بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> نەسرىي ئەسەرلەر >> ﯰﻟﯘﻍ ﺗﺎﺯ(ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ)

ﯰﻟﯘﻍ ﺗﺎﺯ(ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ)

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-08 06:36:35    كۆرۈلۈش سانى : 479  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ھۆرمەتلىك ﺳﯘﻣﺮﯗﻍ تورىدىكى بارىلىق تورداشلار ،مەن بۇگۇن سىلەرگە بىر ھېكايەمنى كۆرسەتمەك چىمەن، بۇھېكايىدە مىنىڭ مۇھەببەتنى تەسۋىلىگىنىم يوق مەن پەقەت دۇنيانىڭ رەھىمسىز تەرەپلىرىنى ئازىراق يازدىم ،ئەسىرىمدە بەزى يەرلەرنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتكىنىمنى بىلىمەن لىكىن تورداشلار ھازىر جەمىيەتنىڭ قانداق بولۇپ كېتىپ بارغان لىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا مىنىڭ بەزىبىر كەمچىللىكلىرىمنى كەچۇرىۋىتىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن.

ئۇلۇغ تاز

ئاپتورى:
قاراشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق1-يىللىق6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پەخىردىن مۇسا.
(ھېكايە)
1
جۇغراپىيە نەتىجەم چىقىپتۇ21.7،كەچىتە قۇيۇپ بەرگەندە بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئۆيگە قاراپماڭدىم.خيال سۇرىۋىرىپ ئۆيگە كىلىپ قالغانىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن،دادام خەقنىڭ قولىدىن ئالغان،كونىراپ ياغلىشىپ كەتكەن موتوسىكىتىنىڭ ئۈستىدە قولىدىكى قەغەزگە سىنچىلاپ قاراۋاتاتتى.
-دادا،مەۋسۇم باشلىنىپ كىتاپ تارقاتقاندا مەن يەنە بىرنەچچە بالىغا جۇغراپىيە كىتاپ يەتمىگەن ئىدى.شۇڭابۇقېتىمقى ئايلىق ئىنتاھاندا ئۆتەلمەپتىمەن،بىراق دادا جۇغراپىيە كىتاپ ئەتە كىلىدىكەن مەن كىتاپنى قولۇمغائالغاندىن كېيىن چوقۇم بۇرۇنقىنى تولۇقلاپ ئىنتاھاندىن ئۆتۇشكە تىرىشىمەن.
-دادام:يارايسەن ئوغلۇم ئوغابالا ئەكەك دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ.
ئىرادەڭگە بارىكاللا دەپ دولامغا بىرنى ئۇردى.
خارئاڭلاشتىن بۇنچە ئاسان قۇتۇلغۇنۇمغاخوشال بولۇپ ئۇھ دەپ تۇرۇشۇنغا چاڭ قىلىپ تەككەن شاپىلاق دەستىدىن ئېرىققا كەينىچىلاپلا كىرىپ كەتتىم.
دادام بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ كەتتى.ھەي بۇدادامنىزە،دايىم ئادەمگە شەپەبېرىپ قويمايلا ھۇجۇم باشلايدۇ.
يېڭى كىيگەن ئىشتىنىم ئىدى.
ئاچچىقىمدا:سەنمۇ ئەركىشى بولدۇڭمۇ.-دەپ ۋارقىرىدىم.
دادام موتوسىكىلىتىنى توختىتىپ كەينىگە سەت بىرقارىۋىدى،
-دادا،مەن بەك يارىماسكەنمەن.-دېدىم تىلىم گەپكەبارماي.
-دادام،ھېقىسى يوق ئوغلۇم دېگنىچەكېتىپ قالدى.
ئاچچىقىم بەكلا كېلىۋاتاتتى،ئازاپ بىلەن قاينايتىم.
-ئۆزى پوخنى بىلمەيدۇ،يەنەمىنى ئۇرىدۇ،دادام ئۆزى ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمەپتىكەن مەن بولسام تۇلۇق ئوتتۇرغىمۇ ئۆتتۈم.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندەكىتاپ يوق تۇرسائەگەر مىنىڭ ئورنۇمدا باشقابىرى بولغان بولسا 0ئالاتتى تايىنلىق.
غەزەپ بىلەن ئورنىمدىن تۇردۇپ،يۆل ئىشتىنىمنى سۆرىگىنىمچە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم،ھويلىغا كىرىۋىتىپ تۇيۇقسىز ئۆيىمىزدىكى ئىتنىڭ قاتتىق قاۋىشىدىن چوچۇپ ئارقامغا داجىغىنىمچە دەرۋازىنىڭ تۆمۇرىگە ئۈسۇۋالدىم.
بېشىم تىشىلىپ كەتكەندەك ئاغرىيتى،غەزىۋىم نېرۋامغا يەتتى،
يۇگۇرۇپ بېرىپ يەردىكى خىش پارچىسىنى ئېلىپ بۇئۆلگۇر ئىتقا ئاتتىم.
زەنجىرنىڭ ئۇزۇلۇپ كەتكىنىنى كىم بىلسۇن ئىت ھاۋشىغىنىچە مەن تەرەپكە ئېتىلىپ كەلدى.
ئا.........ئانوي.
ئىنكاسىم بەك ئاستىمۇيائىت بەك تېز يۇگرەمدۇ،سومكامنى قويۇپ قېچىپ بولغىچە ئىت كېلىپ كاسسامدىنلا ئالدى.
كۆزچاناقلىرىم ياشقا تولغان ئىدى.
ھېلىمۇ ئىسىمدە مەن تۇغۇلۇپ بۇئتنىڭ مىنى 3-قېتىم چىشلىشى ئىدى،ھەردايىم ئوڭ كاسسامنىلا چىشلەيدۇ،شۇنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئۇبىرنادا تۇز ئولتۇرالمايمەن.
بۇ ئىتقا ھەيران ئۆيدىكىلەرنى كۆرسىلا قاۋايدۇ،ياتلارنى كۆرسىلا جىم بولىدۇ،ئىت دىگەننى ئۆيگە ئوغىرى كىرسە پاچاقتىن ئالامىكىن دېسە ئۇدۇل كېلىپ ئادەمنىڭ كاسىسىنى چىشلىگەن،
بىركەمدە ئانام يۇگۇرۇپ چىقىپتۇ ھەي خۇدۇ بۇئانامنىزە ئەمدى يۇگۇرۇپ چىققىنىنى.
ئاغرىققا چىدىماي ۋاتاتتىم،ئەجىبا مۇشۇنداق كېتىۋىرىپ مۇشۇ ئىتنىڭ قولىداجان بېرەرمەن مۇ؟
غەزەپ بىلەن ئاشخانىغا يۇگۇرۇپ كىرىپ پالتىنى ئېلىپ چىقتىم.
-ئانا،مىنى تۇتمامەن بۇ ئۆلگۇرئىتنى ئۆلتۇرىۋىتىمەن.
ئانام؛شۇنداق قىلغىنە ئوغلۇم مەنمۇ بۇئىتتىن بەك بىزار بولدۇم.
ئادەم ئۆلتۇرىدىغاندەك چىققان تەلەتىم بۇئىتنىڭ يېنىغاكەلگەن دە
يوقاپلاكەتتى،قەدىمىم توختاپ قالدى.ئۇئىت ماڭادەششەت بىلەن خىرىس قىلاتتى.
شۇمەن ئۇنىڭ يېنىغابارسام مەن ئۇنى ئەمەس،ئۇمىنى ئۆلتۇرىۋىتىشىدە گەپ يوق ئىدى.
-ئانانىمىلادىگەن بىلەن بۇئىت چوڭ دادامدىن قالغان،بۇئىتنى ئۆلتۇرىۋەتسەك چوڭ دادمنىڭ رويى قورلۇپ قالارمىكىن.
-راست دەيسەن ئوغلۇم بۇئىتنىڭ ئۆلىدىغىنىغىمۇئازقالدى،تۇرسا تۇرىۋەرسۇن-دەپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

شۇنچە غەزەپلەنگىنىم بىلەن نىمە قىلالايتىم پالتىنى كۇچەپ يەرگە ئاتتىم.
ئا.....
ئۆلگۇرپالتا پۇتۇمغىلاتەگدى.
بۇقېتىم كۆزۇمدىن راسلاياش چىقىپ كەتتى،ئىشتىنىمنىڭ ھەممىسى پاتقاق بولۇپ كەتكەن ئىدى،پۇتۇمنى سۆرىگىنىمچە ھويلىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم.
ئاخخۇدا،سەنمىنى نىمانچە شورپىشانە قىلىپ ياراتقانسەن.
چىرايىممۇشۇ،بىركۆزۇم چوڭ،بىركۆزۇم كىچىك،بېشىمنىڭ ئالدى كەينىدەچاچ يوق پەقەت ئوتتۇردىلاچاچ بار،يەنەتېخى جىق ئۇخلىۋەتسەم كۆزۇمنىڭ قاتلىقى يوقاپ كېتىدۇ،بالىلار ئارىسىدىمۇ يۇزۇم يوق،ئۈگۇنۇش نەتىجەممۇياخشى ئەمەس،ئائىلەممۇئۇنچە
باي ئەمەس،ئىدىيەممۇئارقىداقالغان،سىنىپتامىنى ئوغۇللاتۇگۇل قىزلارمۇبوزەك قىلىدۇ.
سىنىپىمىزدائاسىمگۇل دەپ بىردىۋىدەك قىزبالابار.ئۇنىڭغا قاراپ سىزچوقۇم ئانىسى نەرىدە تۇغۇۋەتكەندۇ دەپ ئويلاپ قالىسىز.
بىركۇنى تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرسام ئۇمەندىن قەلەم سورىدى.
ئىشلىتىۋاتىمەن دىسەم،قەلەمنى قولۇمدىن تارتىۋالدى.
-نىمىشقائۇنداق قىلىسىز بۇقەلەم مىنىڭ تۇرسادېگىنىمنى بىلىمەن.
ئوق مۇش بۇرنىمغا تېگىپ تامغاچاپلىشىپ قالدىم،بۇرنۇمدىن قان شارقىرايتى.
سىنىپتائالقىش سادالار ياڭرىدى،سىنىپتىكى قىزئوغۇللاربىردەك:
يارايسەن-دەپ تولاشتى.
يەنەبىر كۇنى ئايگۇل دېگەن بىرمە.
بىرتوپ قىزلارباريەردە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ:
-ئەخمەتجان،بېشىڭىزدىكى چاچ،پىستەئىتنىڭ تۇكىگىلا
ئوخشايدىكەن ھە دېدى.
قىزلارچۇرقۇرىشىپ كەتتى.
ئۇمەندىن پاكار ۋىجىككىنەبىرنىمە ئىدى.
ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنىڭغا:نېمە دەيسەن،دەپ ۋارقىرىدىم.
ئۇ كۇلكىدىن توختاپ،بىگىزبارمىقىنى چىقارغىنىچەئالدىمغا كەلدى ۋەبارمىقىنى بۇرنۇمنىڭ تۆشىكىگە تىقىپلا دېرىزىگە
ئۇستۇرۇپ تۇرۇپ سۆزلىدى:يوغانلىق قىلماڭ ئەخمەتجان ئۇنداق يوغانلىقىڭىزنى قوڭىڭىزدىن چىقىرىۋىتىمەن-دېدى.
قىزلار يەنە چۇرقۇرۇشۇپ كەتتى،
ئايگۇل:چۇشەندىڭىزمۇ؟
مەن دۇدۇقلىغىنىمچە ئاران ھە دېدىم.
يۇرۇكۇم گۇپۇلدەپ سوقۇپ كېتىپ باراتتى.
ئۇبامىقىنى ئاستابۇرنۇمدىن تارىتتى ۋە ئۇدۇل ئاغزىمغا تىقتى.
ئۆزۇمنىڭ ماڭقىسىنى ئۆزۇم يالاۋاتاتتىم.
ئۇ بارمىقىنى پاكىزلاپ بولغاندىن كېيىن ئاغزىمدىن قولىنى تارىتتى.
بارماقلىرىدىكى شالۋاقلىرىمنى چاپىنىمغاسۇرۇتكەچ ماڭا سۆزلىدى:
-ئەخمەتجان بۇنىڭدىن كېيىن قۇيۇپ بەرگەن ھامانلا ئۆيىڭىزگە كېتىڭ بولمىسا خان ئاچىڭىزنىڭ تايىقىنى تېتىپقالىسىز.
قىزلاريەنە چۇرقۇرۇشۇپ كەتتى.
مەن يىغلىغىنىمچە سومكامنى ئېلىپ سىرىتقا يۇگۇرۇپ چىقىپ كەتتىم.
بۇنىڭغا ئوخشاش سەتلەشكىنىم تېخى جىق.
بىركۇنى تارىخ دەرىسى ئىدى.بىرنەرسىگە ھاڭۋېقىپ قاپتىمەن،
مۇئەللىم ھەي تازدوسكىغا قارا دېدى.بالىلار كۇلۇشۇپ كەتتى.
-مۇئەللىم تازدىمەي ئىسمىمنى چاقىرسىڭىزبولمامدۇ؟
مۇئەللىم يۇگۇرگىنىچە يېنىمغا كەلدى ۋە:
تاز،تاز......ئەخمەت تاز.
بالىلاركۇلۇش كىنىدىن بەزىلىرى ئورۇندۇقلىرىدىن يىقىلىپ چۇشۇشتى.
ساۋاغداشلىرىمدىن تارتىپ مۇئەللىمگىچە شۇنداق،دادامغائەسلا گەپ قىلغىلى بولمايدىغان ئادەم،ئانام ئادەتتە شۇنچە مېھرىبان،
لىكىن بەزىدە ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق مۇشۇدەتلىرىمنى ئانامغا ئېيىت قىنىمدا ئانام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:ياشاش تەسكەلگەن بولسا ئۆزۇڭنى ئۆلتۇرىۋال دېدى.
گەپ قىلغىنىمغا توياپ چىقىپ كەتتىم.
ھاياتىمدابىرەرسىرداش دوستۇممۇ يوق.
كۇنلىرىم ئۇلارنىڭ ئېكىسپالاتتاسىيىسى ئىچىدىلا ئۆتىدۇ.ھەي..
تەڭرىم بۇكۇنلەرنىڭمۇ ئاخىرلىشىدىغان ۋاختى بولامدىغانمىدۇ؟
ماڭىمۇ دۇنيائىللىق،گۇزەل تۇيۇلىدىغان كۇنلەر كېلەرمۇ؟..
2
ئەتىسى1-سائەتتە كومپىيوتۇردەرىسى ئىدى.
يەنە كېچىكىپ قاپتىمەن،سىنىپقاكىرسەم بىرمۇبالايوق،ھەممىسى
كومپىيوتىرخانىغاچىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ،سومكامنى قويۇپ كومپىيوتېرخانىغا يۇگۇردۇم.
-رۇخسەتمۇ؟
ئىشىك ئاستائېچىلدى.
ئاخخۇدا،ئالدىمدابىرپەرىشتەتۇراتتى.
ئۇنىڭ چاچلىرى ئۇزۇن ساغۇچ رەڭلىك،قېشى خۇددى قەلەم بىلەن سىزىپ قويغاندەكلا،بەك چىرايلىق قىز ئىدى.
-كىرىڭ.
مەن سىنىپقائاستا كىردىم،ئۇ ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئىشىكنى ياپتى ۋە شۇنچىلىك سىپايىلىق بىلەن ماڭا سۆزلىدى:
-كېچىكىپ قالدىڭىزغۇ ئەخمەتجان.
شۇتاپتائۇنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان خۇشپۇراق ئەتىرھىدى يۇرۇگۈمنى قاپسىۋالغان ئىدى،ئاستاھۇشۇمنى يىغىپ تۆۋەنگە قاراپ:كەچۇرۇڭ مۇئەللىم.-دېدىم.
ئۇقوللۇرىنى ئاستا مۇرەمگە ئېلىپ پۇرلۇشۇپ كەتكەن ياقامنى ئوڭشاپ قويدى.
-ھېچقىسى يوق ئەخمەتجان بۇنىڭدىن كېيىن كىچىكىپ قالماڭ.
ئولتۇرۇڭ دېدى.
بۇمىنىڭ مەكتەپكە كېلىپ ھېسقىلغان ئەڭ ئىللىق مۇئامىلە ئىدى
بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ باراتتىم.
ئورنۇمغا كېلىپ ئاستا ئولتۇردۇم،يېنىمدا ئولتۇرغان ئەكرەمدىن.
-ھەي،بۇ مۇئەللىمنىڭ ئىسمى نىمىكەن؟
-گۇلنار،28ياشقاكىرىپتۇ،1يىل بىزنىڭ مەكتەپتە پارەكتىكا بولۇپ ئىشلەيدىكەن.
قانداق تازھېجىيىپ قاپسەنغۇ كۆزۇڭ چۇشۇپ قالدىمۇ نىمە؟
-ياقەي،نەدىكىنى.
ئاغزىمدا ئۇنداق دېگىنىم بىلەن راستلا يۇرۇكۇم بىرقىسمە بولۇپ كېتىپ باراتتى،بۇ مۇئەللىمنىڭ ماڭا بۇنچە مۇلايىم بولغىنى مىنى بەكلا خوشقىلىۋاتكەن ئىدى.
دەرىستىن چۇشتۇق ،ئۇ مۇلايىم ئاۋازى بىلەن كومپىيوتۇرنى ئۆچۇرىۋىتىپ چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ دېدى.
بالىلار ئاستاسىنىپتىن چىقىشقا باشلىدى،ئۇبولسا ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى.
مەن مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىنى كۆرىۋېلىش ئۇچۇن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم.2-قەۋەتكە چىققاندا تۇيۇقسىز ئۇ مېنى كۆرۇپ قالدى.
-ھوي،ئەخمەتجان،بۇيەرگەچىقىپ قاپسىزغۇ؟
-مەن،مەن شۇ..
ـ ماڭا دەيدىغان گىپىڭىزبار ئوخشىمامدۇ؟يۇرۇڭ ئىشخانىغا كىرىپ پاراڭلىشىمىز-دېدى ئۇ.
ئىشخانىدا ئادەم يوق ئىكەن.
ئۇ ئىشىكنى يېپىپ ئۇستەل ئۇستىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.
مەن ئۇنىڭ ئالدىغا ئاستا باردىم.
مۇئەللىم رەخمەت سىزگە.
ـ نىمە بولدى ئەخمەتجان؟
- ھېچنىمە،سىزبەك ياخشىكەن سىز مۇئەللىم،ھازىرغا كەلگۇچە ماڭا بىرەرمۇئەللىم ياكى ساۋاغداشلىرىم بۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ باقمىغان،لېكىن----
-لىكىن نىمۇ؟
-لىكىن سىز بەك ياخشىكەنسىز .
ئۇ يېقىملىق كۇلۇمسۇرىدى ۋە ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ شۇنچىلىك ھېسيات بىلەن سۆزلىدى،
-ھايات دېگەن بىرلا قېتىم كېلىدۇ،يەنە كېلىپ ئۇ ناھايىتى قىسقا
بولىدۇ،دۇنيا رەھىمسىزلىك بىلەن تولغان،بەزىكىشىلەرتوغۇلۇپ بۇدۇنيانى ئۆزكۆزى بىلەن كۆرۇپ باققان ئەمەس ياكى ھاياتنىڭ گۇزەل مىلودىيەلىرىنى ئۆزقۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ باققان ئەمەس.
ئەخمەتجان چۇشەنسىڭىز گۈزەللىك ئادەمنىڭ تاشقىقىياپىتىدە ئەمەس،ھاياتنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىمۇ پۇلدائەمەس.
سىز ئۆزىڭىز مۇشۇنداق جىسمانىي كەمتۇكلىكىڭىز بولغانلىقىڭىز ئۈچۇن ئۆزىڭىزنى كەمسىتىدىكەنسىز،شۇڭا ئۇلارمۇ سىزنى كەمسىتىدۇ،ئەگەرسىز ھالال ياشاپ چىن ئادەم بولۇپ ئادىمىيلىكىڭىز بىلەن ئۇلارنى تەسىرلەندۇرسىڭىز ئۇلار ھەرگىزمۇسىزنى كەمسىتمەيدۇ.
-مۇئەللىم بۇدېگەنلىرىڭىز راسمۇ؟كۆزلىرىمگە ياش كېلىپ كەتكەن ئىدى.
ـ ئەخمەق بالا،ئەلۋەتتە راس بولىدۇدە.
ـ مۇئەللىم،مىنى كەچۇرۇڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم.
نىمە كۇچنىڭ تۇرۇتكىسىدە بىلمىدىم ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم.
بەدەنلىرىم لەرزىگە كېلىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ ئاغزىنى ئاستا قۇلۇقۇمنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ پىچىرلىدى،
-مەنمۇ شۇنداق،
شۇنىڭدىن كېيىن بىزكىرىسلودا ئولتۇرۇپ مۇڭدۇشۇپ كەتتۇق.
بىرسائەت ئۆتۇپكەتكىنىنى سەزمەي قاپتىمەن ،گۇلنار مۇئەللىم بىلەن نىمىلەرنى سۆزلەشكىنىممۇ ئېسىمدە قالماپتۇ.
2ـ3ـ سائەت سىنىپ مەسۇلىمىزنىڭ دەرىسى ئىدى،2-سائەتتە يوق بولغاچقا سىنىپكا يۇگۇردۇم.
-رۇخسەتمۇ؟
-كىرە.
-2-سائەت نەگە بادىڭ؟
دەماللىققا گەپ تاپالماي ـ ئۇبىرنىغا باغان.
-ۋاي چىشقاق تاز ئۇبىرنىنى سېسىتىپ ئولتۇرپ سەندە .
بالىلار كۈلۇپ كەتتى.
-ئولتا سەن بولساڭمۇ بولمىساڭمۇ ئوخشاش.
بۇگۇن بەكلا خوشال ئىدىم، كەچتە ئۆيگە كەلدىم،سومكامنى چۆرىگىنىمچە ئۇچاق بېشىدا تاماق ئىتىۋاتقان ئانامغا بۇگەپلەرنى دەپ بەردىم .
-ئۇ بەك ياخشى ھەم چىرايلىق لىكىن شۇ مەندىن 13ياش چوڭ
،چوڭ بولغاندا ماڭا ئۇقىزبالىنى ئەپپەرمەي تۇرىۋالمايدىغانسەن ئانا.
-نىمە دەيدىغانسەن ئوغلۇم،خالىغىنىڭنى قىل.
-ۋاي-ۋۇي ئانا سەن بەك ياخشى جۇمۇ.
خوشاللىقىمدا بىر كېچە ئۇخلىياممىدىم ئۇياققا ئۇخلىيالمىدىم،
ئۇياققائورۇلسەممۇ شۇ،بۇياققا ئۆرۇلسەممۇ شۇ خىيال.
كۇنلەر مۇشۇنداق ئۆتىۋەردى.بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزمۇ بارغان
سېرى چوڭقۇرلىشىۋاتاتتى،بىز نەچچە قېتىىم بىللە كىنو كۆرۇپ كەلدۇق باغچىلارغىمۇ باردۇق.
بىرئاي ئۆتۇپكەتتى ھاۋا خېلىلا ئىسسىپ قالغان ئىدى.
بىركۇنى چۇشلۇك ئارامدا ئۇ مېنى مەكتەپ يېنىدىكى دەريا بويىدا سەيلە قىلىپ كېلىشنى ئېيىتتى.
ئىككىمىز سالقىن دەريا بويىدا كېتىۋاتاتتۇق،تۇيۇقسىز ئۇمېنىڭ كۆزۇمگە تىكىلدى.
ـ ئەخمەتجان بۇگۇن قانداق كۇن.
-قانداق كۇن.
-دوت،ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ،بۇگۇن مۇھەببەتلەشكىنىمىزگە بىرئاي بولغان كۇن.
-ھەراست،دوت لىكىمنى قارامامدىغان.
-قائىدە بويىچە بۇگۇن سىزنى سىنايدىغان كۇن.
-نىمە قائىدىكەن ئۇ.
ئۇمنى قولۇمدىن سورىگىنىچە كۆۋرۇككە ئېلىپ چىقتى.
-مەن راست دەۋاتىمەن ئەخمەتجان.
-ھە،ئىشەندىم قانداق سىنايسىز؟
-مەن سىنىمايمەن.
-كىم سىنايدۇ؟
-مۇھەببەت ئىلاھى.
-مۇھەببەت ئىلاھى؟
-شۇنداق.
-قانداق سىنايدۇ؟
ئۇ دەريانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:-دەرياغا سەكرەيسىز،ئەگەر سادىق بولسىڭىز مۇھەببەت ئىلاھى سىزنى قۇتقۇزىدۇ،ساداقەتسىز بولسىڭىز سۇدا تۇنجىقىپ ئۆلىسىز.
-چاقچاق قىلماڭە گۇلنار،مەن سۇئۇزۇشنى بىلمەيمەن،بۇيەردىن چۇشۇپ كەتسەم چوقۇم ئۆلىمەن.
ئۇ ئاچچىقلاپ تۇرۇپ:-مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم.
-لىكىن،گۇلنار مەن سىزنى راسلا.
-يالغان،-دەپ ۋارقىرىدى ئۇ سۆزۇمنى بۆلۇپ،:سىز ئەزەلدىن ماڭا ھەقىقىي كۆڭۇل بولۇپ باققان ئەمەس،پەقەت كۆڭلىڭىزنى خۇشقىلىشنى ئويلايسىز،شۇڭا ئانچە مۇنچە ۋاي دەپ قويىسىز.
-ياق،گۇلنار،مەن ئۇنداق قىلمىدىم.
ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ بوش ئاۋازدا:-بولدى،مەن سىزدىن ئاغرىنمايمەن.-دېدى ۋە كېتىشكە تەمشىلىپ ئارقىغا بۇرۇلدى.
ئادەمنىڭ ساداقىتىنى بۇنداق سىنىغىنىنى كۆرۇپ باقماپتىكەنمەن لىكىن ئۇنىڭ ھالىتىگە قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى.
-توختاڭ گۇلنار،مەن سەكرەي.
ئۇ ئارقىغا بۇرۇلدى ۋە مىنى قۇچاقلىدى.
-ماڭا ئىشىنىڭ ئەخمەتجان.
بىردەملىك قۇچاقلىشىشتىن كېيىن ئۇ مەندىن ئاستا ئاجىرىدى.
مەن كۆۋرۇك رىشاتكىسىدىن ئارتىلىپ ھېچنەرسىگە قارىماستىنلا
ئۆزۇمنى دەرياغا ئاتتىم.
سۇغا كىردىم،پۈتۈن بەدىنىم ھۆل بولدى،سۇيۇزدە بىردەم چۆكۇپ بىردەم لەيلەيتىم.
تۇيۇقسىز كۆۋرۇكتىن بالىلارنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازا ئاڭلاندى،
مۇئەللىم بىلەن ساۋاغداشلىرىم كۆۋرۇكتە تۇرىۋېلىپ مىنى تاماششا قىلىۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنلۇك ۋارقىرايتى:‹دۆت تاز،كالۋا تاز...›
مەن شۇچاغدىلا بۇئىشلارنىڭ بىر ئاي بۇرۇن مۇئەللىم بىلەن ساۋاشداشلىرىمنىڭ پىلانلىغانلىقىنى بىلدىم،ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۇشەنگەن دەك بولدۇم ،نەپىسىم سىقىلدى،ئانام كۆزئالدىمغا كېلىۋاتاتتى،ھاياتلىق ئۇچۇن تىپىرلايتىم ،
بۇتىپىرلاشلىرىم ئاستا-ئاستا..ئاخىرى توختىدى.
ئايگۇل:-مۇئەللىم،ئۇ ئۆلدى.
مۇئەللىم بالىلارغا قاراپ:-بالىلار ئاۋۇ تازنى كىم ئۆلتۇردى؟
بالىلار بىردەك:-ئۇخمايمىز.
-ھە ياخشى،يۇرۇڭلار مەكتەپكە كېتىمىز.
بالىلار مۇئەللىمنى چۆرىدەپ بىرنىمىلەر دېيىشىپ كۇلۇشكىنىچە كېتىشتى.
سەپنىڭ ئاخىرىدىكى بىر بالا ئارقىغا بۇرۇلدى ۋە كۆۋرۇك رىشاتكىسىنىڭ يېنىغا يۇگۇرۇپ كەلدى،
-ئەخمەت،سەن بىلەن تۇلۇقسىز بىردىن تاتىپ تۇلۇق بىرگىچە 4يىل بىللە ئوقۇپتىمەن،ئۆلۇمۇڭگە ئېچىنغىم كېلىۋاتىدۇ،لىكىن سەن ئۆلۇپ بولدۇڭ ئەمدى نىمىلا دېگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ.
شۇڭامەن ساڭا بولغان قايغۇ ھەسىرىتىمنى ئاددىيغىنە بىر سوۋغام
ئارقىلىق ئىپادىلەيمەن،بۇسوغام ئاددىي بولسىمۇ ساڭا مەڭگۇ ھەمرا بولغۇسى،-دېدى دە سۇغا تۇف قىلىپ بىرنى تۈكۈردى ۋە يۇگۇرۇپ بالىلارغا يىتىشتى.
.. .. ..
ئەتىراپ شۇنچىلىك جىمجىت،ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا،
بۇئەزىم دەريادا 15ياشلىق بىر يىگىتنىڭ جەسىدى ئەركىن لەيلەيتى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ﯪﯞﺍﺯﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺵ...
●  ﯰﻟﯘﻍ ﺗﺎﺯ(ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ)...
●  ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ ( ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ)...
●  ﯬﺑﺠﻪﺵ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ...
●  ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ...
●  ﺩﯗﯪ
●  ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﯮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟...
●  مۇھەببەتنىڭ رەڭگى
●  ﯪﺷﻜﺎﺭﻻﺵ(ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ)...
●  ﯮﺕ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻥ
●  [ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ]ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  ﭼﻮﻗﯘﻡ : ﺗﯚﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ...
●  ﺯﯙﻫﺮﻩ
●  ﻛﻮﭼﺎ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ...
●  [ﯬﺳﻠﻰ]خوتۇنىنى بۇلىغان ...
●  ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ
●  ﺭﯗﺑﺎﯻﻴﻼﺭ
●  [ئابدۇقادىر سادىر]ھ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ﯪﯞﺍﺯﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺵ...
●  ﯰﻟﯘﻍ ﺗﺎﺯ(ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ)
●  ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ ( ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ)...
●  ﯬﺑﺠﻪﺵ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ...
●  ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ...
●  ﺩﯗﯪ
●  ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﯮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟...
●  مۇھەببەتنىڭ رەڭگى
●  ﯪﺷﻜﺎﺭﻻﺵ(ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ)
●  ﯮﺕ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻥ

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى