-
Aspتور بەت تۈزۈش جەريانى - [كومپىيۇتېر]
2009-02-01 | خەتكۈچ:
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34490754.html
كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
( ئەگەر سىز بەك ئۇستا بولسىڭىز ، خاتىرە دەپتەر (记事本) ئارقىلىق پۈتۈن بەتنى يېزىۋەتسىڭىزمۇ پىكرىم يوق )
Asp دا تور بەت تۈزمەكچى بولساق ، كومپيۇتېرىمىزغا چوقۇم Dreamweaver(frontpage) ، EditPlus، Access ، IISقاچىلانغان بولىشى شەرت .
بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى :
Dreamweaverئارقىلىق كۆرۈنمە ھالەتتە تور بەت مەزمۇنى تەھرىرلىنىدۇ . دىققەت : Dreamweaver دا Asp كۇدىنى ئۆزىڭىز قول سېلىپ يېزىڭ . ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىپ ئىشلەتمەڭ . سەۋەبى : Dreamweaverدا ئاپتوماتىك شەككىلەنگەن Asp كۇدلىرى بەك مۇرەككەپ بولۇپ ، قول بىلەن يازغان ئىككى قۇر كۇد ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغان ئىقتىدارلار ئۈچۈنمۈ ، بىر دۆۋە ئەخلەت كۇد ھاسىل قىلىپ ، كۇدنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئىتىگە ۋە ئوقۇشچانلىقىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ .
Editplus:بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ سىغىمى ناھايىتى كىچىك بولۇپ ، توردىن ئىزلىسىڭىز بىردەمدە تاپالايسىز . بۇ يۇمشاق دېتال پروگرامما يازغۇچىلارنى ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان پىروگرامما مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، مۇناسىۋەتلىك پروگرامما ئېچىش مۇھىتىنى تاللاپ قويساقلا ھالقىلىق سۆز ۋە فونكىسىيە قاتارلىقلار ئاپتوماتىك ھالدا ئوخشاش بولمىغان ھالەتتە كۆرۈنۈپ ، بىزنىڭ پروگرامما يېزىش ۋە ئوقۇپ چۈشۈنۈشىمىزگە كۆپ قولايلىقلارنى توغدىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، بىرلا قېتىمدا ئىككى بەت ئېچىپ كۇدلارنى ئۆز ئارا سېلىشتۈرغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭ چەكسىز بولغان مەشغۇلاتنى كەينىگە ياندۇرۇش(Undo)ئىقتىدارى بۇ دېتالنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى . بىز بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تور بەت ھۆججىتىنى تېز سۈرەتتە ئېچىپ تەھرىرلىيەلەيمىز ۋە ئۆزگەرتەلەيمىز .
Access Microsoft: بۇ يۇمشاق دېتال بىلەن تور بەت سېستىمىسىنىڭ ساندان بۆلىگى قۇرۇلىدۇ .
IISمۇلازىمېتىر مۇھىتى : ئادەتتە HTML،javaقاتارلىق شەرتلىك بەلگە ۋە پروگرامما تىلى بىلەن تۈزۈلگەن تور بەتلەرنى IISمۇلازىمېتىر مۇھىتى بولمىغان شارائىتتىمۇ ، Internet Expolorerدا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ . ئەمما Aspمۇھىتى ئارىلاشقان (كېڭەيتىلگەن نامى *.aspبولغان )تور بەت ھۆججەتلىرىنى ، Internet Expolorerنورمال ئانالىز قىلالمايدىغان بولۇپ ، بۇنىڭغا چوقۇم مۇشۇ Aspكۇدى ئارىلاشقان مەزمۇنلارنى ئانالىز قىلىپ Htmlكۇدىغا ئايلاندۇرۇپ Internet Expolorerدا نورمال زىيارەت قىلىشقا بولىدىغان مۇھىت ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ . Microsoft شىركىتى بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى IISمۇلازىمېتىر مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگەن .
يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش جەريانى :
Dreamweaver ۋە Editplusيۇمشاق دېتالىنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىسڭىز بولىدۇ . چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتالدا مەسىلە بولمىسىلا ، قاچىلىغاندىن كېيىن نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ . قاچىلاش ئۇسۇلى ئادەتتىكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش ئۇسۇلىغا ئوخشايدىغان بولۇپ ، بۇ يەردە توختىلىپ ئۆتمەيمەن .
Microsoft Accessيۇمشاق دېتالى ئادەتتە ھەر قانداق بىر office ئائىلىسى يۇمشاق دېتاللىرى ئىچىدە بار بولۇپ ، شۇ يەردىن تېپىپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ . ( ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزغا wordۋە ياكى excelقاچىلانغان بولسا ، accessنى قاچىلاشتىن ئاۋال باشلاش تىزىملىكىدىن پروگرامما تىزىملىكىنى قوزغىتىپ ، Microsoft Officeدېگەن تۈردە access بارمۇ يوق قاراپ بېقىڭ (ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ) .
كومپيۇتېرغاIIS مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىڭ .
باشلاش(开始)تىزىملىكىدىن بەلگىلەش(设置) كونترۇل يۈزلىكى (控制面板) نى چېكىڭ . بۇ ۋاقىتتا كونترۇل يۈزلىكى (控制面板) ئېچىلىدۇ.
كونترۇل يۈزلىكى ئېچىلغاندىن كېيىن ، كۆرۈنگەن سىنبەلگە تىزىملىكىدىن پروگرامما قوشۇش \چىقىرىۋېتىش(添加删除程序)سىنبەلگىسىنى چېكىڭ . ئازراق تەخر قىلسىڭىز ، قوشۇش \چىقىرىۋېتىش دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ . بۇ دىئالوگ رامكىسىنىڭ سول تەرىپىگە قارىساق ،ۋىندوۋسنىڭ كونترۇللىرىنى قاچىلاش\چىقىرىۋېتىش (添加删除Windows组件) دېگەن بىر سىنبەلگىنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز . ئەشۇ سىنبەلگىنى چېكىمىز . بىردەم ساقلىساق ،ۋىندوۋسنىڭ كونترۇللىرىنى قاچىلاش\چىقىرىۋېتىش (添加删除Windows组件)دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ . بىز بۇ دىئالوگ رامكىسىدىن internet信息服务(IIS)دېگەن تۈرنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كاتەكچىنى تاللايمىز . (ئەگەر بۇ كاتەكچە تاللاقلىق ھالەتتە بولسا كومپيۇتېردا بۇ مۇھىتنىڭ ھازىرلاقلىق ئىكەنلىگىنى بىلدۇرىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا IISنى قاچىلاشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق ) بۇ كاتەكچىنى تاللاپ كېيىنكى قەدەم(下一步)نى چېكىمىز . بۇ ۋاقىتتا IISقاچىلىنىش ھالىتىگە ئۆتىدۇ . ھەمدە ئوفتېك دېسكىغا windowsxpدېسكىسىنى سېلىپ بېرىشىڭىزنى سورايدۇ. سىز دېسكىنى سېلىپ جەزىملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ . بىردەمدىن كېيىن بۇمۇ قاچىلىنىپ بولىدۇ ( ئەگەر قاچىلىنىش جەريانىدا ، يەنە كۆرسەتمە كۆرۈنسە ، مۇناسىپ كۇنۇپكىنى چېكىپ ، ئوفتېك دېسكىدىكى i386ھۆججەت ئورنىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ ).
ئەمدى بىز IISنىڭ نورمال قاچىلانغان قاچىلانمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن Internet Explorer تور زىيارەت قىلغۇچىنى قوزغۇتۇپ ، ئادرىس كىردۈرۈش كۆزنىكىگە http://localhost دەپ كىردۈرۈرۈپ جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چېكىپ سىناپ باقىمىز . ئەگەر IIS نورمال قاچىلانغان بولسا ، كۆزنەكتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئېچىلىدۇ . ئەگەر ئېچىلمىسا IISنىڭ نورمال قاچىلانمىغانلىقىدىن ۋە ياكى TCPئېغىزىنىڭ باشقا يۇمشاق دېتاللارتەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغانلىقىدىن بولىدۇ (كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چاقماق (迅雷)ئىگەللەپ كېتىدۇ . مۇنداق ۋاقىتتا ، چاقماقنى چېكىندۈرىۋېتىپ قايتا سىناپ بېقىڭ).
ئەمدى ساندان قۇرۇش ۋە ساندان ئۇلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىمىز
Accessئارقىلىق ساندان قۇرۇش :
ئاۋال Microsoft accessنى قوزغۇتىمىز . ئاندىن ھۆججەت (文件)تتىن يېڭىدىن قۇرۇش(新建)دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدۇرۇپ يېڭىدىن ھۆججەت قۇرىمىز .ئاندىن ((Access2003 مەشغۇلات يۈزلىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈنگەن قۇرۇق ساندان (空数据库) بۇيرىقىنى ئىجرا قىلساق ، بىر دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىپ قۇرۇلماقچى بولغان ساندان ھۆججىتىنى قايسى ئورۇنغا ساقلاش توغرىلىق ئۇچۇر بېرىدۇ . بىز بۇ سانداننى C:\Inetpub\wwwroot نىڭ ئىچىگە mysiteدەپ بىر ھۆججەت قىسقۇچى قۇرۇپ ، شۇ ھۆججەت قىسقۇچىغا ئىچىگە ئېھتىياجلىق نام بېرىپ ساقلاش كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز(مەن بۇ يەردە سانداننىڭ ئىسمىنى ertash.mdb دەپ قويۇپ قويدۇم .دىققەت sqlبۇيرىقى ئارقىلىق سانداننى تور بەت سېستىمىغا ئۇلىغاندا مۇشۇ ئىسىم ئارقىلىق ئۇلايمىز ) . ئاندىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 使用设计)器创建表) دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك ، ساندان سۆز بۆلىكى (字段)نى بەلگىلەش جەدۋىلى ئېچىلىدۇ .
سۆز بۆلىكىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدەك قىلىپ بەلگىلەيمىز.
ئاندىن مائۇس نۇر بەلگىسىنى IDسۆز بۆلىكىگە توغرىلاپ ، ئوڭ كۇنۇپكىنى چېكىپ IDنى ھالقىلىق سۆز بۆلىگى قىلىپ بەلگىلەپ بېرىمىز . ئەمدى بۇ سۆز بۆلىگى قۇرۇش جەدۋىلىنى تاقىماقچى بولساق ، بۇ ساندان بۆلەكچىسىنىڭ قايسى نامدا ساقلىنىدىغانلىقىنى سورايدۇ . مەن بۇ يەردە mazmunدەپ نام بەردىم . شۇنىڭ بىلەن بىر ئاددىي ساندان قۇرۇش مەشغۇلاتى ئاخىرلىشىدۇ .
ئەمدى Dreamweaver يۇمشاق دېتالىنى قوزغۇتۇپ ، تور سېستىمىسى قۇرۇشنى باشلايمىز .
Dreamweaverنى قوزغۇتىمىز . ئاندىن ئاساسىي تىزىملىك ئىستونىدىن 站点(بېكەت) تىزىملىكىنى تاللاپ ، كۆرۈنگەن تىزىملىكتىن 新建站点(يېڭىدىن بېكەت قۇرۇش ) دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدۇرساق ، يېڭىدىن بېكەت قۇرۇش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكنىڭ 站点名称(بېكەت نامى ) تېكىست رامكىسىغا mysite دەپ كىردۈرۈپ ، كېيىنكى قەدەمنى باسىمىز . ئاندىن 是我想用服务器技术(مۇلازىمېتىر تېخنىكىسىنى ئىشلىتىمەن)دېگەن تاللاش تۈرىنى تاللىساق ، ئاستى تەرەپتە مۇلازىمىتېر پروگرامما تىلىنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ . بىز بۇ ئورۇندىن Asp vbscriptدېگەن تۈرنى تاللاپ ، كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز . بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ كۆرسەتكەن ھۆججەت ئورنىمىزنىڭ مۇتلەق ئادرىسى مۇناسىۋەتلىك تېكىست رامكىسىدا كۆرىنىدۇ . داۋاملىق كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز . بۇ ۋاقىتتا بەلگىلەنگەن ئورۇننىڭ مۇلازىمىتېر مۇھىتىدا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان 测试URLناملىق كۇنۇپكىنى كۆرىمىز . بۇ كۇنۇپكىنى چېكىمىز . ئەگەر مەزكۇر كۆرسىتىلگەن ئورۇن مۇلازىمىتېر دائىرىسىدە بولمىسا ، قۇرۇلغان بېكەت سېستىمىسىنى بىۋاستە Dreamweaver مەشغۇلات سېستىمىسىدا تۇرۇپ سىنىغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ. ئەگەر مۇلازىمىتېر دائىرىسىدە بولسا ، بىۋاستە سىنىغىلى بولىدىغانلىق ئۇچۇرى كۆرىنىدۇ (Dreamweaverنىڭ بېكەت سېستىمىسىنى سىناش تېزلەتمە كۇنۇپكىسى F12) . بۇمۇ نورمال بولغاندىن كېيىن يەنە كېيىن قەدەم كۇنۇپكىسىنى چېكىپ 否تاللاش تۈرىنى تاللىۋېلىپ ، يەنە كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز . بۇ ۋاقىتتا بارلىق بەلگىلەشلەر يېزىق شەكلىدە كۆرىنىدۇ . يەنە كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ، بېكەت سېستىمىسى قۇرۇش ئاساسىي خىزمىتىنى تاماملايمىز (بۇ بىر ئاددىي بېكەت سېستىمىسى بولغاچقا ، چۈشىنىشنىڭ قولاي بولۇشى ئۈچۈن بەزى بەلگىلەشلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى)
بۇ ۋاقىتتا Dreamweaverيۇمشاق دېتالىنىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدىكى 文件ھۆججەت تىزىملىكىدە بىز بايا قۇرغان ساندان ھۆججىتىنى كۆرەلەيمىز .
بىز مائۇس نۇر بەلگىسىنى مۇشۇ ھۆججەت تىزىملىكىنىڭ ئىچىگە توغرىلاپ ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ، كۆرۈنگەن تىزىملىكتىن 新建文件(يېڭىدىن ھۆججەت قۇرۇش) بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىپ aspھۆججىتىدىن بىرنى قۇرىمىز . ھەمدە ئۇنىڭ ھۆججەت نامىنى conn.aspقىلىپ ئۆزگەرتىمىز .
conn.aspناملىق ھۆججەتنى قوش چەكسەك . تەھرىرلەش رايونىدا conn.aspنى تەھرىرلەش كۆزنىگى ئېچىلىدۇ . (دىققەت : Dreamweaverيۇمشاق دېتالىنىڭ ئۈچ خىل تەھرىرلەش ھالىتى بار بولۇپ ، ئۇلار تەھرىرلەش مەشغۇلات كۆزنىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان . بۇلار لايىھە (设计)پارچىلاپ كۆرسىتىش(拆分) ۋە كۇد (代码) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ) . بىز بۇ يەردە 拆分ۋە ياكى 代码تۈرىنى تاللايمىز، كۇد يېزىش كۆزنىكىدىكى ئاپتوماتىك ھاسىل بولغان كۇدلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرىۋېتىپ، قايتىدىن كۇد يېزىش كۆزنىكىگە تۆۋەندىكى پروگراممىنى يېزىپ سانداننى بېكەت سېستىمىسىغا ئۇلايمىز .كود:
يۇقارقى كۇدلارنى كىردۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، تېزلەتمە كۇنۇپكا F12 چېكىپ سىناش ئېلىپ بارساق بولىدۇ . ئەگەر پروگرامما نورمال ئىجرا بولسا ، بىر ئاق بەت كۆرىنىدۇ . ئۇنداق بولمىسا خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنۈپ ، خاتالىق ئورنىنىڭ قايسى جايدا ، قانچىنچى قۇردا ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ .
دەرس بۇ يەرگە كەلگەندە مەن تور بېكەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك بولغان زۈرۈر بىلىملەر بىلەن كۆپچىلىكنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم، چۈنكى تورنىڭ بىخەتەرلىكى ھەر قانداق بىر بېكەت قۇرغۇچى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەسىلە . بۇ ساۋاتلار تۈگىگەندىن كېيىن دەرسلىك داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ .
Aspۋە ساندان بىخەتەرلىكى توغرىسىدا
Asp+accessئارقىلىق تۈزۈلگەن ھەركەتچان تور بېكەت سېستىمىغا كېلىدىغان ئاساسلىق خەۋپلەر access ساندانىنىڭ بىخەتەرلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا بېكەت سېستىمىسىنى تۈزۈش جەريانىدىكى بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىمۇ ئاساسلىق خەۋپ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . accessساندانىنىڭ شىفىرلاش قۇرۇلمىسى بەك ئاددىي بولغاچقا ، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ چۈشۈرۈپ تور بېكەتكە زىيان سېلىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ئۈچۈن ، بېكەت سېستىمىسىنىڭ بىخەتەرلىكلىگىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھالقىلىق خىزمەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
Accessساندانىنىڭ تور بوشلىقىدىكى ساقلىنىش ئورنى مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
收藏到:Del.icio.us
ئادرېس:
评论
مەنمۇ يېڭىدىن ئۆگەنگۈچى...Asp نى بەك ياخشى بىلىپ كەتمىسەممۇ يامان ئەمەس بىلىمەن ئىشقىلىپ...
رەھمەت سىزگە!