• Blogbus قا ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى (يېڭى) - [كومپىيۇتېر]

    2008-11-25 | خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31757801.html

    Blogbus ئارقا سەھنىدە نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولغاچقا بۇرۇنقى ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشى تازا ماس كەلمەي قالدى. تۆۋەندە يەنە قىسقا قىلىپ تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى Blogbus قا قاچىلاشنى سۆزلەيمىز.
    ئاۋال Blogbus.com دىن ئۆزىڭىزنىڭ ھىساباتىغا كىرىڭ. ۋە سىز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتمەكچى ياكى ئۇيغۇرچە قىلماقچى بولغان بلوگنى تاللاڭ. ۋە ئۇنىڭ ئۇسلۇب تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدەك:

    ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 1-نومۇرلۇق ئورۇننى «يېڭى ئۇسلۇب قوشۇش» دىگەن تۈرنى چېكىڭ. ئۇسلۇب نامىنى بېكىتكەندىن كېيىن مۇقىملاشتۇرۇڭ. ۋە رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قىزىل رەڭلىك يەنە بىر ئورۇن 修改 نى چېكىڭ. بۇ چاغدا سىز يېڭى قۇرغان ئۇسلۇبنىڭ تەھرىرلەش بېتى ئېچىلىدۇ.

    بۇ چاغدا head, css, index, index-posts, detail, detail-posts دىگەندەك بىر نەچچە ھۆججەت بار بەت ئېچىلغان بولىدۇ. سىز تەكلىماكان بلوگدىن چۈشۈرگەن Blogbus ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى (پرىسلانغان ھۆججەتنى يەشكەندىن كېيىن) ھەم يۇقارقى ناملاردىكى 8 خىل تېكست ھۆججىتىگە ئېرىشىسىز. شۇ تېكست ھۆججەتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق كودلارنى Blogbus تىكى ماس ئورۇنغا چاپلايسىز.
    ئالايلۇق. سىز تەكلىماكان بلوگدىن چۈشۈرگەن ئۇسلۇبتىكى head دىگەن تېكست ھۆججىتى ئىچىدىكى كودلارنى Blogbus ئۇسلۇب تەھرىرلەش ئورنىدىن Head دىگەن ئورۇنغا چاپلايسىز. باشقىلىرى ھەم ماس ئىسىمدا بولىدۇ.
    ھەممىنى چاپلاپ ساقلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇسلۇبىڭىز پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
    EOT كودىنى head ھۆججىتى ئىچىگە يازىسىز.

    收藏到:Del.icio.us




    ئادرېس: