بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> مەتبەئەچىلىك >> كىتاب دېڭىزى قانچىلىك چوڭ

كىتاب دېڭىزى قانچىلىك چوڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-08 12:58:06    كۆرۈلۈش سانى : 47  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
يازما تارىخ باشلانغاندىن بۇيان قانچىلىك كىتاب ساقلانغانلىقىنى ھېچكىم ئېنىق دەپ بېرەلمەيدۇ. بىر كىشى مۇنداق مۆلچەرلىگەن: دۇنيادىكى بارلىق كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ نامى ماشىنكا بىلەن بىر قۇر قىلىپ ئۇرۇپ چىقىلسا، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى200  مىليارد كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يەر شارىنى5  مىليون200  قېتىم يۆگىگىلى  ياكى يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىغا1000  دىن ئارتۇق «ھەرپ كۆۋرۈكى» سالغىلى بولىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا400  مىڭدىن ئارتۇق كۇتۇپخانا بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە لېنىن كۇتۇپخانىسىدا25  مىليون كىتاب،2  مىليون500  مىڭ پارچە قوليازما بار. ئۇنىڭدىكى كىتاب جازىلىرى بىر قۇر قىلىپ تىزىلسا500  كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئامېرىكىنىڭ پارلامېنت كۇتۇپخانىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا75  مىليون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ۋە ماتېرىيال بار، كىتاب جازىلىرى850  كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا بېيجىڭ كۇتۇپخانىسى بولۇپ،20  مىليون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب بار.1990   - يىلى مەملىكىتىمىزدە80  نەچچە مىڭ پارچە كىتاب نەشر قىلىندى، بۇ ھەر كۈنگە220  نەچچە پارچىدىن توغرا كېلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كىتاب دېڭىزى قانچى...
●  كىتابلار ئىچىدىكى ...
●  نەشر قىلىش خىزمىتى...
●  ئۆسمۈرلەر ۋە بالىل...
●  تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى...
●  «سېرىق چاكىنا گېزى...
●  خىلمۇخىل كىتابلار
●  كىتابنىڭ تەركىب تې...
●  كىتابنىڭ تەرەققىيا...
●  بەت
●  جۇڭگو ۋە چەت ئەللەر...
●  جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كىتاب دېڭىزى قانچىلىك چ...
●  كىتابلار ئىچىدىكى ئەڭ
●  نەشر قىلىش خىزمىتىنىڭ ئ...
●  ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار گې...
●  تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى ئاسا...
●  «سېرىق چاكىنا گېزىت» لە...
●  خىلمۇخىل كىتابلار
●  كىتابنىڭ تەركىب تېپىشى
●  كىتابنىڭ تەرەققىياتى
●  بەت

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى