-
مېنى كەچۈرگىن - [مائـــــارىپ]
2008-10-22 | خەتكۈچ:
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/30510600.html
مېنى كەچۈرگىن
بۈگۈن سىز خىزمەتكە كەلگەندىن كېيىن، سىزنىڭ خىزمەت قىلىش قورالىڭىز بولغان كوپيوتېرنى ئېچىپ، تۇيۇقسىز ئۇنى ئەسلەپ قالدىڭىز. سىز ئۇنىڭ بىلەن دەل مۇشۇ ئالدىڭىزدا تۇرغان «سېھىرلىك دۇنيا» مۇجەسسەملەنگەن مۇشۇ كوپىيوتېردا تونۇشقان ھەم مۇشۇ ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن سىرداشقان، مۇڭداشقان. مۇناسىۋەت دەسلەپتىكى دوستلۇقتىن تەرەققىي قىلىپ، سىزمۇ ھەم ئۇمۇ سەزمىگەن ھالدا كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ رومانتىك بولغان «سۆيگۈ» قاينىمىغا كىرىپ قالغان. ئۇ سىزدىن نەچچە يۈز كلومېتىر يىراقتا ئىدى. شۇنداق، ئۇ سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. سىز ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئالاقىلاشمسىڭىز خۇددى ئەتىۋارلىق بىر نەرسىڭىزنى يوقۇتۇپ قويغاندەك بىئارام بولۇپ قالىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە كەچلىرى سىز تورغا كىرەلمەيتتىڭىز. شۇڭا مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى داۋاملاشترۇش ئۈچۈن سىز ئۇنىڭغا تېلفون نومۇرىڭىزنى دەپ بىرىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىڭىز. شۇنداق قىلىپ كەچلىرى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن تېلفوندا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئالاقىلىشىپ، ھاياتتىكى ئەڭ رومانتىك، ئەڭ گۈزەل كارتىنىلارنى ياراتتىڭلار. بەزىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن تېلفوندا سۆزلىشەتتىڭلار. ئەلۋەتتە ئۇ خالىغان ۋاقىتتا قالايمىقان تېلفون ئورمايتتى. سىزمۇ ئۇنىڭغا قالايمىقان ۋاقىتتا تېلفون ئۇرماسلىقنى ئېيتىپ قويغان. ئۇ ۋاقىتنى بەكمۇ ئەستاىدىل ئۇرۇنلاشتۇرالايتتى. ھەرگىزمۇ بىپارۋالىق قىلمايتتى.
دىمەك، سىز تۇرمۇشتا يېڭىچە بىر خىل بوشلۇقنى تولدۇرىۋالغان ئىدىڭىز. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە غەمسىز خوشاللىق ئىچىدە، كۈن ئاينى، ئاي يىلنى تولدۇرۇپ 2 يىل ئۆتۈپ كەتتى. مۇشۇ 2 يىلدا سىز ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمىگەن (ئەلۋەتتە «سېھىرلىك دۇنيا») كۈنىڭىز ئاساسەن بەك ئاز بولدى. ئەگەر بىرەر كۈن يوقاپ كەتسە سىز شۇ كۈننى بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزەتتىڭىز.
سىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن رىئال دۇنياغا قايتىپ، ھەقىقىي كۈرۈشكىڭىز بار ئىدى. بۇنى ئەلۋەتتە بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىڭىز. ئەپسۇس! سىزنى توساپ تۇرغان توساق بولغاچقا ئۇنداق قىلالمايتتىڭىز.
