بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> مەتبەئەچىلىك >> ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار گېزىت - ژۇرناللىرى

ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار گېزىت - ژۇرناللىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 15:32:25    كۆرۈلۈش سانى : 43  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى چىقىرىدىغان «جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» بىلەن «جۇڭگو بالىلىرى گېزىتى» ئاساسەن ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا يۈزلەنگەن. «جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت گېزىتى. ئەسلىيسى «جۇڭگو بالىلىرى ژۇرنىلى» بولۇپ،1949  - يىلى9  - ئايدا نەشر قىلىنغان،1951  - يىلى گېزىتكە ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى يىللىق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشان قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا ئاتاپ چىقىرىلىدىغان قەرەللىك ژۇرناللارمۇ بار، مەسىلەن، بېيجىڭدا چىقىدىغان «بالىلار ئەدەبىياتى، ئىلىم - پەن ئۆگىنىمىز»، شاڭخەيدە چىقىدىغان «بالىلار دەۋرى، پالۋان، كىچىك دوست»، تيەنجىندە چىقىدىغان «ئىزباسار، بالىلار ھېكايىلىرى» قاتارلىقلار.   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ئۆزلىرى چىقىرىدىغان گېزىت - ژۇرناللار بارلىققا كەلدى، شاڭخەيدە چىقىدىغان «كىچىك خوجايىن، بىز بىر مىليون» ئەنە شۇ ژۇرناللار قاتارىغا كىرىدۇ. «كىچىك خوجايىن» 1983  - يىل7  - ئاينىڭ15  - كۈنى نەشر قىلىنغان، ئايدا بىر سان چىقىدۇ، تىراژى200  مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ. ژۇرنالنىڭ تەھرىر بۆلۈمى شاڭخەي شەھىرى چاڭنىڭ رايونلۇق ئۆسمۈرلەر سارىيىدا بولۇپ،40  نەچچە بالا مۇھەررىرى، بالا مۇخبىرى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئەڭ كىچىكى يەتتە ياش، ئەڭ چوڭى14  ياش، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىكتىن كوررېكتورلۇققىچە بولغان ھالقىلاردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلەيدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كىتاب دېڭىزى قانچى...
●  كىتابلار ئىچىدىكى ...
●  نەشر قىلىش خىزمىتى...
●  ئۆسمۈرلەر ۋە بالىل...
●  تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى...
●  «سېرىق چاكىنا گېزى...
●  خىلمۇخىل كىتابلار
●  كىتابنىڭ تەركىب تې...
●  كىتابنىڭ تەرەققىيا...
●  بەت
●  جۇڭگو ۋە چەت ئەللەر...
●  جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كىتاب دېڭىزى قانچىلىك چ...
●  كىتابلار ئىچىدىكى ئەڭ
●  نەشر قىلىش خىزمىتىنىڭ ئ...
●  ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار گې...
●  تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى ئاسا...
●  «سېرىق چاكىنا گېزىت» لە...
●  خىلمۇخىل كىتابلار
●  كىتابنىڭ تەركىب تېپىشى
●  كىتابنىڭ تەرەققىياتى
●  بەت

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى