بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> نەسرىي ئەسەرلەر >> ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﯮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟

ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﯮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-07 07:14:53    كۆرۈلۈش سانى : 251  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[size=4]تىلىفۇن كەلدى.......
تىلىفۇن ئاۋازى بارلىق تەنھالىقىمنى پاچاقلاپ تاشلىدى.ئۇ ئاۋاز مىنى غېرىپلىقنىڭ ئڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن تارتىپ چىقىرىپ، رىئاللىققا مەجبۇرى ھالدا قايتۇۇرۇپ كەلدى.
تىلفۇندىن ئاڭلانغان ئاۋاز خۇددى ئىلىكتىر ماگنىت دولقىنى ھاۋاغا سىڭىپ كەتكەندەك مىنىڭ تۇمۇرلىرىمغا،ھۈجەيرىلىرىمگە تىۋىشسىز ھالدا سىڭمەكتە.
سەن نىمە دەۋاتىسەن، مەن نىمە دەۋاتىمەن بۇ ماڭا نامەلۇم.لىكىن مەجبۇرى ھالدا رىيالىققا قايتۇرۇو كىلىنگەن مەن يەنە سىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭ ،سىنىڭ ئاۋازىڭ ئارقىلىق تەنھالىقنڭ چەكسىز كەتكەن چۆلىكىگە
مەھكۇم قىلىنغان ئىدىم.
مىنىڭ تەنھالىقىم سىنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنىڭ يەكۇللەنمىسى.
شۇنداق ، تەنھالىقمۇ مەۋجۇتلىقنىڭ يەنە بىر شەكىلى.
تارىخى ۋەقەلەر بىلەن جۇغراپىيە بىلىملىرىنى بىرلەشتۈرگەندە دۇنياغا داڭلىق بولغان سەھرايى كەبىر چۆلى، تەكلىماكان قۇملۇقلىرى ئەينى دەۋىردە مەدىنىيەت ئىنتايىا تەرەققى قىلغان رايۇنلار ئىكەن.
ئۇنداقتا مەن مەھكۇم بولغان تەنھالىق چۈلى چۇ؟
بەلكىم كۈچلۈك مۇھاببەت ئۇتىدا كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان چۆل بۇلىشى مۇمكىن. كىشلەر تەكلىماكان ئاستىدىن غايەت زور مىقداردىكى نىفىت ۋە تەبى گاز ساپىسىنى بايقىغاندەك مەنمۇ مۇشۇ چۆلىكتە يۇرۇپ
ئەينى چاغدا كۆيگەن ئوتنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى تىپىۋىلىشىم ھەتتا ئۈزۈممۇ ئويلاپ باقمىجان نەتىجخلەرگە ئىرىشىپ قىلىشىممۇ مۇمكىن.
ئادەم ئاتا پەرىشتىگە چۈشۈرۈلگەن ۋاققىتىن باشلاپ ئالەم مەڭگۈلۈك تەنھالىقتىن قۇتۇلغان ئىكەن.
ئۇنداقتا مىنىڭ تەنھالىقىم چۇ؟
يەنە تىلىفۇن كەلدى......
مەن ئۈزۈمدىن قايتىپ ،رىئاللىق بىلەن دىئالوگلىشىشقا باشلىدىم.........
توغرا مىنىڭ تەنھالىقىممۇ نىسپىلىققا ئىگە ئىكەن. شەكلەن مەجۇتلۇق مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسكەن
رۇھىيەت مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن رىئاللىق بىلەن تەنھالىقنىڭ دىئالۇگىنى ماسلاشتۇرالماي ئاۋارە بۇلىدىكەنمەن، توختىماي قاترايدىكەنمەن، قەلبىم چىنىقىدىكەن،گىمناستىكا ئوينايدىكەن......
توغرا، سىزنىڭ قەلبىڭىزمۇ گىمناستىكا ئويناپ باققەنمۇ؟

[color=Red]ﺋﯩﻤﻼﺳﻰ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ:[/color]
[color=Blue]تېلېفۇن كەلدى.......
تېلېفۇن ئاۋازى بارلىق تەنھالىقىمنى پاچاقلاپ تاشلىدى. ئۇ ئاۋاز مېنى غېرىپلىقنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن تارتىپ چىقىرىپ، رىئاللىققا مەجبۇرىي ھالدا قايتۇرۇپ كەلدى.
تېلېفۇندىن ئاڭلانغان ئاۋاز خۇددى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ھاۋاغا سىڭىپ كەتكەندەك مېنىڭ تۇمۇرلىرىمغا، ھۈجەيرىلىرىمگە تىۋىشسىز ھالدا سىڭمەكتە.
سەن نېمە دەۋاتىسەن، مەن نېمە دەۋاتىمەن بۇ ماڭا نامەلۇم. لېكىن مەجبۇرىي ھالدا رىيالىققا قايتۇرۇپ كېلىنگەن مەن يەنە سېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭ ،سېنىڭ ئاۋازىڭ ئارقىلىق تەنھالىقنىڭ چەكسىز كەتكەن چۆلىكىگە مەھكۇم قىلىنغان ئىدىم.
مېنىڭ تەنھالىقىم سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنىڭ يەكۈللەنمىسى.
شۇنداق ، تەنھالىقمۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ يەنە بىر شەكلى.
تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن جۇغراپىيە بىلىملىرىنى بىرلەشتۈرگەندە دۇنياغا داڭلىق بولغان سەھرايى كەبىر چۆلى، تەكلىماكان قۇملۇقلىرى ئەينى دەۋىردە مەدەنىيەت ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان رايونلار ئىكەن.
ئۇنداقتا مەن مەھكۇم بولغان تەنھالىق چۆلىچۇ؟
بەلكىم كۈچلۈك مۇھەببەت ئوتىدا كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان چۆل بولۇشى مۇمكىن. كىشلەر تەكلىماكان ئاستىدىن غايەت زور مىقداردىكى نېفىت ۋە تەبىي گاز زاپىسىنى بايقىغاندەك مەنمۇ مۇشۇ چۆللۈكتە يۈرۈپ
ئەينى چاغدا كۆيگەن ئوتنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى تېپىۋېلىشىم ھەتتا ئۆزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ قېلىشىممۇ مۇمكىن.
ئادەم ئاتا پەرىشكە چۈشۈرۈلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئالەم مەڭگۈلۈك تەنھالىقتىن قۇتۇلغان ئىكەن.
ئۇنداقتا مېنىڭ تەنھالىقىمچۇ؟
يەنە تېلېفۇن كەلدى......
مەن ئۆزۈمدىن قايتىپ ،رىئاللىق بىلەن دىئالوگلىشىشقا باشلىدىم.........
توغرا مېنىڭ تەنھالىقىممۇ نىسپىيلىققا ئىگە ئىكەن. شەكلەن مەۋجۇتلۇق مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسكەن
روھىيەت مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن رىئاللىق بىلەن تەنھالىقنىڭ دىئالۇگىنى ماسلاشتۇرالماي ئاۋارە بولىدىكەنمەن، توختىماي قاترايدىكەنمەن، قەلبىم چېنىقىدىكەن،گىمناستىكا ئوينايدىكەن......
توغرا، سىزنىڭ قەلبىڭىزمۇ گىمناستىكا ئويناپ باققانمۇ؟[/color]
[color=Red]ﺋﯩﻤﻼﻧﻰ ﯪﻳﺎﻕ-ﯪﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻠﻰ، ﯪﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﻤﯩﺰ![/color]

[/size]

[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ abduraxit ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2008-4-7 0:44:19 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ﯪﯞﺍﺯﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺵ...
●  ﯰﻟﯘﻍ ﺗﺎﺯ(ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ)...
●  ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ ( ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ)...
●  ﯬﺑﺠﻪﺵ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ...
●  ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ...
●  ﺩﯗﯪ
●  ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﯮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟...
●  مۇھەببەتنىڭ رەڭگى
●  ﯪﺷﻜﺎﺭﻻﺵ(ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ)...
●  ﯮﺕ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻥ
●  [ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ]ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ( ﺗﯘﺭﺍﻥ)...
●  ﭼﻮﻗﯘﻡ : ﺗﯚﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ...
●  ﺯﯙﻫﺮﻩ
●  ﻛﻮﭼﺎ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ...
●  [ﯬﺳﻠﻰ]خوتۇنىنى بۇلىغان ...
●  ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ
●  ﺭﯗﺑﺎﯻﻴﻼﺭ
●  [ئابدۇقادىر سادىر]ھ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ﯪﯞﺍﺯﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺵ...
●  ﯰﻟﯘﻍ ﺗﺎﺯ(ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ)
●  ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ ( ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ)...
●  ﯬﺑﺠﻪﺵ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ...
●  ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ...
●  ﺩﯗﯪ
●  ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﯮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟...
●  مۇھەببەتنىڭ رەڭگى
●  ﯪﺷﻜﺎﺭﻻﺵ(ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ)
●  ﯮﺕ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻥ

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى