دۇئا
مەن ئۇنىڭغا << مەن يالغۇز ئەمەس .>> دېدىم. راست مەن يالغۇز ئەمەس ئىدىم. بىرىنچى مەرتە ئۇتتۇرۇش ۋە ئىككىنىچى قەدەمنى ئېلىش ھارپىسى بولغان بۇ كېچىدە مەن دۇئا بىلەن ئۆرە تۇردۇم.
چۈشىنىش ئىمكانىيىتى تېپىلمىغان شارائىتتا<< چۈشەنسىكەن >> دەپ دۇئا ئىستىگەن بىر ئىنسان قانداقمۇ يالغۇز قالسۇن. گەرچە بىر نۇرنىڭ ھارارىتى ئۇنىڭ قەلبىنى كۆيدۇرۇپ تۇرسىمۇ بىراق ئۇ سەزمىسە......
مەن دۇئا بىلەن يالغۇزلۇقنىڭ چىكىگە يەتكەن ئىدىم. تاكى شۇ چەك نوقتىسىدىن باشلاپ مەن بارلىق ئازاپلارنىڭ تومۇرىغا ئايلانغان ئىدىم . مەندە ئاققىنى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ مەنە بىرلىكىدىن ئېچىغان شاراپ ئىدى.
مەن دۇئا بىلەن ئۆزۈمنىڭ چەكسىزىنى ئىزلەپ ئۆزۈمدە ئاقتىم. دەھشەت چوقان سۈرگەن بىر كۈنى ئۆزۈمگە تۇتاشتىم. مەن دۇئا بىلەن سەزدىمكى ، مەن چەكسىزلىكىم بىلەن چەكلىكلىكىم تۈپەيلى ئاشۇنداق بىر تەبىئي تۇيۇق يول ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈمگە تۇتاشقان ئىدىم.
مەن دۇئا بىلەن ئۆزۈمنى تۇنجى قېتىم ئىجدىھاتنىڭ دارىغا ئاستىم. ئۇ چاغدا مەندە غۇۋالاشقىنى ئۆلۈم ، روشەنلەشكىنى ھەقىقەتنىڭ ئىزناسى بولدى.
مەن دۇئا بىلەن تۇنجى قېتىم ھاياتنىڭ پەردىسىنى قايرىدىم . ھايات كارۋانلىرى مىغىلداپ كېتىۋاتقان بۇ جايدا ئالدىنقى قېتىم ئۆلۈم چۈشىگەن بىرسى، قايسى كۈنى كەچتە تەبىئەتكە تاشلىنپ قالغان دۇئا دەپتىرىنى ئېچىپ ھەربىر ئادەمگە ئامانەت توغرىسغا تەبلىغ قىلىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئامانىتىمنى ئەسلەشكە باشلىدىم. بىراق ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلاپ كېتىلگنى ياكى ئۆزۈمنىڭ شەيتاننىڭ مەھەللىسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىم ئېنىق ئەمەس ئىدى.
ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتلار ئىلگىرى مەن شەيتاندىن<< گۈزەللىك تەجرىبىسى >> توغرۇلۇق لېكسىيە ئاڭلىغان. ئۇ ماڭا<< سەن ھەرگىز ئۆزۈڭ ياكى ماڭا دۇئا قىلما ، بەلكى سەن بارلىق گۈزەللىكنىڭ قەلبىڭگە قايتا قايتىپ بېرىشى ئۈچۈن دۇئا قىل . سەن شۇ چاغدا ئەكسىڭگە قايتىپ ئۆز ماكانىڭنى تاپالىشىڭ ، مىنىڭ قەلبىمدىكى يىلان قالدۇرغان جاراھەت ياخشىلىنى كېتەلىشى مۇمكىن ...... >>
مەن دۇئا قىلدىم : ئى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى ، سەن ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن ماڭا بەخشەندە قىلغان ئاشۇ گۈزەللىكنىڭ مەن بىلەن بۇ سۈرگۈنۈمگە تەڭ چۈشكەن قىسمىنىڭ قەلبىمگە ئورنىشى ئۆچۈن دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىلغىن ! يوقىتىپ قويغان ئاشۇ روھي زىننەتلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلىش يولىدا ئاقتۇرغان ھەر بىر تامچە قېنىمنى مەن ئۈچۈن ساڭا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىمنىڭ تۇنجى سەھىپىسى قىلىپ بەرگىن!
1429-يىلى راببئۇلئاخىرنىڭ 13-كۈنى