بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> نەسرىي ئەسەرلەر >> مۇھەببەتنىڭ رەڭگى

مۇھەببەتنىڭ رەڭگى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-16 00:30:30    كۆرۈلۈش سانى : 418  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

ئۇيغۇر   زىيالىسى

ئويلۇنۇپ باققىنىم يوق ھەرقانداق ئىشنىڭ ماھيىتىنى.ماھىيەت ئىچىدىكى ئۆز-ئۆزۈمنى ھەم.

«دۆت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ئېيتىپ بېرەلىگەن بىلەن قاچان، قانداق تەۋەللۇت بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. مەن پەقەت قېلىپلىشىپ قالغان «مەن ئەقلىمنى تاپسام» دېگەن بىرىكمىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، بۇ سۆز مەۋجۇتكەن دەپ بىرەلەيمەن.گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە«مەن ئەقلىمنى راستىنلا تاپتىممۇ» دەپ ئويلۇنۇپ قالىمەن. بىراق، مەن ئاڭلىغان ئەقىللىقلارغا ئوخشاش بەختلىك ئەمەسلىكىم ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم.زىرىكىشلىك ئەمما تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى بىرىۋاتقان ئىشخانا، ئىللىقلىق ئىزدەش ماكانى ئائىلە، ئايغى ئۈزۈلمەيدىغان ئۈلپەتداشلىق سورىنى رىستوران مېنىڭ ئۆزگەرمەس پائالىيەت دائىرەم.تۈگىمەس شەكىلەن ئىشلار، تۈگىمەس كوتۇلداشلار، تۈگىمەس ئىسراپخورلۇقلار مېنى جۇۋازدىن چىقىرىپ سۆرەمگە سېىلىنغان كالىدەك ھالسىرتىدۇ. لىكىن ئويلانسام بۇلارسىز ياشاش بۈگۈن مەن ئۈچۈن ھارام. گەپ بۇيەرگە كەلگەندە«ئويلاش، ھارام» سۆزلىرى دىققىتىمنى تارتىدۇ. خۇددى يېڭى بىر گەپتەك بىلىنىدۇ. دەقىق ئىچىدە قوزغالغان قانداقتۇر بىر ئىستەك تۈرتكىسىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىپ لۇغەت ئاختۇرۇپ، چارچاش باياۋانىدا  ھالسىرايمەن.

ھاياتلىق – يول ئەمەس ئايغى چىقماس خالتا كوچا. تارىختىن بۇيان شۇنداق. تارىخ دېگەن نېمە؟ «تارىخ- كروران گۈزىلى». بىزدە گۈزەللەر كۆپ. ئانىدىن گۈزەللەر قەدىرلىك، قىممەتلىك. چۈنكى، گۈزەللەرنى ساتقىلى، سىتىۋالغىلى بولىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ رېئاللىقىمىز. تارىخقا ئاسىيلىق قىلىش – ئەڭ زور گۇناھ. دېگەن پىكىرلەر كاللامدا ۋاللىدە ئەكىس ئېتىپ قالىدۇ. بۇ دەقىق ئۆزۈمنى پەيلاسوپلاردىن تۆۋەن چاغلىغىم كەلمەيدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىنىنى ئۆزگىلەرگە ئوخشاش پەيلاسوپ دېگىم كەلمەيدۇ. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە «پەيلاسوپ» دېگەن سۆزنىڭ ۋەزىنى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ. بىراق، شۇچاغنىڭ ئۆزىدە «قاۋىغان ئىلىكتىرونلۇق ئاپشاركا» بارلىق ئۇرۇنۇشلارغا تاقاق سالىدۇ. «قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس» دەپتىكەن دەپ ئۆزەڭنىڭ پەيلاسوپلىقىڭنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيسەن. تاكسىدا ئولتۇرۇش، رىستوراندا ئويناشقا «تاكسى، رىستوران» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمەسلىك توسالغۇ بولالمايدۇ. پۇل بولسىلا بولدى. يەنە بىر نەچچە يۇمۇر بىلەن شاراپ ھەققىدە شېئىر توقۇغۇچى ئىلھام پەرىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنىڭ ئۆزى ھەممىگە يىتەرلىك. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە پۇل ئۈستىدە توختالغىم كېلىدۇ. پۇل – ئىنتىلىش، پۇل – ئىمتىياز، پۇل – بەخت، پۇل –ئائىلە، پۇل – ساغلاملىق، پۇل – مۇھەببەت. توغرا، ئالقانچىلىق رەڭلىك قەغەز مۇشىنچىلا تەرىپلەشكە لايىقمۇ؟ ئادەم –پۇل، پۇل – ئادەم دېگەنلەر خىيالىمغا سىغدىلىپ كىرگىلى تۇرغاندا، ئۆز رېئاللىقىمغا قاراپ مەن – ۋاقتى ئۆتكەن پۇل دېگۈم كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتمۇ ياكى ماھىيەت سىرتىدىكى ماھىيەتمۇ بىلمەيمەن. شۇڭا كەمتەرلىك بىلەن ئىزدىنىش ئېلىپ بىرىش كېرەك دەيمەن. «زىيالى قىلغان ئىشلىرى خىيالى» دېگەن سەپسەتىلەرگە رەددىيە بەرمەك بولۇپ. 

                    

 

 

قۇتۇلۇش

ئىشىكنى تاقاش ھەل قىلىپ بەرمەيدۇ ھىچنىمىنى. مۇھەببەتنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئېتىقاد گۈلىنىڭ پۇرىقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس...

ئادەم دېگەن نىمە؟ سوئال قويىدۇ ئۆز-ئۆزىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان زىيالى ھەممىنى ئۆز ئاغزىغا قارىتىپ.

كىملىكىنى يوقاتقان يولۇچى كوچا چىراقلىرىنىڭ كۈچلۈك نۇرى ئاستىدا ئۆز-ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. جەرىمانىسى يوق شەھەرنى ئىزدەپ كەچ قالغانلىقىنى ئېيتالماس ئەسلا. بۈگۈن توخۇ يۈرەك بولۇپ كەتكەن ئادەملەر. ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئەكەلگەن سىيىت نوچىنىڭ روھى «توۋا» دەپ ياقىسىنى چىشلەر بۈگۈنكى ئادەملەرگە قاراپ.

بۈگۈنكى مۇئەللىم سۆزلەر ئاينىڭ 30نى كۆزلەپ، جۇشقۇن كەيپىياتتا: «سىيىت نوچىدەك نادان، ئەخمەق بولماڭلار، بولمىسا ۋاقىتسىز ئۆلىسىلەر...»دەپ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا.

ئۆلۈم – نېمە دېگەن دەھشەت. ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكسەك ئەرزىگۈدەك، دېگەن تۇيغۇلار كاللىلاردا ھاكىممۇتلەقلىق ئورنىنى ئىگەللەر...

بۈگۈنكى ئادەملەر ئەجەپ نامەرتلىشىپ كەتتى. بۆشىكىدىلا يوقاتتى ئۇلار يۈرىكىنى، ئىنساپ، مىھرى-مۇھەببەت دېگەنلەرنى. سىمۇنت ئۈستىگە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ باغرى شۇنداق قاتتىق بولامدۇ-يا...دەپ ئەجەپلىنەر بۈگۈنكى چاللار.

ئەي ئىشىكنى تاقىۋالغان تەنھا پىكىر يۈرگۈزگۈچى، ئىشىكنى تاقىۋىلىش بىلەن ھەسرەتلىك خىيالدىن قۇتۇلغۇلى بولماس ھەرگىز. ئىشكىڭنى قورقىماي ئىچىۋەت. ئۆيۈڭدىكى بۇرۇقتۇملۇق سىرىتلارغا ئۇچۇپ چىقىپ كەتسۇن. سەن شۇندىلا نېمىگە ھەسرەتلىنىشنىڭ لازىملىقىنى بىلىۋالالايسەن... 



[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ abduraxit ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2008-4-17 19:12:26 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ﯪﯞﺍﺯﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺵ...
●  ﯰﻟﯘﻍ ﺗﺎﺯ(ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ)...
●  ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ ( ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ)...
●  ﯬﺑﺠﻪﺵ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ...
●  ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ...
●  ﺩﯗﯪ
●  ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﯮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟...
●  مۇھەببەتنىڭ رەڭگى
●  ﯪﺷﻜﺎﺭﻻﺵ(ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ)...
●  ﯮﺕ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻥ
●  [ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ]ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  ﭼﻮﻗﯘﻡ : ﺗﯚﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ...
●  ﺯﯙﻫﺮﻩ
●  ﻛﻮﭼﺎ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ...
●  [ﯬﺳﻠﻰ]خوتۇنىنى بۇلىغان ...
●  ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ
●  ﺭﯗﺑﺎﯻﻴﻼﺭ
●  [ئابدۇقادىر سادىر]ھ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ﯪﯞﺍﺯﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺵ...
●  ﯰﻟﯘﻍ ﺗﺎﺯ(ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ)
●  ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ ( ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ)...
●  ﯬﺑﺠﻪﺵ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ...
●  ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ...
●  ﺩﯗﯪ
●  ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﯮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟...
●  مۇھەببەتنىڭ رەڭگى
●  ﯪﺷﻜﺎﺭﻻﺵ(ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ)
●  ﯮﺕ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻥ

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى