نەشر قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈچ ھالقىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-03 01:04:43 كۆرۈلۈش سانى : 39
نەشرىياتچىلىقنىڭ تەرەققىي تاپقان - تاپمىغانلىقى جەمئىيەتنىڭ پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ھازىرقى زامان نەشر قىلىش خىزمىتى تەھرىرلەش، بېسىش، تارقىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەھرىرلەش − نەشر قىلىش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى، ئۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. تەھرىرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ياخشى تېما، ياخشى ئاپتورلارنى تاللاش، جەمئىيەتنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شۇنىڭغا لايىق ئاپتورلارغا ئەسەر يازدۇرۇش، ئاندىن تەھرىرلەش، تىلىغا ئىشلەش ۋە تېخنىكىلىق پىششىقلاشتىن ئىبارەت.
كىتاب ئادەتتە ئىككى خىل شەكىل، يەنى كۆپۈنگۈ مەتبەئە، تۈز مەتبەئە بىلەن بېسىلىدۇ. كۆپۈنگۈ مەتبەئەدە نابورچىك قوغۇشۇن ھەرپلەرنى تىزىپ نابور بەت شەكىللەندۈرىدۇ، كوررېكتورلۇقى قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ماترىتسا (قاتتىق قەغەز شەكلى)غا ئېلىنىدۇ، ئاندىن قوغۇشۇن بېتى قۇيۇلۇپ بېسىلىدۇ. تۈز مەتبەئە تۈز پېچەت مەتبەئە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ خېلى ئىلغار مەتبەئە تېخنىكىسى بولۇپ، ئىشچى ھەرپ تىزىپ ئولتۇرمايدۇ، فوتو نابور ئاپپاراتى بىلەن ھەرپلەر سۈرەت چۈشۈرۈش قەغىزىگە چۈشۈرۈلۈپ بەت ياسىلىپ بېسىلىدۇ. تەننەرخى ۋە تېخنىكىلىق تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا، دېگەندەك ئومۇملىشالمايۋاتىدۇ. بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە تۈپلىنىدۇ، ئاندىن كىتاب بولۇپ چىقىدۇ.
كىتاب يەنە تارقىتىش ھالقىسى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا تېگىدۇ. مەملىكىتىمىزدە ھازىر ئۈچ تارقىتىش يولى بار، بىرى، جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى، بۇ ئاساسلىق يول؛ يەنە بىرى، نەشرىياتلارنىڭ ئۆزى مۇشتەرى توپلاپ، كىتابنى ئۇلارغا بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىش؛ ئۈچىنچىسى، كوللېكتىپ ۋە يەككە كىتاب دۇكانلىرى. |
|