سىز كومپيوتېر ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈۋېتىپ تۇرۇپلا خىيالىڭىز قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئۆزڭىزگە «ۋاي ىۇدايم مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم» دەپ مېيىقىڭىزدا كۈلۈپ قويدىڭىز. «مەن ئۇنى ئۇچۇر يوللىماڭ دېگەنغۇ. ئەمدى ئۇنى يەنە خييال قىلىپ قالغنىم نىمىسى» دەپ پىچىرلىدىڭىز. سىز ئاۋازىڭىزنىڭ باشقىلار ئاڭلىغۇدەك بولۇپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئەسلا بىلمدىڭىز. سىزنىڭ قارشى تەرپىڭىزدە بېشىى كۆتۈرمەي ئىشىنى قىلىۋاتقان كەسىپدىشىڭىزمۇ بۇ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ قالغان چېغى، شۇڭا بېشىنى كۆتۈرۈپ سىزگە قاراپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىدىڭىز... سىز خىمەت قىلىشڭىز كېېرەك ئىدى. شۇڭا سىز ئالدىڭىزدىكى ماتېريالغا قارىدىڭىزيۇ ئەمما پىكىر خىيالىڭىز يەنە چېچىلدى. ئەمدى سىز ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن، تونۇشقان دوسلىرىڭىزنى، ئېنىقتاق قىلغاندا، سزگە «ئاشق» بولۇپ قالغانلارنىمۇ ئويلاپ قالدىڭىز. ئۇلار سىزگە ھەسەلدىنمۇ شىرىن گەپلەرنى قىلاتتى. سىزنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. يالغان گەپلەرنى تۆكۈۋېتەتتى. لېكىن كېيىنكى ئۇ ئۇلارغا ئوخشىمايتتى. سىزگە قىلغان گەپلىرى سەمىمىي بولۇپ، قىلچە يالغانچىلىق يوق ئىكەنلىكىنى سىزمۇ كېيىنچە بىلگەن ئىدىڭىز... ئەلۋەتتە سىزمۇ ساددا ئەخمەق ئەمەس بولغاچقا، دەسلەپتە ئۇنىمۇ بۇرۇنقى «ئاشق»لاردەك كاززاپ دەپ بىلگەن ئىدىڭىز. بىراق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلشىش جەريانىدا سىز ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
سىز ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمىدىڭىز. شۇڭا «ئىككىنچى ئاچمايمەن» دەپ ئۆزىڭىزگە ۋەدە قىلىۋەتكەن ئاشۇ مەخسۇس ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشى ئۈچۈن ئالغان مۇڭداشقۇ نومۇرنى ئىختىيارسىز ئىرادىڭىزغا خىلاپ ھالدا ئاچتىڭىز. ئەپسۇس، ئينىڭ باش سۆرىتى كۈلرەك ھالاتتە تۇرۇپتۇ. بىر مىنۇت، 2 مىنۇت.... بەش مىنۇتمۇ ئۆتۈپ كەتتى، سىز كۈتكەن «تىت...تىت... تىت...» ئاۋاز كەلمىدى. سىز تۇرۇپلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىڭىز... «ئۇ يەنە ساقسىز بولۇپ قالغانمىدۇ؟!. تېلفون ئۇچىرى قلمىسىمۇ چ چ غا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويماپتىغۇ؟!...» دېگەنلەرنى ئويلىدىڭىز. ئويلىغانسېرى كۆڭلىڭىز بىر خىل ئەنسىز ئارلاشقان، ئازاپ ئارام بەرمىگىلى تۇردى... ئەمەلىيەتتە سىز ئۆزىڭىز يېڭى سىزگە «ئاشق»ىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ئىدىڭىز...
شۇنداق ئولتۇرغاندا تېلفونىڭىزغا «زۇۋان» كىرىپ قالدى. سىز چۆچۈپ، كەتتىڭىز. نېرۋىڭىزدا «چوقۇم ئۇنىڭدىن كەلدى!» دېگەن خىيال چاقماق تېزلىكىدە پەيدا بولدى. سز تېلفوننى ئېلىپ، كەلگەن نومۇرنى كۆرۈپ ھاياجىنىڭىز قانچە تېز پەيدا بولغان بولسا شۇنچە تېز غايىپ بولدى. چۈنكى كەلگەن تېلفون ئۇنىڭ ئەمەس ئىدى.
بۈگۈن كەچتە سىز بالدۇرلا ئۇخلاپ قالماقچى بولۇپ، يېتىپ قالدىڭىز. چۈنكى سىزنىڭ بۈگۈنكى كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس ئىدى. نىمىشقا ياخشى بولسۇن؟ سىزنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدىغان يېڭى «ئاشق» سىزگە ئاشق بولغاندەك باشقا نەچچە قىزغا ئاشىق بولۇپ يۇرۇپتۇ. سىز بۇ ئىشلارنى بىلمەيلا قالغان بولسىڭزىمۇ بىر ئىش ئىدى. ئەپسۇس سىز بۇ ئىشنى بىلىپ قالدىڭىز. بىلگەندە بولسا چەكسىز خورلۇق ھىس قىلدىڭىز. سىز ئاشۇ تۈگۈمەس ۋەدە بەرگەن يېڭى «ئاشىق»ىڭىزغا رەسىم يوللاپ بەرمىگەن بولسڭىزمۇ بۇ ئشلارن بىلمەيلا قالاتتىڭىز. ئەمما ئىش بولدى. «مەخپىيەتلىك» ئاشكارە بولدى. سىز ياخشى كۆرگەن رومانتىك تۈسكە ئىگە بىر پارچە رەسىمنى توردا ئۇچرىتىپ قالغاندا، سىز يېڭى «ئاشق» ىڭىز بىلەن سىزنىڭ مۇناسىۋىتىڭىزگە سىموۋۇل قىلىش مەقسىدىدە يوللىغاندا سىزگە كۈتمگەن بىر ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇردا تىلغا ئالغان ئىسىم بولمىغىنىدا ئىدى ئۇ «ۋاپادار، كۆيۈمچان ئاشىق» ىڭىز گېپىنى توغۇرىلىۋالغانمۇ بولاتتى. بىراق ئۇ باشقىلارغا يوللىغان ئۇچۇرنىڭ سىزگە كېلىپ قېلىشىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك. سىز بىر خىل خورلۇق ئىچىدە يېتىپ قالدىڭىزيۇ ئەپسۇس ئۇيقىڭىز كەلمىدى، سىز دەسلەپكى ئىنى خىيال قىلدىڭىز. ئۇنىڭ سىزگە قالدۇرغان ھەر بىر ئۇچۇرلىرىنى قايتا قايتا ئويلىدىڭىز. ئۇنىڭ سىزگە يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا قىلچە ياسالمىلىق يوقلىقىنى چۈشەندىڭىز. ئۇ سىزگە ھەقىقەتەن ۋاپادار بولغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىڭىز. ئۇ ھەتتا ھەر قېتىم كىملەر بىلەن چ چ دا سۆزلەشكەنلىكىنى سىزگە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. سىز بەزىدە «ئۇ ماڭا ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ قالغان... بولۇپمۇ ئۇنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەرىجىدە قالدۇرغان ئۇچۇرلىرىنى كۆپرەك ئويلىدىڭىز... سىز ئۇنىڭغا «سىز ماڭا ئۇچۇر يوللىماڭ دېگەندىمۇ ئۇ سىزگە ئۇچۇر قالدۇراتتى. سىزدىن ئەھۋال سورايتتى... لېكىن سىز ئۇنىڭ ئۇچۇر يوللىشىنى قاتتىق چەكلىگەندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى مانا ساق بىرئاي بولدى ئۇچۇر قالدۇرمىدى... سىز دەسلەپتە زادى نىمە سەۋەپتىن ئۇنى چەكلىدىم دېگەننى ئويلاپ باقمىدىڭىز. سىز پەقەت ئائىلەم بار دىگەننى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بىراق سىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەن تۇرۇپ باشقا سىزگە «ئاشق» لار بىلەن ئالاقە قىلىپ يۈردىڭىز. دېمەك بۇ سەۋەپمۇ ئاساسلىق سەۋەپ ئەمەسلىكىنى ئەمدى چۈشەندىڭىز. سىز يەنە ئويلاندىڭىز. سەۋەپنى ئىزدەپ تاپماقچى بولدىڭىز..، سىز ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇيقىڭىز قاچتى... كاللىڭىزنى ئۇ ئىگىلىۋالدى... سىز يەنە شۇ سەۋەپنى ئويلىدىڭىز... ئويلىغانسىرى ئۇنىڭغا ئۋال قىلغاندەك ھىسياتقا كەلدىڭىز.
«زادى نېمە ئۈچۈن؟؟؟...» سىز ئويلىغانسىرى قاراڭغۇ كېچىدە كىچىكىنە يۇرۇقلۇققا ئېرىشكەندەك ئازراق سەۋەپنى تاپتىڭىز. «توغرا!» دېدىڭىز. ئۇ باشقىلاردەك يالغاندىن ھىجىيىپ، يالغاندىن سىزگە كۆيۈنۈپ يۈرمەيدۇ.. ئۇ ھەقىقىي چىن دىلدىن سىزگە كۈيۈنىدۇ. ئەلۋەتتە ساختا مالنىڭ بازىرى ھەققىي مالنىڭ بازىرىدىن ئىتتىك بولغاندەك، ھەقىقىي نەشىر قىلىنغان VCD قاتارلىق بۇيۇمنىڭ بازىرىدىن ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۈلگەنلىرنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغاندەك، باشقىلارنىڭ يالغان كۆيۈنۈشلىرى ئۇنىڭ قىلچە پەردازسىز قىلغان كۆيۈنۈشلىرىدىن ئۈستۈن تۇردى. ئاخىرى ئۇلار ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋلادى...
سىز بىر خىل پۇشايمان ئارىلاشقان ھىسياتنىڭ ئاسارىتىدە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، بالكونغا چىقىپ، كۆكتىكى ھىلال ئايغا قارىدىڭىز..، سىز ئارغا قاراپلا مۇندىن بىر يىل ئىلگىرى بىر كەچتە ئۇ سىزگە تېلفون ئۇچۇرىدا «مەن ھازىر ئاسماندىكى ئايغا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن، سىزمۇ ئاشۇ ئاينى كۆرۈۋاتىسىز...؛ دېگەندەك رومانتىك تۇيغۇغا تۇيۇنغان ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىڭىز ئېسىڭىزگە كەلدى. شۇ ھامان سىزنى يەنە بىر خىل تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس بولغان، ھىسسىي كايپىيات ئەسر قىلدى. يىغلىغۇڭىز كەلدى... لېكىن سىز نىمە ئۈچۈن يىغلايسىز؟ ئەجىبا ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز ئەمەسقۇ؟ پەقەت ۋە پەقەت توردىكى «ئاشق»ىڭىز ئەمەسمۇ؟ ... تۇرۇپلا سىز يەنە بىر ئەخمىقانە خييالنى قىلىپ قويغاندەك ئۆزىڭىزدىن نومۇس قىلىپ قالدىڭىز. پىكرىڭىز يەنە قالايمىقانلىشىپ كەتتى...
سىز يۇلتۇزارغا قارىدىڭىز... «توۋا! مەن ھايات تۇرۇپمۇ كۆكتىكى يۇلتۇزغا ئايغا قاراپ باقمىغىلىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كېتپتۇ» دېگەننى ئويلىدىڭىز. سىز بىردىنلا «ئۇمۇ مۇشۇ كۆكتىكى يۇلتۇزغا قاراۋاتامدىغاندۇ؟»
سىزنىڭ پىكرىڭىز يەنە بىر يېڭى مەسىلىگە ئۇچرىدى: «توۋا! توردىكى مۇھەببەت! مەن زادى كىمگە يۈز كېلەلمەيمەن؟!... » ئويلاندىڭىز، «توغرا مەن ھەقىقىي سۆيۈشكە، تېگىشلىك ئادەم دەل مۇشۇ يېنىمدىكىسى. ئۇنداقتا مەن نىمە ئۈچۈن ئۇنى خىيال قىلىپ قالدىم؟ توغرا ئۇ بىر خىل قىزىقىشنىڭ تۈرتىكىسىدە پەيدا بولغان ھىسيات. ئۇ مۇھەببەت ئەمەس. بەلكى رومانتىكا بىلەن سۇغۇرۇلغان دوستلۇق! بۇ دوستلۇقنىقەدىرلەش كېرەك. چەكتىن ئاشقان بىنورمال ‹ئاشق› لارغا رەددىيە بىرش كېرەك. ئۇ ھەرگىزمۇ ساختا قىياپەتكە كىرىۋالمىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن دوسلۇقنى قايتا باشلىشىم كېرەك!...» سىز ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر قىلماقچى بولۇپ، يۇلتۇزلاردىن كۆز ئۈزمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، بىر تال يۇرۇق يۇلتۇز «شۇررىدە» ئېقىپ كەتتى. سىزنىڭ شۇ ھامان كاللىڭىزدا بىر خىل قورقۇنچلۇق پىكىر كەلدى «ئۇ!... شۇنچىدىن بېرى ئۇچۇر يوللىمىدى، مەن ئۇچۇر يوللاشنى چەكلىسەممۇ مېنىڭدىن قىلچە ئاغرىنىپ قالماي 2 – 3 كۈندە ئۇچۇر قالدۇرغان ئىدى. مەنمۇ ئۇنى ئۇچۇر قالدۇرماڭ دىگىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ھەقىقىي مېھرى بىلەن يوللغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈشكە تەشنا ئىدىم. ھازىر مانا بىر ئاي بولدى، تۇيۇقسىز ئۇچۇر توختاپ قالدى. ئۇنىڭغا بىرەر ئىش...» سىز يۇلتۇزنىڭ ئېقىپ كەتكىنىگە قاراپلا كالللىڭىزدا پەيدا بولغان خىيالدىن چۈچىدىڭىز. «توۋا! مەن نىمانچە شۇم خىيال قىلىمەن. ئۇىىڭغا ھىچ بولمايدۇ... » سىز يانفوننى قولىڭىزغا ئېلىشىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر كېلىپ قالدى. سىز قىسقا ئۇچۇر يوللىغان نومۇرنى كۆرگەندە يۈرىكىڭىز شىددەتلىك سوقۇپ كەتتى. بۇ نومۇر سىزگە تونۇش بولغان نومۇر بولۇپ، بۇ دەل سىزگە ھەقىقىي ۋاپادار دوسلۇق رىشتى ئاتا قىلغان ئۇنىڭ ئىدى. سىز ئۇچۇرنى ئوقشقا باشلىدىڭىز. ئۇچۇر مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
«دوستۇم ياخشىمۇ سىز. مەن سىزگە ئۇزۇن بولدى ئۇچۇر يوللىيالمىدىم. سالامەت تۇرغانسىز؟ مەن بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرنى سىزگەە يوللاپ بولغۇچە ياراتقۇچى ئىگەم مېنىڭدىن ئامانىتىنى ئالماس. مەن يۈرۈك سانجىق كېسىلى بىلەن سەكرەتقا چۈشۈپ قالدىم. دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئاخىرقى مىنۇت مېنىڭ ېشىمغا كېلىپ قاپتۇ. سىزنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان دوسلۇقىڭىزغا كۆپ رەخمەت، سزگە سالامەتلىك تىلەيمەن»
سىز تۇرۇپالا قالدىڭىز. بېشىڭىز پىرقىرىغاندەك بولىۋاتىدۇ. سىز قانچا ئۇزۇن تۇرغانلىقىڭىزنى ئەسلىيەلمىدىڭىز. كاللىڭىزدا «مۇمكىن ئەمەس!!! ...» دېگەن سادا جاراڭلىماقتا.
سىز ھوشىڭىزنى يېغىپ، ئۇنىڭغا تېلفون قىلدىڭىز. (سىز بۇرۇنمۇ پەقەت 3 قېتىم تېلفون قىلغان. لېكىن بۇ ئىش بۇندىن خېلى بۇرۇن بولغان ئىش. سىز ھەتتا بىر قېتىم يانفونىڭىزنىڭ توكى قالمىغاندا ئاممىۋىي تېلفوندا تېلفون قىلغان) مانا بۇ قېتىم 4-قېتىم قىلىشىڭىز. تېلفون ئۇلاندى بىراق خېلى ئۇزۇنغىچە بىر كىم ئالمىدى. سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئەنسىزچىلىككە پېتىپ كېتىۋاتىدۇ... ئاخىرى تېلفوننى بىرى ئالدى. ئەپسۇس سز ئاڭلىغان ئاۋاز ئۇنىڭ ئاۋازى بولماستىن بىچارە ئانىنىڭ مۇسىبەتلىك يىغا ئاۋزى بولدى... يانفون قۇلىڭىزدىن چۈشۈپ كەتتى...
سىز «مېنى كەچۈرگىن! مەن ساڭا ئۇۋال قىلدىم!...» دېگەننى ئۆزىڭىز ئاڭلىغۇدەك پىچىرلىدىڭىز... كۆزىڭىزدىن 2 تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.،، كۆڭلىڭىزنى يىغا چولغىماقتا... ئاخىرى بەرداشلىق بېلماي ئۆزڭىزنى كارىۋاتقا تاشلاپ يىغلىۋەتتىڭىز. «مېنى كەچۈر دوستۇم. مەندەك ھەققىي دوستلۇق بىلەن باشقا ھىسياتنى پەرق ئېتەلمىگەن ئادەمنى كەچۈرەرسەنمۇ.....» كۆزىڭىزدىن چىققان ياش ياستۇقنى ھۆل قىلىۋەتتى... ئۇ كەتتى... ئەمدى مەڭگۈ كەلمەيدۇ...سىزگە ھەققىي دوستلۇق ئۇچۇرى يوللايدىغان ئۇ ئەمد يوق...
تۈگىدى历史上的今天:
NBA2K11 ۋاسكىتبول ئۇيۇن تارقىتىلدى 2010-10-22چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟ 2008-10-22Google ئېلانىنى قانداق چىكىش كېرەك؟ 2008-10-22تەنھا تېۋىش 2008-10-22ئەزا-ئورگانلارنىڭ ئېنگلىزچە سېلىشتۇرمىسى 2008-10-22
收藏到:Del.icio.us
ئادرېس: