• BloggerAds ئېلاندىن ئاگاھلاندۇرۇش - [كومپىيۇتېر]

    2008-11-29 | خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31950248.html

    بىلىملەر بلوگىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن تەكلىماكان بلوگدا تەيۋەن شىركىتىنىڭ BloggerAds ئېلانى سىنالغان ئىدى. پۇلمۇ ناھايىتى تېز كۆپەيدى. كۈنىگە 20 نەچچە دوللارلىق ئېلان چېكىلىۋاتىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا باركەن.
    BloggerAds ئېلانى ھەق ھىسابلىغاندا ھەقنى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھىسابلىماي NT دوللىرى بويىچە ھىسابلايدىكەن. ھەر بىر NT دوللىرى تەخمىنەن 0.03 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ.
    ئالايلۇق: بىر ئامېرىكا دوللىرى 44 تەيۋەن NT دوللىرىغا تەڭ. شۇڭلاشقا سىز ھىسابىڭىزدا 44 دوللار تاپقاندا ئاندىن 1 ئامېرىكا دوللىرى تاپقان بولىسىز. $ بەلگىسىگە قاراپلا ئۇنى ئامېرىكا دوللىرى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ. جاھاندا جۇڭگو شياڭگاڭ، جۇڭگو تەيۋەن، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى $ بەلگىسىنى پۇل بەلگىسى قىلىپ ئىشلىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ يالغۇز ئامېرىكا دوللىرىغىلا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
    BloggerAds ھىسابىڭىزدىكى NT دىگەن خەتكە ھەم دىققەت قىلىڭ. بۇ بەلگە جۇڭگو تەيۋەننىڭ New Taiwan Dollar دىگەن پۇل بەلگىسى. شۇنداق قىلىپ، سىز تاپقان ھەر بىر $NT ئاخىرقى ھىسابتا خەلق پۇلىدا 0.2 rmb غا يەنى 2 موغا تەڭ بولىدۇ.
    شۇڭلاشقا زىيارەت سانى ئاز بلوگلارنىڭ يەنىلا گۇگول ئېلانى قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. تەكلىماكان بلوگدا قويۇلغان بۇ ئېلاندىن كۈنىگە 20 دوللار ئەمەس 4 يۈەن RMB ئەتراپىدا پۇل كىرىدىكەن. تەكلىماكان بلوگنىڭ كۈندىلىك بەت كۆرۈلىشى 1000 غا يېقىنلىشىدۇ.
    ئەگەر BloggerAds ئېلانى قويماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن تىزىملىتىڭ. ياكى تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىپ تىزىملىتىڭ.


    تىزىملاش بېتى ئېچىلغاندىن كېيىن تولدۇرىدىغان ئورۇنلارنى تولدۇرۇپ، يوللىسىڭىز بولىدۇ. مەزكۇر تور بېكەت مۇرەككەپ خەنزۇ يېزىقىدا بولغاچقا ئەگەر خەنزۇ يېزىقىنىڭ مۇرەككەپ شەكلىنى تونۇمىسىڭىز بۇ يەردىن تەرجىمە قىلدۇرۇڭ.

    manba : http://baliq.blogspot.com/2008/10/bloggerads.html


    收藏到:Del.icio.us




    ئادرېس: