بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 614|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[ئۇچۇرلار] ھازىرقى Android سىستېمىسى iOS تىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
1. ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئوخشىمايدۇ:



iOS بىلەن ئاندرويىدنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا بۇ ئىككى سىستېمىنى ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئوخشىمايدۇ. IOS سىستېمسىى ئاساسلىقى IOS، IPad، itouch قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ، ئاندرويىد بولسا ئاساسلىقى ئاندرويىد ئەقلىيفونلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
2. ئىشلىتىدىغان كىشىلەر توپى ئوخشىمايدۇ:



IOS سىستېمىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرا-يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەر توپىنى نىشان قىلغان بولۇپ، بەزىلەر بۇ سىستېمىنى «بايلار» سىستېمىسى دەپ ئاتىغان، ئاندرويىد سىستېمىسى بولسا ئوتتۇرا-تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى «نامراتلار» سىستېمسى دەپ ئاتىغان.
3. سىستېمىنىڭ ئېچىۋېتىلىشچانلىقى ئوخشىمايدۇ:



ئاندرويىدنىڭ ئۆزىنىڭ ئوچۇق كود پىلانى AOSP بار، سىز پەقەت GPL ۋە Apache Licence 2.0 ئوچۇق كود كېلىشىمىگە رىئايە قىلسىڭىزلا، ئاندرويىدنىڭ ئەسلى كودىدىن قايتا پايدىلىنالايسىز. ئاندرويىدنىڭ ئەسلى كودى ئېچىۋېتىلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ دېتاللارنى خالىغانچە قاچىلاپ ئىشلىتىش ئىقتىدارىمۇ تەبىئىيلا iOS تىن يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاندرويىد iOS قا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ API ئۇلىنىش ئېغىزىنى ئېچىۋەتكەن، ئاندرويىد تور كۆرگۈچىدىن پايدىلىنىپ iOS تا قىلىش تەس بولغان ئىقتىدارلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئاندرويىدتا خەت كىرگۈزگۈچلەرنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا، ھەرقانداق تور كۈرگۈچتە ئۇلانمىلارنى ئېچىشقا، خالىغان ئۇسۇلدا ئەپلەرنى قاچىلاشقا، ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىدە ھۆججەتلەرنى خالىغانچە ھەمبەھرلەشكە بولىدۇ، ئەمما بۇر ئىشلارنى iOS تا تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ قىلغىلى بولمايدۇ، تۈرمىدىن قاچۇرغان تەقدىردىمۇ ئاندرويىدتىن ياخشى قىلغىلى بولۇشى ناتايىن.
4. سىستېما بىخەتەرلىكىكى جەھەتتىكى پەرقى:



iOS سىستېمىسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى، iOS سىستېمىدا ئىجرا بولغان پىروگرامما قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يانفون قېتىپ قالمايدۇ، ئەپلەر ناھايىتى راۋان ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىكلىكى بىرقەدەر يۇقىرى.
ئاندرويىد سىستېما كودلۇق سىستېمىغا تەۋە، ئەگەر بارلىق ئەپلەرنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلەتكىلى بولسا، سىستېما ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىلگەندىن كېيىن دائىم قاتىدىغان ياكى يانفون ئىشلىمەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاندرويىد سىستېمىدا بۇزغۇچى قىستۇرمىلارنىڭ سىستېمىدا ئاپتوماتىك ئىجرا بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇد، سىستېمىدا يوچۇقلار كۆپ، بۇلار شەخسىي ماتېرىياللار ئوغرىلىنىش، سىستېمىنىڭ توك سەرپىياتى يۇقىرى بولۇش، ئىقىم مىقدارىنى كۆپ خورىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىكلىكى نىسبىي ھالدا تۆۋەنرەك.
5. پايدىلىنىپ ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ:



ئالما مۇكەممەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك xcode، sdk قاتارلىق پايدىلىنىپ ئېچىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگەن، ios سىستېمىسى يىلتىزداش بولۇپ، ios نەشرلىرى ئارىسىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يەنى بىر خىل مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ياسالسا ئۇنى ئالمىنىڭ بارلىق ئۈسكۈنىلىرىدە نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ قاتتىق دېتالىنىڭ ياخشى بولۇشىمۇ پايدىلىنىپ ئېچىشنى ئاسانلاشتۇرغان.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-4-11 08:01:52 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھەر ئ‍ىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى باركەن شۇڭا ئىشلەتكۈچى ئابروي قوغلاشماي ئ‍ۆز ئېھتىياجىنى ئويلۇشۇپ تاللىسا ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدىكەندە

باھا سۆز

شۇنداق، مەن ئىلگىرى ئاندرويىد ئىشلەتكەندە توردىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۋالالايتىم. ما ئالمىدا قەتئىيلا چۈشۈرگىل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-4-11 09:50
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-11 09:50:56 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىكچە يوللىغان ۋاقتى  2016-4-11 08:01
ھەر ئ‍ىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى باركەن شۇڭا ئ ...

شۇنداق، مەن ئىلگىرى ئاندرويىد ئىشلەتكەندە توردىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۋالالايتىم. ما ئالمىدا قەتئىيلا چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2016-7-3 16:46:04 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئالما بايلار ئاندىرويىد نامىراتلار سىستىمىسى قاملاشمىغانلا بىر گەپقۇ بۇ

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 10:48 , Processed in 0.245095 second(s), 43 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش