يەنە بۈگۈن سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان دەرىسلىكىمىز بولسا Cydia غا مەنبە قۇشۇش ۋە قىستۇرما چۈشۈرۈش دەرىسلىكى ، قىنى ئەمىسە دەرىسىمىزنى باشلايلى …
بىز ئالدى بىلەن يانفونىمىزنى تۇرمىدىن قاچۇرىمىز ،
تۇرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى بۇ يەردە !
سىز نورمال تۇرمىدىن قېچىپ بولغان بولسىڭىز ئاستىدا بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ !
Cydia نى قوزغۇتۇڭ ۋە ئاستى تىزىملىك سىتونىدىن —› 软件源 يەنى يۇمشاق ماتېرىيال مەنبەسىنى تاللاڭ ، ۋە ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى —› 编辑 يەنى تەھرىرلەشنى چېكىڭ ، ۋە يەنە سول يۇقىرى بۇرجەكتىكى —› 添加 يەنى قوشۇشنى چېكىڭ !
ئەمدى قارايدىغان بولساق بىر ئادرېس كىرگۈزىدىغان كۆزنەك ئېچىلدى ، ئېچىلغان كۆزنەككە بىز قوشماقچى بولغان ئادرېسىنى كىرگۈزىمىز ، مەن مۇھىم بولغان بىر مەنبەنى ئۆرنەك قىلاي : apt.25pp.com مەنبەنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بىز —› 添加源 يەنى مەنبە قوشۇشنى بىسىپ مەنبەنى قوشىمىز ، ۋە بىر دەم ساقلاپ تۇرىمىز ، مەنبە قۇشىلىۋاتىدۇ …
قۇشۇلۇپ بولدى , 回到Cydia يەنى Cydia غا قايتىشنى بىسىم Cydia باش بېتىگە قايتىمىز , ۋە ئاستى تىزىملىك سىتونىدىن —› 软件源 يەنى يۇمشاق ماتېرىيال مەنبەسىنى تاللاڭ , ۋە بىز يېڭىدىن قوشقان مەنبە 25pp دېگەن مەنبىنى چېكىڭ ! ئېچىلغان يېڭى كۆزنەكتىن
<< 全部软件包 >> بارلىق يۇمشاق ماتېرىيال دېگەننى چىكىڭ ! ئېچىلغان يېڭى كۆزنەكتىن ‹‹ Apple File Conduit“2” ›› دېگەننى تاللاڭ ! يەنى ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمدىكىدەك
ئەمدى ئوڭ تەرەپ ئۇستىدىكى ‹‹ 安装›› يەنى قاچىلاش ۋە يېڭى ئېچىلغان كۆزنەكتىن ھەم ‹‹ 安装 ›› قاچىلاشنى تاللاڭ ۋە ئوڭ تەرەپ ئوستىدىكى ‹‹ 确认 ›› يەنە قاچىلاشنى جەزىملەشنى چېكىڭ !يەنى ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمدىكىدەك
قاچىلىنىۋاتىدۇ … قاچىلىنىپ بولدى يەنى -›重启SpringBoard يەنى قايتا قوزغۇتۇش چېكىڭ ، تامام يانفونىڭىز بىر ئۆچۈپ يورۇيدۇ ، دېمەك سىز بىر قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولدىڭىز ھى ھى ھى بەكلا ئاسان شۇنداققۇ ھى ھى ھى لېكىن يەنە شۇ بىلمەيدىغدن تورداشلار ئۈچۈن بەلكىم بۇ بىر ياخشى دەرىسلىك بولغۇسى رەھمەت !
سىزگە ئامەت تىلەيمەن …!
مەنبە: تېزيول IT ئۇچۇر لىنىيەسى |
http://www.tizyol.cn/56.html