ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تورداشلار ،
خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى،كومپىيوتىرىمغا ۋىندوۋس 7 ،ئاندىرويىد شۇنداقلا ئوبۇنتۇ 14.04 سېستىمىسىنى ئۈچ سېستىما قىلىب ئىشلىتىۋاتقىلى .ئەلۋەتتە ئالدىنقى كۈنى يەنە فېدورا بىلەن قىزىل قالپاقنىمۇ بىرگە قاچىلاب بەش سېستىما قىلىب باقتىم.
ئوبۇنتۇنىڭ ياخشى تەرەبلىرىنى سۆزلەب بۇ يازمىنى تېمىدىن چەتنىتىۋەتكىم يوق،ئەمما قېرىنداشلارنىڭ ئوبۇنتۇنى سىناب كۆرۈب بېقىشىنى يەنە بىر قېتىم تەۋسىيە قىلىمەن.يېقىندا ئۆزۈمنىڭ بىلوگىمدا ئوبۇنتۇنى قاچىلاب ئىشلىتىش توغۇرسىدا نۆلدىن باشلانغان بىر يۈرۈش يازمىلارنى ئېلان قىلماقچىمەن.
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك ،نۇرغۇن تورداشلىرىمىز بەلكىم ،كومپىيوتىرغا ئاندىرويىد سېستىمىسى قاچىلاش بۇ بىر كونا تېمىغۇ ؟ bluestack نى قاچىلاب ئاندىرويىد سېستىمىسىنىڭ ئەپلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغۇ ؟دىيىشى مۇمكىن ،ئەمما مېنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغىنىم ، ۋىندوۋس مۇھىتىدە ئاللاقانداق بىر bluestack نى قاچىلاب ئىشلىتىش ۋە ياكى مەۋھۇم ھالەتتە ئاندىرويىد سېستىمىسى قاچىلاش بولماستىن بەلكى كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا بىۋاستە ئاندىرويىد سېستىمىسى قاچىلاشتۇر.
Computer
Summary |
Computer |
Processor | 2x Intel(R) Atom(TM) CPU N270 @ 1.60GHz |
Memory | 1014MB (739MB used) |
Operating System | Ubuntu 14.04.1 LTS |
User Name | yz (Yaqub Ghazi) |
Date/Time | Sun 19 Oct 2014 11:13:08 PHT |
Display |
Resolution | 1024x600 pixels |
OpenGL Renderer | Unknown |
X11 Vendor | The X.Org Foundation |
Multimedia |
Audio Adapter | HDA-Intel - HDA Intel |
مانا ئۈستىدىكىسى مەن بەش سستىما قاچىلاشقا ئىشلەتكەن كونا ئاتوم ئۈزەكلىك تور كومپىيوتىرى.(ۋىندوۋس ئىكىس پ يامان ئەمەس سۆرەيدۇ ،ۋىندوۋس 7 زە لېكىن ھورۇن ئېشەكتىنمۇ ئاستا ،ئوبۇنتۇ تازا ياخشى جۇمۇ!)
كومپىيوتىرىڭىزنى Androidۋە Windows قوش سېستىمىلىق قىلىۋېلىڭ !
قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى باسقۇچلار بىلەن ،قوش سېستىما سەپىرىڭىزنى باشلاڭ !
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :مەشخۇلات خاتالىقى تۈپەيلى كېلىب چىققان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە !
1.ئالدى بىلەن كومپىيوتىرىڭىز قاتتىق دېسكىسىدىن 10 گىگابايىتلىق بىر يېڭى دېسكا رايونى ئايرىب چىقىڭ .
2.ئەمدىكى قەدەمدە Download android-x86-4.4-RC1.iso ھۆججىتىنى ئورگان تەرەپتىن چۈشۈرۈڭ .
بۇ يەرنى بېسىڭ ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكى توربەتكە دۆلەت ئىچىدىن زىيارەت قىلغىلى بولمىغاچقا بىۋاستە بۇ ئادىرىستىن چۈشۈرۈڭ:
بۇ يەرنى بېسىڭ !
ئاندىن ئۈستىدىكى download دىگەن ئۇلانمىنى بېسىڭ.
يېڭى ئېچىلغان توربەتنى ئاستىغا سېرىب چۈشۈرۈب ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تاللايمىز.ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسۈتۈلگىنىدەك ،view دىگەن خەتنى بېسىڭ:
بىر ئاز تەخىر قىلىڭ ،چۈشۈرۈش ناھايىتى تېزلا باشلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكى توربەتكە دۆلەت ئىچىدىن زىيارەت قىلغىلى بولمىغاچقا بىۋاستە بۇ ئادىرىستىن چۈشۈرۈڭ:
بۇ يەرنى بېسىڭ !3.ئەمدى چوڭلىقى تەخمىنەن 4گىگابايىت كېلىدىغان بارماق دېسكا تەييارلاڭ ،ئۇنىڭدىن كىيىن ئاندىرويىد نىڭ سېستىما ھۆججىتىنى بارماق دېسكىغا ئويىدىغان تۆۋەنكى دىتالنى چۈشۈرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىڭ (ياكى بەيدۇدىن
UNetbootin دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ.)
4.ئەمدىكى ئىش يۇقىرىدىكى دىتال ئارقىلىق ئاندىرويىدنىڭ ھۆججىتىنى بارماق دېسكىغا ئويۇۋالىمىز.
چۈشۈرىۋالغان android-x86-4.4-r1.iso ھۆججىتى ۋە بارماق دېسكىنى كۆرسۈتۈب بەرگەندىن كېيىن OKدىگەن خەتنى بېسىب ،مەشخۇلات تاماملانغۇچە ساقلاب تۇرۇڭ.
5.ئەگەر بارماق دېسكىنى تەييارلاب بولغان بولسىڭىز ،ئۇنداقتا كومپىيوتىرىڭىزنىڭ BIOS قا كىرىب بارماق دېسكىدىن قوزغۇلىدىغان قىلىب تەڭشەڭ.
6. كومپىيوتىر بارماق دېسكىدىن قوزغالغاندىن كېيىن بىۋاستە install Android-x86 نى تاللاب ئېنتىر نى بېسىڭ ،يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
7.ئاندىرويىد نى قاچىلايدىغان دېسكا رايونىنى تاللاڭ ،يەنى سىز بېشىدا تەييارلىۋالغان 10 گىگابايىتلىق دېسكا رايونى.
8. سىزدىن دېسكىنى فورماتلاشنى تەلەب قىلسا ext3 kg كە فورماتلاڭ ،بولمىسا داۋاملاشتۇرۇڭ.
9.سىزدىن grub قاچىلامسىز دەب سورىغاندا ،ھەئە "yes"دىگەننى تاللاب داۋاملاشتۇرۇڭ ،يەنى رەسىمدىكىدەك:
10. ھەئە ،"Yes" نى بېسىپ ۋىندوۋس سېستىمىڭىزنى grub تىزىملىكىگە قوشۇڭ.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
11.ئەسكەرتىش :ئەگەر تۆۋەنكى رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەندەك سىزدىن ئىچكى ساقلىغۇچ ھەجىمىنى كىرگۈزۈڭ دىسە ، 2047 يەنى ئەڭ چوڭ قىممەنى كىرگۈزۈڭ،(بۇ ئاندىرويىد سېستىمىڭىزنىڭ ROM بولىدۇ.)،ئەگەر تۆۋەنكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقمىسا سېستىما داۋاملىق قاچىلىنىب بولغىچە بىر ئاز تەخىر قىلىڭ.
2047 دەب كىرگۈزۈشنى ئۇنۇتماڭ
12. ئاندىرويىد نى قاتتىق دېسكىغا قاچىلاش تامام !
run android-x86 نى بېسىب بىۋاستە ئاندىرويىد سېستىمىسىغا كىرسىڭىزمۇ ياكى reboot نى تاللاب سېستىمىنى قايتا قوزغاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.سېستىمىنى بىر قېتىم قايتا قوزغۇتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
(سېستىمىنى قايتا قوزغاتقاندا بارماق دېسكىنى تارتىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ!)
سېستىما قايتا قوزغالغاندىن كىيىن ئاندىرويىد سىزگە قاچىلاب بەرگەن سېستىما تاللاش دىتالى grub كۆزنىكى ئېچىلىدۇ ،سىز بۇ كۆزنەكتىن ئۆزىڭىز خالىغان سېستىمىنى تاللاب قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.بىرىنجىسى بولسا ئاندىرويىد ،ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا ۋىندوۋس سېستىمىسى .رەسىمدىكىدەك:
بىلمەي قالغان جايلىرىڭىز بولسا بىلوگدىكى ئەسلى يازمامغا ياكى مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ.
بىلدۈرمە :يازمىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر مالايسىيالىق كومپىيوتىر ھەۋەسكارى دوستىمىز
Gyta juwita نىڭ بىلوگىدىن ئېلىندى .