بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 641|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] يانفوننى ئىشلەتكەنسېرى سۈرئىتى بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىدۇ، قاند...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
يانفوننى ئىشلەتكەنسېرى سۈرئىتى بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟

يانفوننى ئىشلەتكەنسېرى سۈرئىتى بارغانسېرى ئاستىلاپ ئاخىرىدا سىستېمىسىنى يېڭىلاش ياكى يانفوننى ئالماشتۇرۇۋېتىشكە مەجبۇر بولىمىز. قانداق قىلغاندا يانفوننىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ؟ سىلەرگە ئۈچ ئۇسۇلنى ئۆگىتىمىز.
ئاندىرويىد تېلېفونىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۇسۇلى:
تېلېفوننىڭ ئىچكى سىغىمى سۈرئىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرستىدۇ، ئەگەر تېلېفونىڭىزنىڭ سىغىمى 512MB ياكى 1GB بولسا، توغرا بولغان يانفون ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يانفون ئىچكى سىغىمىنى ۋاقتىدا تازىلاپ، ئەپلەرنىڭ ئۈزلۈكىدىن قوزغىلىپ كېتىشىنى چەكلەپ، يانفوندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، يانفون ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇڭ.
1. پروگراممىدىن توغرا چېكىنىپ، يانفون ئىچكى سىغىمىنى ۋاقتىدا تازىلاش
ئەپلەرنى ئىشلىتىپ بولۇپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسى ياكى HOME كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئۇنى ئېتىۋەتكەن بولماستىن بەلكى ئارقا سۇپىغا ئالماشتۇرۇپ قويغان بولىمىز، پروگرامما داۋاملىق ئىجرا قىلىنىپ، CPU ۋە ئىچكى سىغىمنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا چوقۇم ئەپ ئۆزىنىڭ «چېكىنىش» قىسمىنى تاللاپ ئەپنى چېكىندۈرۈڭ.



2. ئىشلەتمەيدىغان ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدىغان پروگراممىلارنى ئېتىۋېتىش
بەزى ئەپلەرنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ھەرقېتىم يانفون يېڭى قوزغالغاندا ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولۇنىدۇ، بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈنمۇ «تېڭشۈن يانفون باشقۇرۇش دېتالى»، «بەيدۇ تۇرغاۋۇلى» غا ئوخشاش دېتالنى چۈشۈرۈپ، «ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىش» دېگەن يېرىنى تېپىپ «چەكلەش»نى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
3. زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتۇرۇش
يانفون زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن يانفوندىكى بارلىق قوللىنىشچان كەسىپلەر، ئۇچۇر، تېلېفون دەپتىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تازىلىنىپ، ئەسلىدىكى پاكىز ھالىتىگە قايتىدۇ، لېكىن بۇ مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم بۇرۇنقى نەرسىلەرنى ساقلىۋېلىشىڭىز كېرەك.



يانفوننى ئىشلەتكەنسېرى يانفوندىكى ئەخلەتلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ، بۇچاغدا «بارلىق مەزمۇن ۋە لاھىيەنى ئۆچۈرۈۋېتىش» نى تاللاپ يانفوننى زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتۇرىمىز، لېكىن بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بۇرۇنقى نەرسىلەرنى ساقلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
ئايفوننىڭ ئەپلىرىنى زاپاس ساقلىماقچى بولسىڭىز كومپيۇتېرغا قاچىلانغان iTunes دە تاماملىسىڭىز بولىدۇ. ئاۋۋال زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتۇرۇپ، ئاندىن iTunes دىكى زاپاس ساقلانغان نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-4-11 07:54:51 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل تېما جۇمۇ بۇ مەنمۇ پات پات زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۋېتىمەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-4-11 20:20:13 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
لېكىن مەن ئۇنداق ئەمەس نىمىشقا دىسە ئاران تەستە يىغقان نەسىلە يوقاپ كىتىدىكەن يەنە تېلىفۇننى رەتلەش كىتىدىكەن

باھا سۆز

زاپاسلىۋالغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-4-11 20:58
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-11 20:58:27 | ئايرىم كۆرۈش
تەنھا0903 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-11 20:20
لېكىن مەن ئۇنداق ئەمەس نىمىشقا دىسە ئاران تەستە يىغقان ...

زاپاسلىۋالغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 10:48 , Processed in 0.309361 second(s), 42 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش