-
Z-Blog 1.8 ئۇيغۇرچە نۇسخا تارقىتىلدى - [كومپىيۇتېر]
2008-11-02 | خەتكۈچ:
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
جۇڭگودىكى داڭلىق بلوگ پروگراممىسى Z-blog ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى بۈگۈن جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەقسىز تارقاتتى. مەزكۇر سېستىما ھەسەن-ھۈسەن يۇمشاق دېتال ستودىيىسى ئىشلەپ داۋاملىق يېڭىلاپ- ئىلغارلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان. نۇرغۇنلىغان خەنزۇچە بلوگلار قوللانغان جۈملىدىن ئاينۇرى بلوگقا ئوخشاش داڭلىق بلوگلار ھەم ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان پروگرامما.
logs/30907103.html
ئالاھىدىلىكى: ASP دا يېزىلغان، Access ساندان ئىشلىتىلگەن، HTML ھاسىل قىلىدۇ، ئايرىم تىل خالتىسى تەمىنلەنگەن، نۇرغۇن قۇلايلىق قىستۇرما ۋە خېلى كۆركەم ئۇسلۇبلار تەمىنلەنگەن بولۇپ يەككە كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.
قاچىلاش ئۇسۇلى: مەنبەدىن چۈشۈرگەن ھۆججەتنى پىرىستىن يېشىپ، ھاسىل بولغان ھۆججەتلەرنى بوشلۇققا يوللايمىز. ئادرېس ئىستونىغا بىۋاسىتە بلوگ ھۆججەتلىرى ئارىسىدىكى Default.asp ھۆججىتى ساقلانغان ئادرېسنى كىرگۈزۈپ جەزملىسەك قاچىلاش يېتەكچىسى كۆرۈنىدۇ. قاچىلاش يېتەكچىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەقەت بىرلا باسقۇچ بىلەن قاچىلاش تاماملىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش ئوڭاي بولۇپ، باشقۇرۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، تاماملانغاندىن كېيىنلا ئىشلىتىشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 1. پەقەت بلوگنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبىلا ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشەلدى، تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇب كېرەك بولسا بلوگ باش بېتىگە چىقىپ چۈشۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
2. ئەسلى ئۇسلۇب UKIJ Tuz Tom فونتىغا تەڭشەلدى. admin.css fck_editorarea.css default.css لارغا EOT ئۇلىنىشى قوشۇلغان بولۇپ، بۇنى ئىشلەتمەكچى بولغان فونت نامى ۋە EOT ھۆججىتىنىڭ ئۇلانمىسىغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىش كېرەك.
3. ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن بلوگ دوستانە ئۇلىنىشىغا جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسىنىڭ ئۇلىنىشى قوشۇلدى. خالىمىغانلار ئېلىۋەتسە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: Z-Blog بولسا ھەقسىز تارقىتىلغان بلوگ پروگراممىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بۇ نۇسخىسىمۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى. جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى پەقەت ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنىلا ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا پەقەت زۆرۈر بولغان RTL بەلگىلىرى ۋە بوشلۇق بەلگىلىرىنى قوشۇشتىن باشقا بلوگ پروگراممىسىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدى. شۇڭلاشقا تارقىتىلغان بۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىمۇ ئەسلى نۇسخىدىكى كېلىشىمنامە بويىچە ئىشلىتىلىدۇ. جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى بۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھېچقانداق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولمايدۇ.
سىناق ئادرېسى
ئۇيغۇرچە نۇسخانى چۈشۈرۈش
باش بېكەتكە بېرىپ كۆرۈش
بارلىق ھوقۇق ھەسەن ھۈسەن ستودىيىسىگە تەۋە
ئۇيغۇرچە نۇسخا 1.8 نىڭ بارلىق ھوقۇقى جەۋلان خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تەۋە
收藏到:Del.icio.us
ئادرېس: