iPhone نىڭ بۇ ئىقتىدارلىرى ئاندىرويىد يانفونىنىڭكىدىن كۈچلۈك، ئېتىراپ قىلامسىز؟
كۆپ يىللىق رىقابەتنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، iPhone ۋە Android يانفونى بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن پىشىپ يېتىلگەن ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنى ئەمەلىي كۈچى تەڭ رەقىپ دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما بىر قىسىم ئەقلىيفون ئاساسىي ئىقتىدارى تەرەپتە، iPhone نىڭ بىر تەرەپ قىلىشى Android يانفونىدىن تېخىمۇ ياخشى، بۇ ماقالىدە iPhone نىڭ بۇ ئەۋزەللىكلىرىنى يىغىنچاقلىغان.
ئالدىنقى ئەپكە قايتىش
ئەپ ئىقتىدارى ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئۇلىنىش دائىم بىر-بىرى ئارىسىدا ئالمىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، iPhone دا ئالدىنقى ئەپكە قايتىش تېخىمۇ قولايلىق، سىز پەقەت ئېكراننىڭ سول ئۈستى بۇرجىكىدىكى تېز شەكىلىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ. گەرچە Android ئۈسكۈنىسىدىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدار بولسىمۇ، ئەمما iPhone نىڭ ھەل قىلىش لايىھەسى تېخىمۇ ئاددى، ئابونىتنىڭ ئارتۇقچە كۆزنەككە كىرىشى ھاجەتسىز.
ئوڭغا سۈرۈپ ئالدىنقى قەدەمگە قايتىش
قايتىش كۇنۇپكىسى بولمىغانلىقتىن، iPhone دا ئالدىنقى قەدەمگە قايتىشتا باشقا چارە ئىزدىگەن. ئالمىنىڭ بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا ئېكراننىڭ سول تەرىپىدىن ئوڭغا سىيرىش. Android يانفونىنىڭ قايتىش كۇنۇپكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل شەكىل تېخىمۇ قولايلىقتەك كۆرىنىدۇ، چۈنكى ئابونىت ئېكراندىلا مەشغۇلاتنى تاماملايدۇ، ئەكىسچە يانفون گەۋدىسىنىڭ ئاستى قىسىمىدىكى سېزىمچان قايتىش كۇنۇپكىسىنى قول سېلىپ سىيرىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
ھالەت سىتونىنى چېكىپ چوققىغا قايتىش
زور مىقداردىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەت يۈزىگە دۇچ كەلگەندە، ناۋادا سىز چوققىغا قايىتماقچى بولسىڭىز، پەقەت iPhone نىڭ ھالەت سىتونىنى چەكسىڭىزلا ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. Android ئابونىتى ياۋاشلىق بىلەن ئېكراننى سىيرىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
خەت تۈزەش
كىرگۈزگۈچنى تىلغا ئالغاندا iPhone نىڭ تۈزىتىش ئىقتىدارىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. Android يانفونىنى ئىشلەتكەندە، سىزنىڭ بارمىقىڭىزنى ئىشلىتىپ ئۆچۈرمەكچى بولغان كونكىرت خەت ياكى ھەرپنى توغرا تاللىشىڭىز ناھايىتى تەس. iOS سىستېمىسىدا، 3D Touch ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، خەتنى ئۇزۇن بېسىپ تۇرغاندا پەيدا بولغان چوڭايتىش ئەينىكى ئۈنۈمى سىزنىڭ نۇر بەلگىسىنى توغرىلىشىڭىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
كونترول قىلىش مەركىزى يانفون ئېكرانىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تاق قول بىلەن ئېكراننىڭ چوققىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزنەكنى چېكىش بارغانسېرى قىيىنلاشتى، مەسىلەن ئۇقتۇرۇش مەركىزى، iOS نىڭ قايتىش كۇنۇپكىسى ۋە تور كۆرگۈچ ئادرېس سىتونى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، iOS نىڭ يۇقىرىغا تارتىش شەكىلىدىكى كونترول قىلىش مەركىزى كىشىنى باشقىچە خۇشال قىلىدۇ. سىز بارمىقىڭىزنى ئىشلىتىپ ئېكراننىڭ ئاستىدىن بۇ تىزىملىكنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ، ئارقىدىن سىستېمىدىكى مۇھىم ئىقتىدارنى كونترول قىلالايسىز. ناۋادا ئۇقتۇرۇش مەركىزىمۇ بىرىكىپ كەتسە، ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
تۆۋەن توك سەرپىياتلىق ھالەت
Android يانفونىدا ئىلگىرى مەلۇم خىل تۆۋەن توك سەرپىياتلىق ھالەت مەۋجۇت ئىدى، گۇگېل يېقىندا Android سىستېمىسىنىڭ يادروسىنىڭ بىرىكتۈرىۋەتتى. ئالما ئەگىشىپلا ئارقىدىن مۇشۇنداق ئىقتىدار چىقاردى.
ئالمىنىڭ تۆۋەن توك سەرپىياتلىق ھالىتىدە پەقەت بىر ئۇلىغۇچلا تەمىنلىگەن ھەمدە ئارتۇقچە يۇقىرى دەرىجىلىك كونترول قىلىش ئىقتىدارى يوق، ئەمما ئۇنىڭ ئارتۇقچە غەمدىن خالاس بولىدىغان بىر تەرىپى بار. يانفوننىڭ توك مىقدارى %80 تولۇقلانغاندىن كېيىن، تۆۋەن توك سەرپىياتلىق ھالەت ئاپتوماتىك ئېتىلىدۇ. ئەكىسچە بارلىق Android يانفونىدا دېگۈدەك، سىز چوقۇم قول سېلىپ مۇشۇنداق ئىقتىدارنى ئېتىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭغا پىششىق بولمىغان ئابونىتقا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلار بەلكىم ئۆزىنىڭ يانفونىدا ئىقتىدار مەسىلىسى كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ دەپ ھېس قىلىشى مۇمكىن.