-
قەدىمىي تۈركىي قەۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئادەتلىرى توغرىسىدا
2010-06-27
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67278231.html
1 . مەخسۇس مېھمانلارغا ، بولۇپمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ، يىراقتىن كەلگەن ئادەم قايتىپ كېتەر چاغدا ھەممە ئۇرۇق - تۇققانلارنى " بوشۇغ " دەپ ئاتىلىدىغان بىر زىياپەتكە چاقىرىدۇ . ئاندىن مېھمانغا سوۋغات ھەدىيە قىلىپ ، ئۇنىڭ كېتىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ . شۇنداق زىياپەتمۇ " بوشۇغ ئاشى " دېيىلىدۇ . شۇنىڭدىن ئېلىنىپ خان تەرىپىدىن ئەلچىنىڭ قايتىپ كېتىشىگە بېرىلگەن رۇخسەت خېتىمۇ ۋە ئەلچىگە بەرگەن سوۋغىمۇ " بوشۇغ " سۆزى بىلەن ئاتىلىدىغان بولغان .
2 . ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىگە ئەستىلىك ئۈچۈن بېرىلىدىغان نەرسە بولىدۇ . بۇنى " خۇمارۇ " ( يادىكار ) دەپ ئاتايدۇ . مەسىلەن ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ، چوڭلار ئۆلۈپ كەتسە ، ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل نەرسىسى خانغا تەقدىم قىلىنىدۇ . شۇ نەرسىمۇ ۋە ئۇزۇن سەپەرگە كەتكەن كىشى قېرىنداش ۋە تۇغقانلىرىغا يادىكارلىققا قالدۇرۇلغان نەرسىمۇ " خۇمارۇ " دېيىلىدۇ .
3 . ئىسلامدىن بۇرۇنقى تۈركىي قوۋملاردا " ياغىش " دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇربانلىق قىلىش ئادىتى بار ئىدى . مۇنداق قۇربانلىق بىرەر مۇھىم ئىش ياكى تەڭرىگە بولغان يېقىنلىقنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بۇتلارغا ئاتاپ سويۇلاتتى .
4 . قەدىمدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان " قۇۋۇچ " دەپ ئاتىلىدىغان بىر داۋالاش ئادىتى بار . " قۇۋۇچ " دېمەك جىن تەككەنلىك دېمەكتۇر . بۇنداق ئادەمنى داۋالاشتا يۈزىگە سوغۇق سۇ سېپىپ تۇرۇپ ، " قۇۋۇچ ، قۇۋۇچ " ( كۆچ ، كۆچ ) دېيىلىدۇ . ئادىراسمان ۋە ئود ھېدى بىلەن ئىسرىق سېلىنىدۇ . بۇ سۆز " ھەي جىن ! قاچ ، قاچ " سۆزىدىن ئېلىنغان بولسا كېرەك .
5 . تۈركىي قوۋملارنىڭ ئۆزئارا سالاملىشىش سۆزلىرىدىن باشقا چىن خاقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئىشلىتىدىغان " شى " دېگەن بىر سۆزى بار ، بۇ " خوش ، خوش ، تەقسىر " دېگەنلىك بولىدۇ .
6 . ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قوۋملارنىڭ ھۆرمەت - ئېھتىرامنى بىلدۈرىدىغان ، نازاكەتنى ئىپادىلەيدىغان ھەر خىل ئادەتلىرى بار . مەسىلەن ، يەكتەكنىڭ ئىككى پېشىنى قىستۇرۇپ ئولتۇرۇش نازاكەت ھېسابلىنىدۇ .
7 . تۈركىي قوۋملاردا " كۆك تۆمۈر بىكار تۇرمايدۇ " دېگەن تەمسىل بار . " كۆك تۆمۈر " ئىبارىسىنىڭ يەنە بىر مەنىسىمۇ بار ، يەنى قىرغىز ، يابافۇ ، قىپچاق ۋە باشقا خەلقلەر قەسەم ئىچكەندە ياكى ۋەدە قىلغاندا ، قىلىچنى يالىڭاچلاپ ئالدىغا كۆندىلەڭ قويىدۇ - دە ، " ۋەدە بۇزۇلسا ، قىلىچ قانغا بويالسۇن ، تۆمۈر ئۆچ بولسۇن " دەيدۇ . چۈنكى ، ئۇلار تۆمۈرگە ھۆرمەت قىلىدۇ .
8 . ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قوۋملاردا ئۆزلىرىنىڭ پەزىلىتىنى ، ھايانى ئىپادىلەيدىغان بىر ياخشى ئىش بار . ئوغۇزلار ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلسا " ئەتتى " سۆزىنى ئىشلىتىدۇ . يەنى " تەڭرى مېنىڭ ئىشىمنى پۈكۈنچ ئەتى --- تەڭرى مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭلىدى " دېگەندەك . تۈركلەر " قىلدى " دەيدۇ . لېكىن ، بۇ سۆز جىنسىي ئالاقىگىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكتىن ، خوتۇنلار خىجالەت بولمىسۇن دەپ ، تۈركلەر بۇ سۆزنى قوللىنىشتىن ۋاز كەچكەن .
9 . تۈركىي قوۋملار كۈن پاتقاندىن كېيىنكى بۇلۇت قىزارغاننى " بۇلۇت ئۆرتەندى " دەيدۇ . بۇ خىل ئالامەت ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى . ماقالىدا مۇنداق كەلگەن : " تۈندە بۇلۇت ئۆرتەنسە ، ئۆيگە يىغا كىرگەندەك بولۇر " . تۈركىي قوۋملار تاڭدا بۇلۇتنىڭ قىزارغىنىنى ياخشىلىققا بۇيرىمايدۇ .
10 . تۈركىي قوۋملاردا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدراش پەيتلىرىدە بۇغداي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دانلارنى يانجىشتا بىر - بىرىگە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئادەت بار ئىدى . بۇنى " لۇچىنۇت " دەيدۇ . ( ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا "لاپقۇت " دېيىلىدۇ ) .
11 . خامان چەشلەنگەندىن كېيىن كەلگەن كىشىلەرەە خامان سوۋغىسى سۈپىتىدە بېرىدىغان ئاشلىق بولىدۇ ، بۇنى " كەپسەن " دەيدۇ .
12 . بىزدە " ئەر مەڭەلەدى " ، يەنى " ئەر مىڭە يىلىدى " دېگەن بىر ئىبارە بار . بۇنىڭ ئەسلىي تېگى مۇنداق : بۇ ئادەت بىر كىمنىڭ ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ئاتاپ ، يەنى ئۇنىڭغا قوينىڭ مېڭىسىنى يىگۈزۈش ئۈچۈن قوي سويۇلىدۇ . چۈنكى ، قوي سويۇپ مېڭىسىنى تەقدىم قىلىش چوڭ ھۆرمەت ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ، مېڭە قوينىڭ ئەڭ ئېسىل يېرى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر .
13 . خوتۇنلار كىيىملىرىەە تاقىۋالىدىغان ۋە ياكى يانلىرىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك پىچاق بولىدۇ ، بۇنى " كەزلىك" دەپ ئاتايدۇ .
14 . قەدىمكى تۈركىي قوۋملاردا خوتۇنلارنى سۈننەت قىلىدىغان ، ئات ۋە باشقا ھايۋانلارنى پىچىۋەتكەندەك ئەرلەرنىمۇ ئاختا قىلىدىغان ئادەت بار ئىدى . بۇنى ، " پەچەل " دەيتتى .
15 . مەخسۇس بۇرۇننى ئېيتىدىغان يىپەك قولياغلىقى بولىدۇ . ئۇ ياغلىق قويۇندا ساقلىنىدۇ . بۇ ياغلىقنى ئۇلار " ئۇلاتۇ " دەپ ئاتايدۇ .
قەدىمكى تۈركىي قەۋملىرىنىڭ بىر قىسىم توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم ئادەتلىرى توغرىسىداپەرزەنتلەر بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تويلىرى بولىدۇ . بۇ توي بەك داغدۇغىلىق ھەم ھەشەم - دەرەم بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ جەھەتتە ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان قائىدە - يوسۇنلىرى بار .
كېلىن يۆتكەلگەندە يېقىن كىشىلەرگە مال ۋە كېيىم - كېچەك ھەدىيە قىلىنىدۇ . بۇ خىل ئادەتنى " يوپۇش " دەيدۇ . نىكاھ كېچىسى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كېلىن بىلەن بىرگە بىر دېدەك قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ . بۇ دېدەكنى " ئەەەتلىك قارا باش " دەيدۇ . توي كېچىسى كېلىن بىلەن بىرلىكتە ئەۋەتىلىدىغان خىزمەتچى خوتۇن ( يەڭگە) نى " ئەگىت " دەيدۇ . ئۇ خوتۇن كېلىن يېڭى ئۆيگە ئۆزلىشىۋالغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ . ئوغۇل تەرەپ كېلىن بولغۇچى قىز ئۈچۈن مەخسۇس ئۆي جاھازلىرىنى تەييارلايدۇ ، بۇنى " سەپ " دەپ ئاتايدۇ . تويدا مەخسۇس تويلۇق كىيىم - كېچەكلەر ، بۇنى " كەزۇت " دەيدۇ . كېلىن يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن كېلىن بىلەن كۈيئوغۇلنىڭ باشلىرىدىن چاچقۇ چېچىلىدۇ . بۇمۇ بىر خىل مۇراسىم شەكلىنى ئېلىپ بەزمە قىلىنىدۇ ، بۇ خىل ئادەتنى " مۇندۇرى " دەيدۇ .تۈركىي قوۋملار ئۆلۈمنى بەك داغدۇغىلىق ئۆزىتىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئۆلگۈچىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى قەدىرلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خېلى نۇرغۇن ئادەتلەر بارلىققا كەلگەن .
بىرىنچى ، خانلار ۋە بەگلەر ئۆلگەندە ، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۈستىگە يىپەك رەخت يېپىلىپ ، كېيىن ئۇ رەخت كەمبەغەللىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىلىدۇ ، بۇنى " ئەشۈك " دەيدۇ .
ئىككىنچى ، ئۆلۈك كۆمۈلگەندىن كېيىن ، ئۈچ كۈنگىچە ياكى يەتتە كۈنگىچە نەزىر ئىشى بېرىلىدۇ ، بۇ ئادەتنى " يوغ " دەيدۇ . ئۆلۈك كۆمۈلگەندىن كېيىنلا بېرىلىدىغان ئاش " باسان ياكى يوغ باسان " دېيىلىدۇ .
历史上的今天:
تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەپسانە ۋە رىۋايەتلىرى 2010-06-27ھۆكۈمدارلار دەستۇرى 2010-06-27ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى 2010-06-27ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارايىپ تارىخى 2010-06-27
收藏到:Del.icio.us