بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> مەتبەئەچىلىك >> كىتابلار ئىچىدىكى ئەڭ

كىتابلار ئىچىدىكى ئەڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-05 15:46:16    كۆرۈلۈش سانى : 75  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر ماشىنا بىلەن بېسىلغان كىتاب گېرمانىيىلىك گۇتېنبۇرگ1454  - يىلى مىخ مەتبەئەدە باسقان «گۇتېنبۇرگ ئىنجىلى». بۇ كىتاب ئاران42  قۇرلۇق بولۇپ،21  نۇسخا بېسىلغان. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كىتاب1976  - يىلى ئامېرىكا كولورادو شتاتىنىڭ دېنۋېر شەھىرى نەشر قىلغان «ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كىتاب» بولۇپ، بويى07 .3 مېتىر، ئېنى74 .2 مېتىر، بەت سانى300 ، ئېغىرلىقى6 .252 كىلوگرام كېلىدۇ. فورماتى ئەڭ كىچىك كىتاب ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى كۈپۈنگۈ مەتبەئە شىركىتى1980  - يىلى6  - ئايدا نەشر قىلغان «چۈمۈلە». ئۇ يان تەرىپى ئاران4 .1 مىللىمېتىر كېلىدىغان كۋادرات كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ20  بېتىدە بىر بالىلار چۆچىكى تولۇق بايان قىلىنغان. بۇنداق كىتاب لازېر نۇرلۇق مەتبەئە تېخنىكىسى بىلەن بېسىلىدىغان بولۇپ، ھەسسىلەپ چوڭايتىپ بېرىدىغان لوپا ئەينەك بىلەنلا ئوقۇغىلى بولىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر كىتاب ئەنگلىيىدە نەشر قىلىنغان «ئەنگلىيە كىتابلار كاتالوگى» بولۇپ، ئىككى يېرىم توننا كېلىدۇ. بۇ كىتابنى تۈزۈشكە15  يىل كەتكەن، ئۇنىڭغا مەتبەئە تېخنىكىسى ياۋروپاغا كىرگەن كۈندىن تارتىپ1956  - يىلىغا قەدەر دۇنيا ئەللىرى نەشر قىلغان ھەممە كىتابنىڭ نامى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي754  توم،527  مىڭ بەت. جۇڭگودا چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ زامانىدىن باشلاپ «تۆت چوڭ مەجمۇئە» ئىشلەنگەن، ئۇنىڭغا3503  خىل ئەسەر كىرگۈزۈلگەن، جەمئىي79  مىڭ337  جىلد بولۇپ، خەت سانى تەخمىنەن970  مىليونغا يېتىدۇ،36  مىڭ257  قىسىم بولۇپ، بەت سانى229  مىڭغا يېتىدۇ، ئۇ ئەڭ چوڭ قەدىمىي مەجمۇئە. يېقىنقى زامانغا مەنسۇپ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى يۈرۈشلۈك مەجمۇئە  ئەنگلىيىنىڭ ئىرېلاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «برىتانىيە يىغىن ھۆججەتلىرى» بولۇپ، جەمئىي1112  توم، ئۇ1968  - يىلىدىن1972  - يىلىغا قەدەر ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەنگەن. ھەر كۈنى10  سائەتتىن ئوقۇغاندا، ئۇنى ئوقۇپ چىقىشقا ئالتە يىل كېتىدۇ. بۇ توپلاملار ھىندىستاننىڭ ئۆچكە خۇرۇمى بىلەن مۇقاۋىلانغان بولۇپ، يالغۇز مۇشۇنىڭغىلا34  مىڭ ئۆچكە تېرىسى ئىشلىتىلگەن. ئامېرىكىدا1982  - يىلى12  - ئايدا دۇنيا بويىچە بىر خىل يېڭىچە «كىتاب» − تۇنجى ئېلېكترونلۇق رومان − «ئەما پىرئەۋىن» بارلىققا كەلدى. ئامېرىكا ماتېرىيال تېلېۋىزىيە - كومپيۇتېر شىركىتى ئۇنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى مۇشتەرىلىرىنىڭ ئائىلە كومپيۇتېرىغا16  مىنۇت ئىچىدىلا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ئوقۇرمەنلەر بەلگىلەنگەن مەشغۇلات كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا ئېكراندىن ئوقۇيالايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كىتاب دېڭىزى قانچى...
●  كىتابلار ئىچىدىكى ...
●  نەشر قىلىش خىزمىتى...
●  ئۆسمۈرلەر ۋە بالىل...
●  تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى...
●  «سېرىق چاكىنا گېزى...
●  خىلمۇخىل كىتابلار
●  كىتابنىڭ تەركىب تې...
●  كىتابنىڭ تەرەققىيا...
●  بەت
●  جۇڭگو ۋە چەت ئەللەر...
●  جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كىتاب دېڭىزى قانچىلىك چ...
●  كىتابلار ئىچىدىكى ئەڭ
●  نەشر قىلىش خىزمىتىنىڭ ئ...
●  ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار گې...
●  تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى ئاسا...
●  «سېرىق چاكىنا گېزىت» لە...
●  خىلمۇخىل كىتابلار
●  كىتابنىڭ تەركىب تېپىشى
●  كىتابنىڭ تەرەققىياتى
●  بەت

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى