بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> تەرمە گۈللەر >> قاسىم سىدىق: زامانداشلىرىمغا ئوچۇق خەت

قاسىم سىدىق: زامانداشلىرىمغا ئوچۇق خەت

يوللانغان ۋاقتى : 2009-07-01 18:18:09    كۆرۈلۈش سانى : 279  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[align=center][color=#ff0000][size=6]زامانداشلىرىمغا ئوچۇق خەت[/size][/color][/align] [align=center]قاسىم سىدىق[/align][align=justify]      [color=#0000ff][size=4]‹شەبنەم›،‹دىيارىم›،‹بىلقۇت›قاتارلىق تور بەتلىرىدە ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ "ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس" سەرلەۋھىلىك ئەدەبىي ئاخباراتى ياخشى نىيەتلىك  تورداشلارنىڭ يوللىشى بىلەن ئېلان قىلىنىشقا باشلاپتۇ. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا مەن قەلەمكەش ئىنىم ئەھمەدجان ئەكرەم ئارقىلىق ئېرىشتىم. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تور بەتلىرىگە ۋە بۇ ئىشقا قىزغىن، شۇنداقلا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زامانداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.      مەن  توردىكى ئىنكاسلار ۋە يۇقىرىدىكى ئەدەبىي ئاخباراتنى يوللىغۇچىنىڭ ئىلاۋىسىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تۈرلۈك ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ بۇ ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىش قارارىغا كەلدىم.      ئەينى يىللاردا مىنىڭ تەتقىقاتىمغا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتقان كىشى پەقەت پەن-تېخنىكىنى مەخسۇس باشقۇرىدىغان كەسپى مەمۇرى ئورۇندىكى ئالاقىدار رەھبەر ئىدى. ئەمدى ئويلىسام ئۇنىڭمۇ قىيىنچىلىقى  بار بولۇپ، مودا بولۇپ قالغان بەزى تەرتىپلەرگە ئۇنىڭمۇ ئامالى بولمىسا كېرەك. بۇ پەقەت پاكىتىنىڭ بىر تەرىپى.          ئەمەلىيەتتە مىنىڭ تەتقىقاتىمغا ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمىدى دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى شاۋكەت تۇرسۇن ئاكىنىڭ كۆڭۈل بولۇشى بىلەن فىزىكا فاكۇلتېتىدا يېرىم كۈن ئىدىيىلىرىمنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىغا ۋە شاۋكەت تۇرسۇن ئاكىغا قىزغىن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.        شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدىن شاۋكەت تۇرسۇن، قۇببەس يولداش، شەمشىدىن شاكىر قاتارلىق دۇتسنىتلار ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى پىرافىسورى مەرھۇم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پەلسەپە پىرافىسورى باۋدۇن توختى؛ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇدىرى، دوتسېنت سابىت ھامۇت قاتارلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار مىنىڭ بۇ تەتقىقاتىم بىلەن ۋاقىت ئاجرىتىپ تونۇشۇپ قوللىغان ۋە يازما باھالارنى بەرگەن ئىدى، مەن ئۇلارنىڭ ھاياتلىرىغا قىزغىن سالام يوللايمەن، ئالەمدىن ئۆتكەنلىرىنىڭ روھىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.        يۇقىرىدا نامى زىكىر قىلىنغان ئۇستازلار ھاياتىمدىكى نۇرلۇق ئەسلىمە بولۇپ كەلدى ۋە ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلماس ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ.         يۇقىرىقىلاردىن باشقا  1990-يىللاردا غۇلجا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بوشلۇق نەزەرىيىسى ھەققىدە غۇلجا ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن غۇلجا شەھەرلىك بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى ۋە غۇلجا شەھەرلىك 2-ئورتا مەكتەپلەر مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى، مەن ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تونۇشتۇردۇم، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ئورۇنلارغا ۋە ئالاقىدار شەخسلەرگە رەھمىتىمنى  بىلدۈرىمەن. غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىغا "ئانا يۇرت" رومانىنى يېزىش بىلەن جىددىي شۇغۇللىنىۋاتقان، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر پىروزىسىنىڭ يىرىك ۋەكىلى، ئالىيجاناب ئۇستاز زوردۇن سابىر ئاكا ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ باشتىن-ئاخىر تولۇق قاتناشتى، مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنىڭ روھىغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن، ئائىلە تاۋابىئاتىدىن ھال سورايمەن.       ئۇنىڭدىن باشقا "ئىلى كەچلىك گېزىتى"، "خوتەن سىفەن جۈەنكې ئىلىمى ژۇرنىلى" قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ماقاللىرىمنى ئېلان قىلغان، خوتەن سىفەن  جۈەنكې ژۇرنىلى تەھرىراتى ھەتتا مەخسۇس خەت يېزىپ "يوقلۇق"ۋە ئالەمنى بىلىش مەسىلىسى سەرلەۋھىلىك ماقالەم ژۇرنالغا خىراجەت بېرىلمىگەنلىكتىن نەشر قىلىنىشتىن ۋاقىتلىق توختاپ قالغانلىقىتىن، ھازىرچە ئېلان قىلىنماي قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى قوللاش ۋە مەدەت بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.        مېنىڭچە، مەمتىمىن ھوشۇر يازغان "ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس" سەرلەۋھىلىك ئەدەبىي ئاخباراتمۇ دەل كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاشنىڭ مەھسۇلى. مېنىڭ ئانا يۇرتۇم غۇلجىدا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان بىردىن-بىر ئەدەبىي ژۇرنال "ئىلى دەرياسى" نۆۋەتتىكى غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان يۇقىرىقى ئەدەبىي ئاخباراتنى 1991-يىل2-سانىدا ئېلان قىلغان ئىدى. مانا بۇمۇ قوللىغانلىق ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر.   20 يىلىدىن ئارتۇق ئىزدىنىش جەريانىدا شەكىللەنگەن نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ،1998-يىلى"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" سەرلەۋھىلىك ماقالەمنى تەييارلىدىم. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە- جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ نەشر ئەپكارى "قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى" ژۇرنىلىنىڭ (ئۇيغۇرچە) ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تاشقىن جاپپار غۇلجىغا كېلىپ، بۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆيۈمدىن ئىلىپ كەتتى. بۇ ماقالە "قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى" ژۇرنىلىنىڭ شۇ يىللىق 3-سانىغا بېرىلدى. بۇ مىنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىمنىڭ نوپۇزلۇق بىر ئىلمى ژۇرنالدا تۇنجى قېتىم بېسىلىشى ئىدى. ماقالىنىڭ ئاستىدىكى ئىزاھاتقا قارىسام ماقالەمنىڭ كەسپى مۇھەررىرلىرى ئىلىم-پەن ساھاسىدىكى نوپۇزلۇق زاتلاردىن: ئامىنە ئىمىن، سابىت ھامۇت، تاشپۇلات تىيىپلار ئىكەن. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە غۇلجىغا كېلىپ ماقالەمنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا سەۋەبكار بولغان ياش تەتقىقاتچى تاشقىن جاپپار ۋە ئالاقىدار ئىلمى ساھەلەر بويىچە نوپۇزلۇق پىرافىسورلار ئامىنە ئىمىن، سابىت ھامۇت، تاشپۇلات تىيىپلارغا ۋۇجۇدۇمدىكى ئەڭ نۇرانە مۈلكۈم ___ سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن!        كەسىپ ئەھلىدىن بولمىغان ئاۋام پۇقرادىن تارتىپ، ھەر ساھە ھەر قاتلامدىكى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر شەخسلەر مىنىڭ بۇ تېمامغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ھازىرمۇ كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىشىگە ئىشىنىمەن. ئۆز ۋاقتىدا مانا مۇشۇنداق پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ بىمىننەت مۇھەببەتلىرى ۋە ئۈمىدلىرى مېنى شائىر قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىدى. ئەمدى بۇ خىل مۇھەببەت ۋە ئۈمىد مىنى ئالىم قىلىپ يېتىشتۈرەلمەيدۇ دەپ كىم ئۈزۈپ ئېيتالايدۇ؟!. دەرۋەقە، بۇ خىل مۇھەببەت مېنى ئىنسانلارغا چەكسىز قەرزدار قىلىپ قويدى؛ كۆزۈم يۇمۇلغۇچە ئازراق بولسىمۇ بۇ قەرزنى ئۇزىشىم كېرەك، ئەلۋەتتە!. ئەپسۇس، مەن ۋە مەن تەۋە بولغان مىللەت كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقىلار كەشىپ قىلغان تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى ئىچىدە ئىزچىل ياشاپ كەلدۇق. مەن ئۆزىمىزنى دائىم باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا مېھمان بولۇشنىلا بىلىپ، باشقىلارغا بىرەر قېتىم داستىخان سالمىغان قەرزدار ئادەمدەك ھېس قىلىمەن. بۇنداق قەرزدارلىق تۇيغۇسى مۇقەددەس ۋە تەخىرسىزدۇر. نەچچە يۈز يىللاردىن بىرى، بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن خەزىنىسىگە بىرەر يىڭى ئۇقۇم كىرگۈزمەپتۇق. بىز پەقەت ئىمپورت قىلىپتۇق، ئېكسپورت قىلماپتۇق. مۇشۇنداق قەرزدارلىق تۇيغۇسى مىنىڭ "فىزىكىلىق شەكىل" ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشۇمدا مۇئەييەن دەرىجىدە رول ئوينىغان دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن.            تۆۋەندە كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى"نىڭ تۈپ ئىدىيىسى ئۈستىدە تېما ۋە سەھىپە چەكلىمىسى تۈپەيلى قىسقىچە توختىلىشنى زۆرۈر تاپتىم.        مەن دەسلەپتە نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئائىت بۇ تەتقىقاتىمنى "بوشلۇق نەزەرىيىسى" ماۋزۇسى بىلەن باشلىغان ئىدىم. ئىزدىنىش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ داۋاملىق "شەكىل" مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىمنى، شۇنداقلا شەكىل ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمنى، شەكىلنىڭ تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيەت دۇنياسىدا ئەڭ كەڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. پۈتكۈل تەجرىبە پەنلىرىنىڭ "شەكىل"دىن مۇستەسنا ئۆز تەتقىقاتىنى يۈرگۈزەلمەيدىغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلىپمۇ كەتمەيتتى. ئۇلۇغ ئالىم ئالبېرت ئېينىشتېيننىڭ ماكان ئەگرىلىكى ئىدىيىسى نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا "شەكىل"نى ئىلىپ كىرىشىنىڭ 20-ئەسىردىكى باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئېينىشتېين بوشلۇققا گېئومېتىرىيىلىك ئوبراز ئاتا قىلىپ ئۇنى ئەگرى دەپ تەسۋىرلىدى. مەن ئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەرقانداق پەيتتە شەكىلدىن مۇتلەق ئايرىلمايدىغان ماددىي دۇنيانى تايىنىش نۇقتىسى قىلسام، نەزەرىيىۋى جەھەتتە ئېينىشتېيننىڭ "ماكان ئەگرىلىكى" ئىدىيىسىنى تايىنىش نۇقتىسى قىلدىم. ئۆز نەزەرىيەمنىڭ تېمىسىنى 1997-يىلى "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى"گە ئۆزگەرتتىم.     نېمە ئۇچۇن "شەكىل"دەپلا ئالماي "فىزىكىلىق"دېگەن تېرمىننى قىستۇرۇپ قويۇشۇمدىكى سەۋەب تولىمۇ ئاددىي ۋە شۇنچىكى ئېنىق. ئو بولسىمۇ مەن پەلسەپە نۇقتىسىدىن پۈتكۈل ماددىي دۇنيا شەكىلگە ئىگە بولۇپلا قالماي روھى، ئىجتىمائىي فورماتسىيىلەرمۇ شەكىلگە ئىگە، شەكىل تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئومۇمى ھادىسە بولغانلىقى ئۇچۇن، ھەرقايسى پەنلەر ئۆزلىرىنىڭ شەكىل ئۇقۇمىنى ياراتسا بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەسىلەن: ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاياتلىقنى "بىئولوگىيىلىك شەكىل" ئۇقۇمىغا ئايلاندۇرساق بولىدۇ. مىنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقىنىم نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئائىت مەسىلىلەر بولغانلىقى ئۇچۇن، بۇ نەزەرىيەمنى "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" دەپ ئاتىدىم.       مەن ئەڭ ئالدى بىلەن "فىزىكىلىق شەكىل" ئۇقۇمىنى، ئاندىن 1-،2- ئاكسىئومىلارنى تۇرغۇزدۇم. ( "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى"گە قاراڭ). ئۇنىڭدىن كىيىن شەكىل بىلەن ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى 3-ئاكسىئومىنى، شۇنداقلا ئىدىيەمنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈش ئۇچۇن "ئاق قەغەز مودېلى"نى تۇرغۇزدۇم. "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" نىڭ چىقىش نۇقتىسى دەل يۇقىرىقى ئىككى ئېنىقلىما ۋە ئۈچ ئاكسىئوما، بىر مودىل بولۇپ، بۇ ئاساسلار ئاغدۇرۇلسا مىنىڭ نەزەرىيە بىنايىم غۇلاپ چۈشىدۇ. شۇڭا، "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" گە سوغۇق پوزىتسىيە تۇتىدىغان كىشىلەرگە ئالدى بىلەن يۇقىرىقى ئىككى ئېنىقلىما ۋە ئۈچ ئاكسىئومىنى تەتقىق قىلىپ كۆرۈشىنى، ئەگەر ئۇلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالىسا، مېنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭمۇ نۇرغۇن ئېنېرگىيىمىزنىڭ تېجىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىمەن.        "فىزىكىلىق شەكىل" ئۇقۇمىنىڭ تۇرغۇزۇلۇش سەۋەبىمۇ شۇنچىكى ئاددىي. ئۇ بولسىمۇ "فىزىكىلىق شەكىل" ماددىنىڭ كونكرېتلىقى بولۇپ، پۈتكۈل تەجرىبە پەنلىرى "فىزىكىلىق شەكىل"دىن ئايرىلسا تەجرىبە قىلىدىغان نەرسە تاپالماي قالىدۇ. ھالبۇكى، بىز شەكىل نۇقتىسىدا تۇرۇپ ماددىي ئالەمنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ باقمىدۇق. "فىزىكىلىق شەكىل" ئۇقۇمىنى كىرگۈزۈپ ماددىي ئالەمنى تېخىمۇ يارقىنراق تەسۋىرلەشكە بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا بىز بۇ قورالدىن نېمە ئۇچۇن پايدىلانمايمىز؟ ئارىستوتىل شەكىلنى ئۆزىگە خاس مەۋقەدە تۇرۇپ فىزىكىغا  ئېلىپ كىرىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى دەۋر ئىنسانلىرى ھەر كۈنى شەكىل ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارىدى.  مەن شەكىلنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ كۆرسەم بىرمۇنچە ھاسىلاتلارغا ئېرىشتىم. چاقچاقچى يۇرتداشلىرىمغا ئوخشاش بۇ جەرياننى چاقچاق تىلى بىلەن يۇمۇرلۇق قىلىپ ئېيتسام: مەن "فىزىكىلىق شەكىل" ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغان ئىدىم. مېنىڭدە ماددىي ئالەمنى بىلىشنىڭ بىر قورالى كۆپەيدى. يەنى، مىنىڭ نيۇتوندىن ئىككى قورالىم، ئېينىشتېيندىن بىر قورالىم ئارتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ 25-،26-،27-،28-، 29 - تېئورېمىلىرىدا ئېينىشتېيننىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر مېنى " ئېينىشتېيننى ئىنكار قىلدىڭ " دەپ بەك خاپا بولۇپ كەتتى. ئۇلارچە بولسا فىزىكا تارىخى ئېينىشتېين بىلەن ئاخىرلاشسا بولىدىغاندەك قىلاتتى. بىرمۇنچە مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ، "چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى" كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قانچە مەسىلىلەرنى ئېينىشتېين ئىدىيىسى بويىچە ھەل قىلغىلى بولمايتتى. ھالبۇكى، "فىزىكىلىق شەكىل" ئۇقۇمىنى كىرگۈزۈپ بۇ مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ. "خاپا بولۇپ كەتكەنلەر"گە كەلسەك ئۇلار بىرەر پارچە ئىلمى ماقالە يېزىپ مىنىڭ ئىدىيىلىرىمنى ئاغدۇرىۋېتەلمىدى. پەقەت ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، غودۇڭشىپ قويدى خالاس!.        شۇنى ئەسكەرتىمەنكى: مەن ئېينىشتېيننى ئىلىم-پەن تارىخىدىكى گىگانت زات دەپ تونۇيمەن ۋە ھۆرمەت قىلىمەن. ئەگەر ئۇنىڭ "ماكان ئەگرىلىكى" ئىدىيىسى بولمىسا مەن ھېچقاچان "فىزىكىلىق شەكىل" ئۇقۇمى ۋە "ئاق قەغەز مودېلى"نى تۇرغۇزالمايتتىم. ئۇلۇغ ئالىم نيۇتون تولىمۇ كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنى گىگانتلارنىڭ مۈرىسىگە چىقىۋالغان كىچىك بالا دېگەن ئىدى. بۇ تولىمۇ ئوبرازلىق ۋە پاساھەتلىك ئىپادىلەش، مەن ئۆزۈمنى يۇقىرىقى گىگانت ئالىملارغا سېلىشتۇرغۇدەك ۋەجىم ۋە نىيىتىممۇ يوق. ئۇلار ھەقىقىي پەن ئالىملىرى. لېكىن شۇنداقتىمۇ، نيۇتوننىڭ ئىستىلىستىكىسىنى ئارىيەت ئىلىپ ئۆزۈمنى "ئېينىشتېيننىڭ مۈرىسىگە چىقىۋالغان كىچىك بالا" دەپ تەسۋىرلىگۈم كېلىدۇ. ئەپسۇسكى، مەن نيۇتوندەك ئەدەپلىك كىچىك بالا ئەمەس؛ بەلكى بەڭۋاش كىچىك بالا چىقىپ قالدىم. "ئاق قەغەز مودېلى" دىكى ب  تەكشىلىكتە مەن ئېينىشتېين نيۇتوندىن تارتىۋالغان مۇتلەق ماكاننى نيۇتوننىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئىلىپ بەردىم. (ھاياتىمدا قىلغان بىردىن-بىر ساۋابلىق ئىشىم شۇ دەپ قارايمەن). بۇنىڭ بىلەنلا قالماي "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" نىڭ 33- تېئورېمىسىدا، ئېينىشتېيننىڭ تۆت ئۆلچەملىك زامان-ماكان كوئوردېنات سىستېمىسىنىڭ بىر ئۆلچىمىگە يەنى "زامان"غا؛ 35- تېئورېمىدا " نىسبىيلىك " كە خىرىس قىلدىم، بۇ خىل خىرىس  نيۇتونغا "خۇشامەت" قىلىش بولۇپ ئىپادىلەندى. مانا بۇ، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ "ئەدەپسىزلىك". لېكىن، ئاق قەغەز مودېلىدىكى ئا چەمبەردە ئېينىشتېيننىڭ بىر مەنبەلىك ئەگرى ماكانىنى ساقلاپ قالدىم ۋە ئۆزۈممۇ نەپكە ئېرىشتىم. بۇ توپىلاڭدا توقاچ ئوغرىلىشىم ئىدى. بۇ جەرياندا ھەممىنى ئۈزۈلمىلىك ھالەتتە تەسۋىرلەيدىغان  كۋانت نەزەرىيىسى ئارىلىققا قىستۇرۇلۇپ مېنى ئىزچىل دەيدەيگە سالدى. چاقچاقلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ. ئەمدى جىددىي تەلەپپۇزدا ئېيتىمەنكى؛ گىگانت ئالىم ئېينىشتېين ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرى ئالەمنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە قارار تاپقان، ئۇلارنى ئوڭايلىقچە ئاغدۇرۇۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئاغدۇرىۋېتىلدى دېيىلسە، بۇ ھال ئۇلارنىڭ تەلىماتلىرىدا نۇقسان بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە ئىنسانىيەت ئىلمى ھەقىقەتكە قاراپ يەنە بىر قەدەم سىلجىيدۇ. بۇنداق "ئاغدۇرۇلۇش" لارغا پۈتكۈل ئىلىم-پەن روھى تەقەززا بولۇپ كەلگەن. ئىلىم-پەن "ئاغدۇرۇش" جەريانىدا تەرەققىي قىلغان بولۇپ ھېچقاچان مۇئەييەن ئىدىيىنى مەبۇد قىلىۋالغان ئەمەس. بۇنداق مەبۇد ياساش ئىلىم-پەن روھىغا خىلاپ. مەن بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ "ماشىنىنىڭ ئادەملىشىشى ۋە ئادەمنىڭ ماشىنىلىشىشى" سەرلەۋھىلىك ماقالەمدە ("ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلى 1997- يىل 5- سانىغا قارالسۇن). توختىلىپ ئۆتكەن. بۇ يەردە كۆپ توختالمايمەن.        مىنىڭ ئىدىيىلىرىمگە سوغۇق پوزىتسىيە تۇتقانلار شاتۇتى- ئۈن ئالغۇ  تىپىدىكى تولىمۇ ئاز ساندىكى ئىلىم نوپۇزلۇقلىرى بولۇپ، دەل مانا مۇشۇنداق كىشىلەر ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يىڭى ئىدىيىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىپ ئالىي مەكتەپلەرنى مەدرىسىگە ۋە ئېتىكاپخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. يەنە دەل مۇشۇنداق كىشىلەر گالىلېينى توۋا ئىستىغپارغا قىستىغان، بىرونونىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىگە، ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆز ئوغلىنىڭ پەرمانى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان، لوباچىۋىسكىنى ساراڭغا چىقارغان. ئۇلار يەنە كۈنچىلىكى تولىمۇ كۈچلۈك خانزادىلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۆز ئەقىدىلىرىگە زىت بولغان، ئەركەك تۈكى بار يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ ئۆز ھەرەمخانىلىرىغا بۆسۈپ كىرىپ بۇ ‹‹مۇقەددەس ئورۇن››نى بۇلغاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ.         ئەگەر ئالەمنىڭ ھازىرقى رادىئۇسىنى 200 مىليارد  يىل دەپ ئالساق، پاراسەتلىك ئىنسانلار بارلىققا كەلگەن يىلنى 100مىڭ يىل دېسەك، ئىنسانلار ياشاۋاتقان ۋاقىت بىلەن ئالەمنىڭ ھازىرقى رادىئوسىغا نىسبىتىنىڭ قىممىتى 7-10×5 گە تەڭ بولىدۇ. ئەگەر ئالەمنىڭ كېڭىيىشىدىكى 200 مىليارد يىلنى ھازىرقى ئالەم شارىنىڭ   360 گرادۇسى  بىلەن ئىپادىلىسەك، ئۇ ھالدا پاراسەتلىك ئىنسانلار بارلىققا كەلگەن  100 مىڭ يىل، بۇ ياينىڭ 4-10×1.8 گرادۇس قىسمىنىلا ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئىنسانىيەت تېخى بوۋاق ھالىتىدە تۇرماقتا. يۇقىرىقىدەك كىشىلەرنىڭ مۇتەئەسسىپلىكى تەبىئىيكى بۇ بوۋاقنىڭ ئايىغىنىڭ چىقىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. بىز تېخى ماددىي ئالەمنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنلىرىغا ئالاقىدار ھېچقانچە ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس. تەپەككۇر ئەركىنلىكى بولمىسا ئىنسانىيەت ھامان بۆۋەكلىكىدە قېلىۋېرىدۇ.        "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" ئۇچۇن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىجا قىلىش جەريانىدا، بەزىلەر مىنىڭ ئوقۇش تارىخىم، ئىلمى ئۇنۋانىم، قانچە خىل تىل بىلىدىغانلىقىمنى سۈرۈشتۈرۈپ مەندىن قاتتىق رايى يېنىپ كەتتى. دەرۋەقە مەن 1966-يىلى غۇلجا شەھەرلىك ستالىن مەكتىپىدە تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ 2-ئوتتۇرا مەكتەپكە تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا تەقسىملەنگەن. لېكىن دەل 1966-يىلى كۈزدە ھېلىقى ئون يىلغا سوزۇلغان ئاتالمىش "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" باشلىنىپ باشقا زامانداشلىرىمغا ئوخشاشلا ئوقۇش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلدىم. لېكىن، ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدىم. خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئۆزۈمگە ئەسقاتقۇدەك دەرىجىدە ئۆگەندىم. 70-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا رۇسچە ئۆگىنىشكە باشلىغان ئىدىم. " ئىككى يۈرەك "، " شيۇجېڭجۇيىچى " دېگەندەك قالپاقلارنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆرۈپ بولدى قىلدىم. "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ئاياغلاشقاندىن كىيىن دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدىم ۋە ئەدەبىيات كەسپى بويىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇردۇم. مىنىڭ يۇقىرىقىدەك سالاھىيىتىم بىلەن تونۇشقان ۋە شۇنىڭغىلا كۆڭۈل بۆلگەن بەزى نوپۇزلۇقلار مەن كۆتۈرۈپ چىققان تېمىغا دىققەت قىلمىدى. بۇ تېما بەكمۇ چوڭ ۋە چوڭقۇر بولغانلىقى ئۇچۇن، ئۇلار مەندەك بىر سەھرايى تومپاي بىلەن بۇ تېمىنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلالمىدى. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا (سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانماستا) تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (ساگۇ) نىڭ مېنى ئىدىيلىرىمنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلماقچى ۋە  خىراجەتنى ئۆزلىرى چىقارماقچى، شۇنداقلا بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا لېنىنگراد، موسكۋالاردىن ئالاقىدار مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى تەكلىپ قىلماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بەكمۇ سۆيۈندۈم. لېكىن، بۇ ئىش ئۇزۇن ئۆتمەي جىمىپ كەتتى. كىيىن ئۇقتۇمكى، شىنجاڭدىن زىيارەتكە چىققان فىزىكا ساھاسىدىكى بىر نوپۇزلۇق كىشى مېنى "باشلانغۇچ مەكتەپتە ئېلىپبە ئۆتىدىغان ئادەم"دەپ تونۇشتۇرۇپتۇ. نەتىجىسى شۇ بوپتۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ داڭلىق ئالىي مەكتەپ مەندەكلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە ئۇيۇشتۇرسا ئىناۋىتىگە دەخلى يېتەر ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ساگو ‹‹شەرمەندىچىلىك››تىن قۇتۇلدى. مەن ئىدىيەمنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدۇم. ھېلىقى ئادەم بولسا گويا بىر "بىمەنىلىك ۋە شەرمەندىچىلىك"نىڭ ئالدىنى ئالغان بولدى.           مىنىڭ "بىرمۇ چەتئەل تىلى بىلمەسلىكىم"گە كەلسەك، بۇ، مىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىمنىڭ كەملىكى ياكى يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ: كۆپ تىل بىلىشكە دالالەت قىلىش ياخشى ئىش، لېكىن، بۇنى باھانە قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ. مېنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكى مەپتۇن ئەيلەپ شائىر قىلىپ يېتىشتۈرگەن، ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىلىق خاسلىققا ۋە يۈكسەك ئىپادىلەش قۇدرىتىگە ئىگە بىر گۈزەل تىل. بۇ تىل ناۋايىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، مەخمۇت قەشقىرىنى دۇنياۋى شۆھرەتكە نائىل قىلغان.        ئۇيغۇر تىلى نوقۇل سەنئەت تىلى ۋە تۇرمۇش تىلى ئەمەس. ظو، ئوخشاشلا ئىلىم-پەن، پەلسەپە تىلىدۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق تىلدىكى مىللىي خاسلىق ئۇنىڭ فونېتىكىسىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ لېكسىكىسى دۇنياغا مەنسۇپ، يەنى، ئۇقۇملار دۇنياۋىدۇر!  مەن ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا تۇرۇپ گالىلېي، نيۇتون، ئېينىشتېينلارغا ئوخشاشلا تەپەككۇر يۈرگۈزەلەيمەن ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلالايمەن. مەن ئۇلارنى ۋە ئالەمنى ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق تونۇغان، بىلگەن.         كۆپ تىل بىلگەن ياخشى ئىش، ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىدا كەسپى تەربىيە كۆرۈشمۇ  ياخشى ئىش، لېكىن، بۇ تەپەككۇر ۋە ئىختىرانىڭ بىردىنبىر شەرتلىرى ئەمەس. تەپەككۇر ۋە ئىختىرانىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك شەرتى ئىجادىيەت روھىدۇر. شۇڭا، مەن زامانداشلىرىمنىڭ بىرەرسى بىرەر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئالدى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتىگە ئەمەس، ئۇ قويۇۋاتقان مەسىلىگە نەزەر ئاغدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. يەنە تەكىتلەيمەنكى، مەن مەخسۇس كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئاز بولسىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىپ ھېچبولمىغاندا ئالدى بىلەن "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى"نىڭ 1-،2-ئېنىقلىمىلىرى، 1-،2-،3-ئاكسىئومىلىرى ۋە "ئاق قەغەز مودېلى"ئۈستىدە يازما پىكىر بېرىپ بېقىشىنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق ئىلتىجا ئۆز ئىدىيىلىرىمگە بولغان ئىشەنچىمنىڭ كەملىگىنى كۆرسەتمەيدۇ. مەن پەقەت ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا بۇنداق ئىدىيىنىڭ تەنقىدكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرمەكچى. مەن پەقەت نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا "فىزىكىلىق شەكىل"دىن ئىبارەت بىر يىڭى ئۇقۇمنى ئىلىپ كىرمەكچى. بۇ ئۇقۇم رىيال دۇنيانىڭ تەجرىبە پاكىتلىرى، ئېينىشتېيننىڭ چەكلىك چېگرىسىز ئالەم ئىدىيىسى، نيۇتوننىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرى ۋە ساقلىنىش قانۇنلىرى، كۋانت نەزەرىيىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە قارار تاپقان. بۇ ئۇقۇم، يۇقىرىقى ئىدىيىلەرگە شۇنچە چىڭ يېپىشقانكى، بۇ ئۇقۇمنى ئىلمى تەنقىد بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ ئۆزى تەبىئىي ھالدا يۇقىرىقى ئىدىيىلەرگىمۇ چېقىلىشقا ئىلىپ بارىدۇ.      "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" مېنىڭ ئىلمى ئېتىقادىمدۇر. بۇ ئېتىقاد بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى، ھەرگىز ئاجىزلاشمىدى، دادىللىق بىلەن ئېيتالايمەنكى، بىز بۇ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمىساقلا دۇنيانىڭ مەلۇم بىر يېرىدە مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن "فىزىكىلىق شەكىل" ئۇقۇمى ھامان ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ھەتتا "شەكىل فىزىكىسى"، "شەكىل ئالەمشۇناسلىقى" دىن ئىبارەت تارماق پەنلەر شەكىللىنىدۇ. بىزنىڭ شاتۇتى- ئۈن ئالغۇ  تىپىدىكى نوپۇزلۇقلىرىمىز چەتئەللەردىن بۇ ئۇقۇملارنى ئىمپورت قىلىپ،  ئۆز مېڭىسىگە قاچىلاپ،  روھانىيلارچە زىكىر قىلىش پۇرسىتىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك قىلىدۇ.       مىنىڭ ئالەمگە بولغان قىزىقىش-ئىزدىنىشلىرىمگە   31 يىل بوپتۇ. يېشىممۇ چوڭايدى، سالامەتلىكىممۇ ياخشى بولماي قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى يەنە پەن-تېخنىكىنى باشقۇرىدىغان كەسپى- مەمۇرى ئاپپاراتلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا ئىلتىپات تىلەپ يۈرگۈدەك ھالىم قالمىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى مەندە قايتا ئۈمىد ئويغاتتى. مەن يېقىندىلا "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى"دە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتىم دەپ ئويلايمەن. مەن "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى"گە ئائىت ماقاللىرىمنى تورغا داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن. باشقا تور بەتلىرى ياكى كەسپى ژۇرناللار كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشنى خالىسا كۆچۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ ياكى مەن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. يەنە شۇنى جاكارلايمەنكى "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق  بەكمۇ چوڭ تېما، مەن ھەرگىز يالغۇز ئىشلەپ كېتەلمەيمەن. ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىشقا قىزىققۇچى مۇتەخەسسىسلەر بولسا، مىللىتىنىڭ، ئىرقىنىڭ، جىنسىنىڭ ۋە  دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قارشى ئالىمەن.    يېقىندىلا يازغان ئىككى رۇبائىي بىلەن خېتىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. [/size][/color][/align][align=justify][color=#0000ff][size=4][/size][/color][/align][align=justify][color=#0000ff][size=4]ئىلاھا،  ساڭا مىڭلاپ تەشەككۈر، جەننەتتىن قوغلاندۇق، گاداي، لېكىن، ھۆر. جازا بولدى ئادىل، ھېساب ھەم ئادىل، جەننەت ساڭا قالدى، بىزگە تەپەككۇر!. ٭       ٭        ٭ يا  رەسەتخانام يوق ياكى  ئۇستىرلاپ، مەن گويا دۇكانسىز گاداي بىر خالۋاپ. ئىلكىمدە بارۇ يوق قورالىم مەنتىق، شىجائەت رىشتەمدۇر، توقۇيمەن زەرباپ![/size][/color][/align][align=justify]                           ھۆرمەت بىلەن:                  قاسىم سىدىق[/align]2009-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى مەنبە: بىلقۇت باغچىسى مۇنبىرى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىمجىتلىق تۈنى
●  يۇمۇلاققۇم قەدىمىي...
●  ئۈلۈم ھىدى(رەخىم يا...
●  دۇغ...(چىمەنگۈل ئاۋۇ...
●  1933-يىلى 2-ئايدا قارا...
●  قاسىم سىدىق: زاماند...
●  ئانا يۇرت رومانىنى...
●  مۇنبىرىمىز نىڭ ئەز...
●  سۆيگۈ دولقۇنلىرى(ئ...
●  ئۆزۈم ھەر جايدىمەن...
●  قاسىم سىدىق: ئالەمن...
●  گاچا بۇلبۇل......ئابد...
●  مۆمىنجان ئابلىكىم ...
●  ئۆيىدىن يامانلىغان...
●  كۆتۈرمە پەريات
●  زۇلپىقارى بول
●  مېنىڭ مۇمام ۋە تۇنج...
●  ئىككى شىىئېر بۇغدا...
●  ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﯬﭘﺴﯘﻥ
●  پوشكىن شېئىرلىرىدى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىمجىتلىق تۈنى
●  يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھى...
●  ئۈلۈم ھىدى(رەخىم ياسىن ق...
●  دۇغ...(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
●  1933-يىلى 2-ئايدا قاراقاش ن...
●  قاسىم سىدىق: زامانداشلى...
●  ئانا يۇرت رومانىنىڭ ئاۋ...
●  مۇنبىرىمىز نىڭ ئەزاسى ئ...
●  سۆيگۈ دولقۇنلىرى(ئەسقەر...
●  ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى