بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 520|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[ئۇچۇرلار] يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى قانچە G بولسا يېتەرلىك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


نېمە ئۈچۈن يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ؟ ئەمما يانفونىڭىز ئىزچىل تۈردە راۋان ئىشلىمەيدۇ؟
ئەقلىيفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يانفون تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، خىزمەت، رەسىمگە تارتىش قورالىغا ئايلاندى، كىشىلەرنىڭ يانفونغا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. تېخىمۇ كۆپ APP قاچىلاش، ئۈندىدار بىلەن تور بەتنى ئۆزئارا تەكرار ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار يانفوننىڭ RAM سىغا بولغان تەلەپنى بارغانسېرى كۈچەيتتى.
ئىچكى ساقلىغۇچنى سانلىق مەلۇمات يەتكۈزىدىغان يول دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ، يول قانچە كەڭرى بولسا يەتكۈزۈلىدىغان سانلىق مەلۇماتمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. ھالبۇكى، Android سىستېمىنىڭ «ئەخلەتلەرنى يىغىۋېلىش مېخانىزمى»دا ئېشىنچا ئىچكى ساقلىغۇچقا تايىنىپ ئەخلەتلەر يىغىۋېلىنىدۇ، ئۇۋاش جەريانىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان بولغاچقا، بىز كۆپ ئەپنى قوزغاتقاندىن كېيىن، يانفون قېتىۋالىدۇ، بۇ دەل سىز يانفوننى سېتىۋېلىپ نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قېتىۋېلىشىنىڭ سەۋەبى. ios مۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن iphone نىڭ يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىچكى ساقلىغۇچىنى 1GB دىن 2GB غا كۆتۈردى.



ئەمەلىيەتتە بۇ ماھىيەت جەھەتتىن بىر ئەلالاشتۇرۇش مەسىلىسى، قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى، iphone نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى ئاران 2GB، ئەمما Android نېمە ئۈچۈن 6GB غا ئېھتىياجلىق؟



بۇ بىرقانچە يىلدا كىشىلەر يانفون سېتىۋېلىشتا «قېتىش-قاتماسلىق»نى سېتىۋېلىشتىكى ئۆلچەم قىلدى، يەنى راۋانمۇ-ئەمەسمۇ؟ راۋانلىقمۇ بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ، تېلېفوننى قولغا ئېلىپ ئېكران يۈزىنى بىرقانچە قېتىم سىيرىسە راۋان بولسا بۇ پەقەت ئېكران يۈزى قاتلىمىدىكى راۋانلىق ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر سەپلىمىسىگە قارايدۇ، ئەمما يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفوننىڭ راۋانلىقىدا زور پەرق مەۋجۇد، ئەمما يەنە بىر قىسىم تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفونلار ناھايىتى راۋان؛ بەزىلەر نومۇر قويغۇزۇپ باقىدۇ، بەزى يانفونلار ئەنتۇتۇدا ناھايىتى يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىدۇ، ئەمما يەنىلا كۆڭۈلدىكدەك راۋان ئەمەس؛ تېخىمۇ چاتاق يېرى شۇكى، ھەربىر ئادەمنىڭ راۋرانلىققا قويغان ئۆلچىمى ئوخشاش بولمىغاچغا، ئوخشاش بىر يانفوننى سىز ئىشلەتسىڭىز راۋان ئەمەس، ئەمما مەن ئىشلەتسەم خېلى ياخشى بىلىنىدۇ.
راۋانلىق ھەققىدە توختالغاندا رام (帧) دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىش كېرەك، بىز كۆرگەن ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەر ئەمەلىيەتتە بىرقاتار تىنچ كۆرۈنۈشلەرنى تېز سۈرئەتتە ئۇلىغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان. بۇنىڭدا ئادەم كۆزىنىڭ ۋاقىتلىق توختاش تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىلغان. بىر سېكونت ئىچىدىكى تىنچ كۆرۈنۈشلەر قانچە كۆپ بولسا، بىز كۆرگەن ئېكران شۇنچە راۋان بولىدۇ.



تىنچ كۆرۈنۈش سانىنى بىز ئادەتتە رام سانى دەپ ئاتايمىز. بىز كۆرىدىغان كىنو ئادەتتە 24 رامدىن 29 رامغىچە بولىدۇ، يەنى بىر سېكونت ئىچىدە 24 تىنچ كۆرۈنۈش كۆرۈنىدۇ، كىنودىكى ھەر بىر رام غۇۋا رام بولۇپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئۇچۇرىنى ئۆزئىچىگە ئالغاچغا، 24 رامنى كۆرگەندە ناھايىتى راۋان كۆرۈنىدۇ.
بىز كۆرگەن ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈش، ئوينىغان 3D ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى سۈزۈك كۆرۈنۈش بولغاچقا، بىر سېكونت ئىچىدە 60 رام بولغاندا ئاندىن راۋان كۆرۈنىدۇ، بەزى كۆزلەر بولۇپمۇ سەزگۈر كۆزلەرگە 85 رام بولۇشى كېرەك. ئەمما ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كۆزى 60 راملىق سۈرەتنى نورمال كۆرەلەيدۇ، شۇڭا بىز ئىشلىتىۋاتقان سۇيۇق كىرىستال ئېكران 60 رام بويىچە سۈرەت كۆرسىتىدۇ. يانفونمۇ راۋان بولۇشى ئۈچۈن ئېكراننى سىيرىگەن ۋاقىتتا ھەر سېكونتلۇق رام سانى 60 بولۇشى كېرەك، مانا بۇ يانفوننىڭ راۋانلىقىدىن ئىبارەت.
يانفوننىڭ ئۆزىدىكى سەپلىمىدىن قارىغاندا،  CPU، ئىچكى ساقلىغۇچ، يادرو سانى، ئاساسىي چاستوتىسى ئوخشاش بولمىغان يانفوننىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر cpu نى زاۋۇتقا ئوخشاتساق، ئۇ ھالدا يادرو سانى سېخ سانىغا، ئاساسىي چاستوتىسى ئىشچىلارنىڭ تېخنىكىغا پىششىق بولۇش دەرىجىسىگە، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قوۋۇق سانىغا ئوخشايدۇ،  cpu ئوخشاش بولۇپ، يادرو سانى، چاستوتىسى، ئىچكى ساقلىغۇچى ئوخشاش بولمىسا، ئۇنىڭ راۋانلىقلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئالما يالفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشى ئۇنىڭ راۋان، ئىشلىتىشكە قولاي بولغانلىقىدا، ئۇنداقتا ئالما يانفونى نېمە ئۈچۈن ئاندروئىد يانفونىدىن راۋان بولىدۇ؟ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىدىن قارىغاندا ئاندروئىد ios تىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەمما ئەمەلىيە مەشغۇلات جەھەتتە ios ئاندروئىدنى بېسىپ چۈشىدۇ، بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ:
1. ئاندروئىدنىڭ ئەپلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ
ھەممىمىز بىلىمىز، ئاندوئىد يانفونلىرىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا كۆپىنچە مەلۇم دېتاللار تېلېفون بىلەن بىللە چىقىدۇ، ياكى سىز مەلۇم دېتالنى باسسىڭىز بەزى ئويۇنلار بىللە چۈشۈپ قالىدۇ، بۇنىڭدا تۈرلۈك ئەخلەت دېتاللارمۇ بار، كۆپىنچە ئەھۋالدىكى قېتىپ قېلىش ھادىسىسىمۇ ئەپنى قوزغاتقان ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ، iOS مەھسۇلاتلىرى يېپىق شەكلىدە بولغاچقا، بارلىق ئەپلەرنىڭ قوزغىلىشى يەككە لېنىيەلىك بولىدۇ، بارلىق ئەپلەر iPhone، iPad قاتارلىق iOS مەھسۇلاتلىرىدا ئىجرا بولىدۇ، ئۇلار قاتتىق دېتالدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنالايدۇ.



iOS سىستېمىسىنىڭ زاپچاسلىرىنى تەمىنلەيدىغان كارخانا پەقەت نەچچىلا، CPU مۇ يىلدا بىر ئالماشتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، دېتال تەتقىق قىلغۇچىلار كەلگۈسىدە ئىشلەپچىقىرىدىغان يانفوننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، GPU قوزغاتقۇچىنىڭ نېمىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ، شۇڭا ئاندروئىد ئەپلىرىنى ياساش تەننەرخى يۇقىرى ھەمدە پايدىسى ئازراق بولىدۇ. iOS ئەپلىرىنى ئاچقۇچىلار يۇمشاق-قاتتىق دېتالنى مۇكەممەل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق نەپگە ئېرىشىدىغان بولغاچقا، ئالما شىركىتى تەبىئىيلا ئەپ بىلەن قاتتىق دېتال ئوتتۇرىسىدىكى مۇكەممەل بىرىكىشكە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بۇنى يانفوننىڭ سەپلىمىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن ياكى ئەپنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفونلارنىڭ سىستېمىسى  ios تىن قېلىشمايدۇ، ئەمما ئەپ ئاچقۇچىلار ئەپ ياسىغان ۋاقىتتا بۇنچە كۆپ ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بولالمايدۇ، شۇقداقلا يەنە بۇنچە كۆپ ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا بىرمۇ بىر ئەلالاشتۇرۇشقا ۋاقىت سەرپ قىلىپ بولالمايدۇ، ئۇلار پەقەت بازىرى ئەڭ ياخشى بولغان بىرقانچە يانفونغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، شۇڭا باشقا يانفون ئىشلەتكۈچىلەر يانفونىنىڭ دائىملا قېتىۋالىدىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ.
2. ئالدىنلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ
ئالما يانفونىنىڭ ئېكرانغا بولغان ئىنكاسىنىڭ ئالدىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسىتىش تەرتىپى Touch - Media-Service-Core بولىدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىشلەتكۈچىلەر ئېكراننى باسقاندىن كېيىن، سىستېما ئېكراندا كۆرسىتىلگەن مەزمۇن يەنى Touch قاتلىمىنى ئالدىن بىرتەرەپ قىلىپ، ئاندىن Media، Service ۋە core قۇرۇلمىسىغا ئۆتىدۇ، ئاندروئىد سىستېمىسىنىڭ ئالدىنلىق دەرىجىسىدىكى ماس قاتلام بولسا Application-Framework-Library-Kernal قۇرۇلمىسى بويىچە بولىدۇ، پىروگرامما ئالدى بىلەن ئىنكاس قىلىدۇ، كەمىدە ئۈچىنچى باسقۇچقا ئۆتكەندە ئاندىن ئېكراندىكى كۆرۈنۈشنى بىرتەرەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر ئاندروئىد ۋە ئالما يانفونىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ios تېخىمۇ راۋان ئىجرا بولغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.



3. GPU ۋە ئىجرا مېخانىزمى
نۆۋەتتە يانفون سەپلىمىرى ئەڭ ئىلغار بولغان باسقۇچقا كىردى، دەسلەپكى 512M لىق ئىچكى ساقلىغۇچتىن ھازىرقى 6G RAM غىچە، 2K ئېنىقلىق دەرىجىسىگىچە، 800nit قا يېتىدىغان يورۇقلۇققىچە، بايراقدار يانفونلاردا سېلىشتۇرۇپ كۆرگۈدەك چوڭ پەرق يوق، ئەمما GPU ئەڭ چوڭ پەرقلىنىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ.



ھەممىمىز بىلىمىز، GPU سۈرەتنى بىرتەرەپ قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئوينىغان ۋاقىتتا، GPU نىڭ ئىقتىدارى ئەڭ زور چەكتە گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ، iOS سىستېمىسى تۈرلۈك ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى بىرتەرەپ قىلىشىتا ئاساسىي جەھەتتىن GPU قاتتىق دېتالىغا تايىنىپ سۈرئەتنى تېزلىتىدۇ، ئۇ CPU ياكى ئەپكە تولۇق تايانماي، GPU ئارقىلىق ئەڭ راۋان بولغان مەشغۇلات نەتىجىسىنى نامايەن قىلالايدۇ. ئەمما ئاندروئىد سىستېمىلىق مەھسۇلاتلار ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ئاندروئىد ئوخشىمىغان يانفوننىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە ماسلىشىپ، تۈرلۈك پەرقلىق سەپلىمىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك، شۇڭا سۈرەتلەردىكى كۆپلىگەن ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى بىرتەرەپ قىلىشتا يەنىلا ئەپنىڭ ئۆزىگە ئايىنىپ سۈرئەت تېزلىتىدۇ ھەمدە CPU نىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدىغان مەشغۇلاتلار تەبىئىيلار بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قېتىپ قېلىش ئەھۋاللىرى پەيدا بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ios نىڭ ئىجرا بولۇش ئۈنۈمدارلىقى ئاندروئىدتىن يۇقىرى، بۇ ئەپ ئاچقان ۋاقىتتا ئىشلەتكەن تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
خۇلاسە: ئاندروئىد يانفونلىرىنىڭ سەپلىمىلىرى بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا، ھەتتا ئېشىنچا بولۇپ قالماقتا، ئەمما يەنىلا بىر خىل يېتەرسىزلىك تەرەپلەر ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، ئەمما ios قاتتىق دېتالدىن يېتەرلىك دەرىجىدە پايدىلىنىپ، ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەككە يەتكۈزدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئاندروئىد سىستېما تەتقىقاتچىلىرى ئامالسىز قالدى، Android تولۇق ئوچۇق كودلۇق بولغاچقا، مۇقەررەر ھالدا مەلۇم مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى، بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش نۆۋەتتە google نىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە، android5.0 ۋە 6.0 دە ئاز-تولا ئۈمىدمۇ پەيدا بولدى. android7.0 نىڭ بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ مەسىلە ھەل بولسا ئۇ ۋاقىتتا 1GB ئىچكى ساقلىغۇچمۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ، سېتىۋالغۇچىلارمۇ ئىچكى ساقلىغۇچى چوڭ بولغان يانفوننى ئىزدەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلىدۇ.


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 10:48 , Processed in 0.270577 second(s), 42 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش