-
Adsense نىڭ PIN خېتىنى تاپشۇرۋېلىش ئۇسۇللىرى - [كومپىيۇتېر]
2010-06-02 | خەتكۈچ:
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
Adsense نىڭ PIN خېتىنى تاپشۇرۋېلىش ئۇسۇللىرى ھەممىگە مەلۇمكى Adsense ئارقلىق تور بىكىتىدە ئازراق بولسىمۇ پۇل تېپىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. تور تىزگىنلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن بەزى تورداشلارنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ھىساباتلىرى نۇرمال بولغان بولسىمۇ PIN خېتىنى ھازىرغىچە جەزىملەشكە مۇمكىن بولمىغان. بەزىلىرىنىڭ PIN نۇمىرى ۋاقتى ئۆتكەن ياكى تاپشۇررۇپ ئالالمىغان. ئۇنداقتا، PIN خېتىنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىڭ. ئىلتىماس قىلىشتا، ئاۋال تۈۋەندىكىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىڭ. 1. PIN خېتى كىلىدىغان ئادىرىس خاتامۇ؟ 2. پوچتا نۇمىرى خاتامۇ؟ 3. بۇرۇن باشقا بىر ھىسابات ئۈچۈن مۇشۇ ئادرىسقا PIN خېتى كەلگەنمۇ؟ شۇنداق بولسا قەتئى بولمايدۇ. بىر ھىسابات ئۈچۈن بىر ئادرىس بۇلىشى كىرەك. بىر ئادرىسقا بىر نەچچە PIN خېتىنى ئىۋەرتكۈزۈش ئىنتايىن خەتەرلىك. ھىسابات ئاسان توختاپ كىتىدۇ. تور تىزگىنلىنىشتىن بۇرۇن PIN نۇمىرىنى ئەدسىنىس تور بىكىتىدە كىملىك نۇمىرى ئارقىلىق بىۋاستە جەزىملەشنى يولغان قويغان. بىراق، ھازىر ئۇلارنىڭ سىستىمىسىدا مەسىلە كۈرۈلگەنلىكتىن بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسەن تەس، يەنە كىلىپ ئازسانلىق مىللەتلەر نىڭ ئىسمىدىكى ھىساباتنىڭ PIN نۇمىرىنى جەزىملەشتە كىملىك نۇمىرى ئارقىلىق توردا بىۋاستە جەزىملەشتە ئاساسەن مۇۋاپىقيەتلىك بولمايدۇ. ( ئىسمىڭىزنىڭ شەكلى توغرا ئەمەس دەپ ئىلتىماسنى قايتۇرۋېتىدۇ). شۇڭا، PIN خېتىنى پوچتا ئارقىلىقلا تاپشۇرۋېلىش مۇمكىن. PIN خېتىنى قايتا ئىلتىماس قىلىشتا يۇقارقىلارغا دىققەت قىلىڭ. ئەگەر بۇرۇن باشقا بىر ھىسابات ئۈچۈن مۇشۇ ئادرىسقا PIN خېتى كەلگەن بولسا چۇقۇم باشقا ئادرىس ئىشىلتىش كىرەك. بەزىلەر ئۈچۈن ئادرىس مەسىلىسى بىر قەدەر باش ئاغرىتىدىغان ئىش بۇلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ. 1. تاۋباۋ دىن PIN خېتىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۋالىدىغانلار بار. ئۇلار ئاساسەن پوچتا ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغانلار بۇلۇپ، سىزگە پوچتا خەت ساندۇقى بىجىرىپ بىرىدۇ. PIN خېتىنى تاپشۇرۋالغان ھامان سىزگە ئۇلار PIN نۇمىرىنى دەپ بىرىدۇ. ئاساسەن 20 كۈندە تاپشۇرۋالىدۇ. PIN نۇمىرىنى چۇقۇم ھەر ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن جەزىملەش كىرەك. 15-كۈنىدىن بۇرۇن جەزىملىسىڭىز شۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالدىنقى ئايلىق 100 دوللاردىن ئاشقا كىرىمنى ئالالايسىز. تۈۋەندە كۆپچىلىككە ئىشەنچىلىك بولغان بىر كىشىنى تۇنۇشتۇرىمەن. بۇ دوستىمىز پوچتا ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ. بىر پوچتا خەت ساندۇقى 10 يۈەن. 20 كۈندە تاپشۇرۋالىدۇ. ئىشەنچىلىك. كەلگەن ھامان سىزگە خەۋەر قىلىدۇ. http://trade.taobao.com/trade/detail/trade_snap.htm?tradeID=38589067047268&itemID=64a0919433b32e6a520b13fd735dc7c8&xID=0db1 PIN خېتىنى تاپشۇرۋېلىش خەت ساندۇقى بىجىرگەندىن كىيىن PIN خېتى تاپشۇرۋېلىش ئادرىسىنى ئۆگەرتىپ بۇلۇپ، PIN خېتىنى ئىۋەرتىش ئىلتىماسىنى بېسىۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ. ئەسكەرتىش: ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 ياكى ئۈچ ئېلان ھىساباتى ئۈچۈن بىر پوچتىخانىدىن 2 ياكى 3 خەت ساندۇقى بىجىرسىڭىز بۇلىدۇ. كۆپ بولسا خەتىرى بار. ئېلانننىڭ توختاپ كىتىش ئىھتىماللىقى بار. مەنبە : http://www.xjcfan.com/a/Web/2010/0601/995.html
logs/64931214.html
收藏到:Del.icio.us
ئادرېس: