-
Adsense دىكى ئېلان كىرىمى تۆۋەنلەپ كېتىش مەسلىسىنى تەپسىلى چۈشىنىش - [كومپىيۇتېر]
2008-11-05 | خەتكۈچ:
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
بارلىق Adsense ئىشلەتكەن بېكەت خوجايىنلىرى كىرىم بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كېتىش مەسلىسىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۈگۈن تور بېكەت خوجايىلىرىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن Adsense كىرىمى تۆۋەنلەشنىڭ سەۋەبى ۋە قوللىنىدىغان تەدبىر ھەققىدە تەپسىلى ئانالىز ئېلىپ بارىمىز. مەزكۇر ئانالىز ماقالىسىنى تەييارلىغۇچى Adsense ئىلغارلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى + تەكلىماكان.
logs/31023464.html
ئاۋال دەپ ئۆتىدىغىنىمىز : Adsense كىرىمى تور بېكەتنىڭ كۆرۈلۈشى، ئېلاننىڭ چېكىلىشى ۋە چېكىلگەن ئېلاننىڭ باھاسى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە بېكەتلەر مۇقىم باھالىق، مۇقىم ئورۇنلۇق ئېلانلاردىن كىرىم قىلىدۇ. تۆۋەندە مۇشۇ تەرەپلەردىن مەسىللەرنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرىمىز.
ئېلاننىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئۆزگەرسە كىرىم تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئەگەر سىز ئېلاننىڭ كۆرۈلۈش قېتىمى تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئېلان كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىسىڭىز تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
ئېلانىڭىز توختاپ كەتتىمۇ يوق، ئېلان كودى ئۆزگەردىمۇ يوق، ئەگەر سىز تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلان ھىسابىڭىز توختىغان بولسا سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ ئېلان چېكىلىش ئەھۋالى خاتىرلەنمەيدۇ.
تور بېكىتىڭىزدە پاراۋانلىق ئېلانى كۆرۈلۈپ قالدىمۇ يوق. «Google تەمىنلىگەن ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېلانى» نامىدىكى ئېلانلارغا ھەق ھىسابلانمايدۇ.
ئىزدەش نەتىجىسىدىن كېلىدىغان ئېلان كۆرۈلۈش ئېقىمىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. Google قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرىدا تور بېكىتىڭىزدىكى مەلۇم مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بېقىڭ. تاپالامدۇ يوق.
تور بېكىتىڭىزنى ئۇلىنىش قىلغان باشقا تور بېكەتلەر سىزنىڭ ئۇلىنىشىڭىزنى ئۈچۈرۋەتتىمۇ يوق؟
CTR نىڭ ئۆزگىرىشى كىرىمنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن.
CTR نىڭ ئۆزگىرىشى تور بېكەت ئۇسلۇبى ۋە ئېلان قويۇلغان ئورۇن بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. تور بېكەت ئۇسلۇبى ۋە ئېلان ئورنى ئۆزگەرگەندە ئېلاننىڭ كۆرۈلۈش ئەھۋالىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بۇ كىلىدىغان كىرىمنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تور بېكەتكە robot.txt ھۆججىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ يوق. ئەگەر گۇگول ئېلان كودى تور بېكىتىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلىيەلمىسە مۇناسىۋەتسىز ئەرزان باھالىق ئېلانلارنى كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
سىز يېقىندا تور بېكەتنىڭ يېڭى نەشىرىنى چىقاردىڭىزمۇ يوق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئېلان تىپى ۋە ئېلان كودىنىڭ بېكەت مەزمۇنىنى ئىگىلەش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ھەم بۇ ئۆزگىرىش كىرىمگە تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن. ئادەتتە 728x90,300x250,160x600 شەكىلدىكى ئېلانلارنىڭ كىرىمى باشقا شەكىلدىكى ئېلانلاردىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئەگەر يۇقىرقى سەۋەبلەرنىڭ ھىچقايسىسى بولماي تور بېكەتنىڭ كىرىمى يەنىلا توختىماستىن ئازلىغان بولسا، سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئېلان بېكەت زىيارەتچىلىرىدە ھارغىنلىق ھىس قىلدۇرغان. كۆپ كىشىلەر بۇ ئېلاندىن زىرىكىپ ئېلان چەكمەس بولۇپ قالغان. شۇڭلاشقا ئېلان شەكلى ۋە تور بېكەتنىڭ رەڭلىرىگە بىرەر قۇر تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ۋە داۋاملىق ئېلان شەكلى ۋە ئورنىغا قارىتا تەڭشەش قىلىپ، يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىشكە بولىدۇ.
تور بېكەتكە ھەرقانداق بىر تەڭشەش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى سىز ئۆزگىرىشنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. سىز بەلكىم ئېلان كودىنى نۇرغۇن تور بېكەت ۋە نۇرغۇن تور بېكەتلەرنىڭ نۇرغۇن ئايرىم بەتلىرىگە، ئايرىم ئورۇنلىرىغا قويغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئېلان كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەندە سىز ئېلان قويغان ئورۇننىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم لىنىيە ئىسمى قويۇپ، شۇ لىنىيەلەرنىڭ ئايرىم ئۆزگىرىشىنى كۆرۈپ بېقىڭ. قايسى لىنىيەنىڭ كىرىم بۇرۇنقىغا قارىغاندا تۆۋەنلەپ كەتسە ئۇنىڭ ئېلان شەكلى ۋە ئورنىنى دەرھال ئۆزگەرتىڭ.
لىنىيە ئىسمى قويۇش ۋە تەڭشەشكە دائىر ئىشلارنى Adsense ھىسابىنىڭ ئىچىدە قىلغىلى بولىدۇ. ھەم بۇ ھەقتە بىز ئىلگىرى ئايرىم ماقالە ئېلان قىلغان. Adsense بىلىملىرى دىگەن سەھىپە ئىچىدىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن.
收藏到:Del.icio.us
ئادرېس: