• PJblog3 v.2.8.157 چۈشۈرىۋېلىڭ. - [كومپىيۇتېر]

    2009-02-08 | خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34769662.html

    PJblog3 v.2.8.157 چۈشۈرىۋېلىڭ.

    PJblog3 v.2.8.157 چۈشۈرىۋېلىڭ.
    پروگرامما ئىسمى: PJBlog
    نەشىرى: PJBlog3 v2.8.5.157
    پروگراممېر: Puter Jam
    تەمىنلىگەن بېكەت مەنزىلى: http://www.pjhome.net
    خاراكتىرى: ھەقسىز
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: http://www.qatil.cn ئالىمجان ئابلېز
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان قىسىم: بەزى سەپلىمە ھۆججەتلەردىن باشقا ھەممە قىسىملار.
    ئارقا سۇپا ئىسىم: admin كىلىت: admin888

    PJBlog توغرىسىدا
    PJBlog دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ياخشى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ھەقسىز تارقىتىلغان شەخشىلەر blog پروگراممىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىتىلىش خارەكتىرى ۋە كۆپلىگەن ھەۋەسكارلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى نەتىجىسىدە بىر قەدەر مول سەپلىمە(插件) ۋە كۆرۈنمە ئۇسلۇب(皮肤) لىرىغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئىشلىتىش ناھايىتى قولايلىق. سىز ئۆزىڭىز كېرەكلىك سەپلىمە ۋە ئۇسلۇبلارنى توردىن ئاسانلا ئىزدەپ تاپالايسىز. PJblog نى تۈزگۈچى پروگراممېر شۈنزى QQzone نىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، بۇ blog نىڭ نامى ئۇنىڭ ئېنگىلىزچە ئىسمىنىڭ باش ھەرپى بىلەن ئاتالغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئىستىقباللىق blog پروگراممىسىدۇر.

    PJBlog نىڭ مەشغۇلات مۇھىتى

    مۇلازىمىتىرغا قويىلىدىغان تەلەپ:
    Windows2000 ھەم IIS5.0 دىن يۇقىرى بولۇش
    ADO سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، FSO، XMLDOM، ADODB.stream، VBScript 5.6 دىن يۇقىرى قوليازما تىلى ماتېرىياللىرىنى قوللايدىغان بولۇش.

    زىيارەتچىگە قويىلىدىغان تەلەپ:
    IE6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرى، Mozilla FireFox 1.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرى، Opear 8 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرى بولۇشى، JavaScript قوليازما تىلىنى قوللايدىغان بولۇشى كېرەك، پىرىنسىپى: W3C تور بەت ئۆلچىمىنى قوللايدىغان ھەرقانداق جاھاننامىلەردە نورمال زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.

    ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكى
    1. ھەرخىل جاھاننامىلەردە زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ. IE،Firefox،Safari قاتارلىق جاھاننامىلەر
    2. ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەنگەن. ئىككى خىل تەھرىرلىگۈچ بولۇپ، تور تەھرىرلىگۈچكە FCKEditor ئىشلىتىلگەن.
    3. UBB تەھرىرلىگۈچنى پروگراممىر ئۆزى تۈزگەن. كۆرۈنمە يۈز ۋە CSS نى تەھرىرلەپ ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، HTML كودىنى UBB كودىغا ئايلاندۇرۇش قۇرالى تەمىنلەنگەن.
    4. بۆلەكچىلەر(模块)نى بەلگىلەشكە بولىدۇ. بەت بۆلەكچىلىرىنىڭ ئورنىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، تور بەت تۈزۈشنى بىلمەيدىغانلارمۇ بەتكە بۆلەكچىلەرنى قوشۇلايدۇ، ئۆچۈرەلەيدۇ. كۆرۈنمە ئۇسلۇبنى توردا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
    5. يازما تۈرلىرىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. تۈرلەر ئۇلىنىشىنى چوققا تۈرگە چىقىرىشقا، ئۆچۈرۈشكە، سىرتقى ئۇلانما تۈرلىرى ۋە ئىچكى تۈرلەرنى قوشۇشقا ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ.
    6. ئەزا گۇرۇپپىسىنىڭ ھۆججەت چىقىرىش، خاتىرە يوللاش ... قاتارلىق ھوقۇق بېكىتىش ۋە قالدۇرۇشقا بولىدۇ.
    7. مۇلازىمىتىرغا بۇففىر ساقلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، مۇلازىمىتىرنىڭ ئىجرا بولۇش يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ.
    8. ئەزالارنىڭ پارولى SHA1 ئۇسۇلى ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈلگەن.
    9. تور بەتنى html بەتكە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

    قالغان قىسىملىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلىۋالغايسىلەر.

    چۈشۈرۈش: http://www.qatil.cn/blog/article.asp?id=356

    收藏到:Del.icio.us




    ئادرېس:

    评论

  • 你写的真不错,关注ing!