدى.  خوتەن ۋىلايىتى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەممە ئادەم سېزىپ، يېقىندا بىر ئىش پارتلايدىغاندەك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ قالدى. جەمئىيەتتىكى مۇنداق خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئوبدانراق  سەزگەن ۋە چۈشەنگەنلەر شۇ ۋاقتىدىكى دىنىي زىيالىلاردىن قاراقاش ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق مەمتىمىن داموللا ۋە ئۇنىڭ بىر تۇغقان ئىنىلىرى ئابدۇللا، نۇر ئەھمەت مەخسۇم دېگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار شەھەر كۆرگەن، مەملىكەتنىڭ ئىچكى- تاشقى ۋەزىيىتىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرىدىغان ۋە خەلق ھېسسىياتىنىڭ قانداق  دەرىجىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ   ئوبدان بايقىغان ئادەملەر ئىدى. بۇلار خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ پارچە- پۇرات جىدەل- ماجىرالىرىنى بىر نۇقتىغا توپلاپ، ھەممە قوزغالغان كۈچنى بايراق ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۈتۈرۈشنىڭ پۇرسىتى كېلىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سوقۇش باشلىغانلىقى سەۋەبىدىن شىنجاڭغا كۈچ چىقىرالمايدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ قومۇللۇقلار بىلەن جىددىي سوقۇشتا بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپكە قاراشقا ئامالى يوقلۇقىنى، خوتەن ھۆكۈمەت  ئورۇنلىرىنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى، ئىقتىسادىي جەھەتتە تۆت نەپەر يەرلىك بايغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقى، قوراللىق ئەسكەرلەر  مىڭغا يەتمەيدىغانلىقى قاتارلىق ياخشى شارائىتنى كۆرۈپ، پۇرسەتنى غېنىمەت بىلىپ، خەلقنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ ئىسلام بايرىقى ئاستىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چىقتى.  زۇلۇمغا چىدىيالمىغان خەلق ئاممىسى، بولۇپمۇ دېھقانلار پالتا، كەتمەن، ئارا، گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈپ قوزغىلاڭغا  ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.  نەتىجىدە بۇ قوزغىلاڭ ئاسانلا  ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. چىرىكلەشكەن خوتەن ھۆكۈمىتى شۇنىڭ  بىلەن بىراقلا ئاغدۇرۇلۇپ چۈشىدۇ. بۇ ۋەقەنى قىسقىچە قىلىپ تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلاش مۇمكىن: 1933- يىل 2- ئاينىڭ 10- كۈنى، قاراقاش ناھىيىسىدە كۆتۈرۈلگەن ئىسلامچىلار قوزغىلىڭى بىر ھەپتىدىن كېيىن خوتەنگە بېسىپ كېلىپ، بىرىنچى قېتىملىق توقۇنۇشتا «چۇغلۇق ئاتام» دېگەن جايدا سوقۇش  قىلىپ، ھۆكۈمەت كۈچلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ سىپىلىنى قورشىۋالغانىدى. شۇ  مەزگىلدە،  خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيىلىرىدىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، خوتەنگە كېلىپ خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىغا قوشۇلغان. قوزغىلاڭچىلار بىرلىشىپ سىپىل ئىچىگە ئورۇنلاشقان ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن بىر ئاي داۋام قىلغان جەڭ ماجىرالاردىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى قۇرال تاپشۇرۇپ، ئىمان ئېيتىپ، مۇسۇلمان بولۇپ قوزغىلاڭچىلارغا تەسلىم بولغان. قوزغىلاڭچىلار سىپىل ئىچىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، قاراقاش قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن داموللا باش قوماندانلىققا سايلىنىپ، كونا لەڭزىنى «دارىل ئاساكى» دەپ ئات قويۇپ شۇ يەرگە «ئىمىر ھەزرەت» دېگەن نام قويۇپ قاراقاشلىق مەمەت نىياز ئەلەم پۈتۈن  ۋىلايەتنىڭ ۋالىيلىكىگە تەيىنلىنىپ،«مىلىك ھەزرەت» دېگەن نام بىلەن ئورۇنلاشقان. قاراقاش، گۇما، كېرىيە، چىرىيە ناھىيىلىرىگە قوزغىلاڭچىلاردىن ھاكىم،  ئىمىرالار تەيىنلەنگەن. مەسىلەن: كېرىيە ناھىيىسىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئابدۇغوپۇر ھاجى، سوپى بەگلەر؛ چىرىيە ناھىيىسىدىن قۇربان نىياز ھاجى، ئابدۇقادىر داموللا؛ لوپ ناھىيىسىدىن مەمەتسىدىق ھاجى،  ئابدۇقادىر ھاجىلەر بىر يۈرۈش ئەسكەر باشلىقى، ئىمىر بولۇپ تەيىنلەنگەن. قاراقاشتىن غولام قادىرخان ھاجى ئىشان،  كېرىيە ناھىيىسىدىن  ئەيسا خەلىپەم ئىشان، خوتەن ناھىيىسىدىن مەسۇمخان غوجا ئىشانلار ئۆزلىرىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق سۇپىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ ئىسلامچىلارغا قوشۇلغان ۋە سۇپىلىرىنى ئەسكەر قىلىپ ئۆزلىرى ئىمىر بولغان. ئىسلام قوزغىلاڭچىلىرى خوتەن  ۋىلايىتىنى ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئابدۇللا مەخسۇم، نۇرى ئەخمەت مەخسۇم، سابىت ھاجى داموللا (قاراقاشلىق) ۋە سوبىتوللا مەۋلىۋى  باشچىلىقىدا  قەشقەر تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ، يەكەن، يىڭسارلارنى ئىشغال قىلىپ قەشقەرگە بېسىپ كىرگەندە، تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئادەملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ئابدۇللا مەخسۇم ( شا مەنسۇر) ،  نۇرى ئەخمەت مەخسۇم (ئىمىر سايىپ)، سابىت داموللا ھاجىلارنى تۆمۈر سىجاڭ تۇتۇۋېلىپ، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنى پاراكەندە قىلىپ خوتەننى ئىگىلەش ئۈچۈن ھاپىز لۈيجاڭ، توختى تۈەنجاڭ دېگەنلەرنى بىر بۆلۈك  ئەسكەرلەر بىلەن خوتەنگە ماڭدۇرغان. بۇلار خوتەنگە  كېلىپ زاۋىغا چۈشكەندە، خوتەندىن  ئىمىر  ھەزرەت چىقىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈرگەن. كېيىن خوتەن ئەسكەرلىرى توختى تۈەنجاڭلارنى قوغلاپ سۈرۈپ- توقاي قىلىپ يەكەنگىچە يېتىپ بارغان، تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە ماتۇەنجاڭ تەرىپىدىن  ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن  شا مەنسۇر، ئىمىر سايىپلارمۇ نەزەربەنتلىكتىن  قۇتۇلۇپ يەكەنگە  قايتىپ كەلگەن.  خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى يەنە كۈچلىنىپ ئىككىنچى قېتىم  قەشقەرگىچە بارغان بولسىمۇ، خۇجىنىياز ھاجى قوغلاپ كەلگەن  ماجۇڭيىڭنىڭ ئادەملىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىپ شا مەنسۇر، ئىمىر سايىپلار يىڭىساردا ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەن، كېيىن ماجۇڭيىڭلار خوتەنگە بېسىپ كەلگەن. ئىمىر ھەزرەت ماجۇڭيىڭ  قوشۇنلىرىغا  قارشى زاۋا،  پوپۇنا،  لاڭرۇ قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش قىلىپ ئاخىرى يىڭىلىپ، 1935- يىلى 8- ئايدا ئۆزىنىڭ ئائىلە – تەۋەلىرى ۋە بىر بۆلۈك ئادەملىرى بىلەن ھىندىستانغا قاچقان. شۇنىڭ بىلەن ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى خوتەنگە بېسىپ كىرىپ، خوتەننىڭ باشقا ناھىيىلىرىنىمۇ ئىشغال قىلىپ، ئۈچ يېرىم  يىلغا قەدەر خوتەندە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە خەلققە دەھشەتلىك  زۇلۇملارنى سالغان. ئىمىر ھەزرەت شۇ قاچقانچە ئافغانىستان، ھىندىستانلاردا يۈرۈپ، ئۇ يەردىن  گومىنداڭنىڭ مەركىزىي چۇڭچىڭغا كېلىپ گومىنداڭ ۋىييۈەنى بولغان. ماقالىنى تەييارلىغۇچى: خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىمجىتلىق تۈنى
●  يۇمۇلاققۇم قەدىمىي...
●  ئۈلۈم ھىدى(رەخىم يا...
●  دۇغ...(چىمەنگۈل ئاۋۇ...
●  1933-يىلى 2-ئايدا قارا...
●  قاسىم سىدىق: زاماند...
●  ئانا يۇرت رومانىنى...
●  مۇنبىرىمىز نىڭ ئەز...
●  سۆيگۈ دولقۇنلىرى(ئ...
●  ئۆزۈم ھەر جايدىمەن...
●  قاسىم سىدىق: ئالەمن...
●  گاچا بۇلبۇل......ئابد...
●  مۆمىنجان ئابلىكىم ...
●  ئۆيىدىن يامانلىغان...
●  كۆتۈرمە پەريات
●  زۇلپىقارى بول
●  مېنىڭ مۇمام ۋە تۇنج...
●  ئىككى شىىئېر بۇغدا...
●  ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﯬﭘﺴﯘﻥ
●  پوشكىن شېئىرلىرىدى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىمجىتلىق تۈنى
●  يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھى...
●  ئۈلۈم ھىدى(رەخىم ياسىن ق...
●  دۇغ...(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
●  1933-يىلى 2-ئايدا قاراقاش ن...
●  قاسىم سىدىق: زامانداشلى...
●  ئانا يۇرت رومانىنىڭ ئاۋ...
●  مۇنبىرىمىز نىڭ ئەزاسى ئ...
●  سۆيگۈ دولقۇنلىرى(ئەسقەر...
●  ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى