-
Internet Explorer 6 ئاللىقاچان ئۆلدى - [ئۇچـــــۇرلار]
2010-06-05 | خەتكۈچ:
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65189896.html
ئامېرىكا تور ئاممىسى 2010 - يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن Internet Explorer 6 نىڭ دەپىنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى ئۇزۇندىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن بۇ تور كۆرگۈ بىلەن خوشلاشتى. Internet Explorer 6 بولسا تور كۆرگۈلەر ئىچىدىكى جاھانگىر بولۇپ، خەلقئارادىكى تور ئاممىسىنىڭ تور كۆرگۈ ئىشلىتىش بازىرىنىڭ %95 نى يالغۇز ئىگىلەپ كەلگەن. ئەمما، نۆۋەتتە Internet Explorer 6 ئىقتىدارى بەكمۇ ئارقىدا قالغان بولۇپ، نۇرغۇن بىخەتەرلىك يۇچۇقلىرى ساقلانغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، Internet Explorer 6 نۆۋەتتىكى تور تېخنىكا تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان زور توساقتۇر.
IE6 نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم ؟
IE6 بولسا تور بەت لايىھىلىگۈچى ۋە ياسىغۇچىلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز تور بېتىنى IE6 غا ياخشى تونۇتۇش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپ قىلىشى، نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە كودلار ئارقىلىق ئۇنىڭغا خەيرىخاھلىق قىلىشى كېرەك. PNG بولسا بىر خىل يېرىم ئۆتۈشمە كۆرۈنۈشنى قوللايدىغان رەسىم. تور بەت لايىھەلەشكە ، كۆپ قەۋەتلىك رەسىملەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بىرىكمە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا قوللىنىلىدۇ. ئەمما، بۇنى IE6 قوللىمايدۇ - دە، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. IE6 نىڭ ئۆزىگە خاس بولغان CSS قېلىپى بار بولۇپ، چوقۇم نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە كودلار ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك، بولمىسا تور بەتنى IE6 دا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ. IE6 نىڭ بەت يۈزىنى كونترول قىلىش قىسىمىمۇ باشنى ئاغرىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا، IE6 بىخەتەرلىكى، ئىقتىدارى ئاللىقاچان نۆۋەتتىكى تور تەرەققىيات تەلىپىنى قاندۇرۇلمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۆلۈشى مۇقەررەر ئىدى.
دىيارىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق Internet Explorer 6 نىڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئىچىدە ئومۇملىشىش نىسبىتى %99 گە يېتىشى مۇمكىن. شۇ تاپتا خەلقئارا تور ساھەسىدە Internet Explorer 6 نىڭ ئۆلگەنلىكى جاكار ئەيلىنىپ، ھەتتا ئۇنىڭ دەپىنە مۇراسىمىمۇ بۇندىن بىرقانچە ئايلار ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلۈپ بولۇنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئۆلگەن Internet Explorer 6 نىڭ پىشىگە چىڭ ئېسىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. خۇسۇسەن يۈكسەل بلوگىنىڭ سـتاتىستىكىلىق ماتېرىيالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈكسەل بلوگىنىڭ %98.3 زىيارەتچىسى يەنىلا Internet Explorer 6 نى ئىشلىتىپ تور كۆرۈدىكەن. بۇ بىر تەرەپتىن دىيارىمىز كىشىلىرىدە تور ساھەسىدىكى يېڭىلىققا دىققەت قىلماسلىق، تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىسى يۇقىرى يېڭى دېتاللارنى ئىشلىتىشكە قىزىقماسلىق، ئەسكى بولسىمۇ كونىسىغا قىيالىماسلىق خاھىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن Internet Explorer 6 ئوخشاش ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان، بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى كۆپ دېتاللارنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ توردىن ئېلىۋاتقان ھوزۇرىنىڭ چەكلىك، تور پائالىيىتىنىڭ ھەرقاچان خەۋپ ئاستىدا بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.مەنبە : يۈكسەل بلوگ
收藏到:Del.icio.us
ئادرېس:
评论