-
Gmail دە كونا خەتلەرنى ئىزدەپ تېپىش - [كومپىيۇتېر]
2008-11-06 | خەتكۈچ:
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
بىر نەچچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىل بۇرۇن يېزىلغان خەتلەر لازىم بولۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك. شۇنچە جېق خەت تۇرسا قانداقمۇ ئىزدەپ تاپارمەن دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەليەتتە Gmail نى ئىشلەتكەنسىرى ئۇنىڭ Google دەكلا ئىزدەش ئىقتىدارىنىڭمۇ كۈچلۈكلىكىنى بايقايدىكەنسىز.
logs/31049823.html
ئەگەر سىز خەتلەرنى ئۆچۈرۈ (Delete) ۋەتكەن بولسىڭىز بۇ خەتلەر ئەخلەت ساندۇقىدا 30 كۈن تۇرغاندىن كېيىن مەڭگۈلۈك يوقىلىپ كېتىدۇ. ئىزدەپمۇ تاپالمايسىز. ئەگەر يۇلتۇز (Star) لانغان خەتلەرنى ئۆچۈرۋەتكەن بولسىڭىز بۇ خەتلەر ئەخلەت ساندۇقىدىنمۇ يوقىلىپ كەتمەيدۇ. ياكى ئۇزۇنراق ۋاقت تۇرىدۇ.
ئەگەر خەتلەرنى ئارخىپ (Archive) لىغان بولسىڭىز بۇ خەتلەر ئەۋەتكەن خەت، ياكى كەلگەن خەت ساندۇقىدا كۆرۈنمەيدۇ. بارلىق خەت (All Mail) نىڭ ئىچىدە كۆرۈنىدۇ.
سىز خەتلەرنى ھەم تۈرگە ئايرىمىغان (Label) ھەم ئۆچۈرمىگەن، ھەم يۇلتۇزلىمىغان بولسىڭىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە لازىم بولغاندا تۈمەنلىگەن خەتلەر ئارىسىدىن قانداق تېپىش كېرەك؟
ئاۋال Gmail نىڭ ئىزدەش رامكىسىغا قاراڭ. ئاندىن ئىزدەش رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى خەنزۇچە 显示搜索选项 دىگەن تۈرنى ياكى تۆۋەندىكى رەسىمدە قىزىل بويالغان ئورۇننى چېكىڭ.
ئاندىن بىرنەچچە كاتەكچىسى بار بىر جەدۋەل ئېچىلىدۇ. ئەگەر سىز Gmail نى تەڭشەپ قويغان تىلنى چۈشەنسىڭىز شۇ بويىچە قىلىڭ. ئەگەر چۈشەنمىسىڭىز تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
From - كىمدىن كەلگەن خەت ئىدى؟
To - كىمگە يازغان خەت ئىدى؟
Has the Words خەتتىكى مەلۇم بىر سۆز (ياكى بىر قانچە)
مۇشۇلارنىڭ خالىغان بىرىنى تولدۇرۇپ ئىزدەش ئېلىپ بېرىڭ. ئىزدەش ئېلپ بارغاندا تۆۋەندە رەسىمدە قىزىل بويالغان ئورۇننى چوقۇم Mail &Spam & Trash دەپ تاللاڭ.
شۇنداق قىلسىڭىز ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتمىگەن ھەرقانداق خەتنى ئاسانلا تاپالايسىز.
Gmail ھازىر 7G دىن ئارتۇق ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن (كۈنسايىن ئېشىۋاتىدۇ.) شۇڭلاشقا سىزنىڭ بىرەر خەتنى ئۆچۈرىشىڭىز زۆرۈر ئەمەس، بوشلۇق توشۇپ قالمايدۇ. ئەگەر خەتلەر Inbox نىڭ ئىچىدە بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئۇلارنى Archive ياكى 存档 غا كىرگۈزۈپ قويۇڭ. بۇ چاغدا خەتلەر All Mail نىڭ ئىچىدە كۆرۈنۈپ، يېڭى خەتلەردىن باشقىسى ياكى سىز ئارخىپلىمىغان خەتلەردىن باشقىسى Inbox دا كۆرۈنمەيدۇ.
收藏到:Del.icio.us
ئادرېس: