• قايدا سەن ئەخلاق ، ھايا ؟!

    2010-06-18

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66447834.html

     مەدەنىيتىمىزدىكى يىمىرىلىش كۈندىن – كۈنگە ئاشكارىلاندى . بىزدىكى ئىمكانسىزلىق بىزنى يېڭى – يېڭى تىراگىديىلەرگە مۇپتىلا قىلدى . ئېرىشكىنىمىزدىن يوقاتقانلىرىمىز كۆپ بولدى . قەدىرلەشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى بىر يانغا چۆرۈپ تاشلاپ ، ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرگە ئۆزىمىزنى ئۇردۇق .

    بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە بىز دۇچ كەلگەن تىراگىدىيىلەرنىڭ ئەڭ ئېچىنارلىقى ئەخلاق ، شەرمى – ھايا تىرادېگىيلىرى بولدى . سىرتتىن ئېقىپ كىرگەن تاشلاندۇق ، چاكىنا مەدىنىيەت بىزنىڭ مەنىيتىمىزنى پاسكىنچىلىققا ، سېسىقچىلىققا تولدۇرۋەتتى . ئانىلار يوتىسىنى ئېچىپ كوچىغا چىققتى ، قىزلار كىندىكىنى . ئەدەپ – ئەخلاق ، شەرمى – ھايانىڭ قات – قاتلىرىنى يىرىڭلىق جاراھەت قاپلاپ كەتتى . قىز – چوكانلار ھېچ  تەپ – تارتماستىن ، ھېيىقماستىن مەيدە ، كېندىكلىرىنى ئېچىپ يۈرىۋېرىدىغان بولدى . ئاھ ، ئەجەپ نەسلى پاكىز قەۋم ئىدۇق – ھە ! ؟ نىمە بولۇپ كەتتۇق ئەمدى ؟؟ ...

    - جېنىم قىزىم ، خوش بولاي ، سەندىن ئۆتىنەي داداڭ ، ئاكىللىرىڭ ئالدىدا مۇنداق يېرىم – ياڭلاچ يۈرمىگىن . تېنىڭنى يۆگەپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ سىرتلارغا چىققىن قىزىم .

    - نەچچە قېتىم تەكرارلىدىڭ بۇ گەپنى ، بۇ قايسى زامان ، سېنىڭ ئىدىيەڭ ئەجەپمۇ قاتمال ، تېلىۋېزورنى كۆرمەيۋاتامسەن ؟

    - بىز تېلۋىزوردىكىلەرگە ئوخشىمايمىز قىزىم . ياشاش ئۇسۇلىمىز ، ئۆرپى – ئادىتىمىز ئۇلارنىڭكى بىلەن ئەسلا ئوخشىمايدۇ .

    - ئوھۇش ، ھەجەپ تولا كوتىلدىدىڭ .

    ئانا پەش قېقىپ چىقىپ كەتكەن قىزىنىڭ ئارقىسىدىن ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە چوڭقۇر خىيالغا پاتتى . << ئەخلاق بىلەن شەرمى – ھايا كىشىلەرنى پاسكىنچىلىقتىن ، شەرمەندىچىلىكتىن يىراق قىلىپ ، جەمئىيەت ئاتمۇسفېراسىنى بۇلغۇنىشتىن ساقلايدىغان خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر ئىدى . لېكىن ھازىر بۇ ئەڭگۈشتەرگە ئېغىر دەرجىدە دەز كەتتى . جەمىيەت ئېغىر دەرجىدە بولغاندى . ۋاپاسىزلىق ، مەيدانسىزلىق ، ئىتىقاتسىزلىق ئادەملەر ئارىسىغا ۋابادەك يامرىدى .

    ئەخلاق ، شەرمى – ھايا ، ئىتىقاد – ئادەملەرنى بارلىق يامان ، چاكىنا ئىشلاردىن ، ۋەھشىلىكلەردىن توسۇپ تۇرىدىغان ،  << جەننەت >>  بىلەن << دوزاق >> نى ئايرىپ تۇرىدىغان << پاسىل >> ئىدى . لېكىن ھازىر بۇ قالقان تېشىلىپ ، بۇ قالقاندىن چاك كەتتى ...

    - قىزىم نەگە ماڭدىڭ ؟

    - مۇنچىغا ، يۇيۇنۇپ كىرىمەن .

    قىز شۇنداق دەپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . ئانا ئوغۇللىرىغا قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتتى . تەپتارتماس ، ھېيىقماس قىزىنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكى سىقىلغاندەك بولۇپ ، ھەسرەتلىك تولغاندى . يىپەك يولىدا ياشاپ مەدىنىيەت ، ئەخلاق جەھەتتە ئۆزىگە خاس سېسىتما ھاسىل قىلغان ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تىگىشلىك ھەسسە قوشقان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ خاس سېسىتمىسىنى ئۆز قولى بىلەن خانۇ – ۋەيران قىلماقتا . ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى يوقۇتۇپ قويماقتا .

    - قىزىم چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمە .

    - قىزىم ئىسىڭدە بولسۇن يۇيۇنغان چېغىڭدا چېچىڭنىڭ ھۆللىكىنى ھەرقانداق كىشىگە كۆرسەتمە ، بۇ بىزنىڭ ئەخلاقىمىزغا زىت .

    - قىزىم ئىچ كېيىمىڭ بىلەن داداڭنىڭ ، ئاكا – ئىنىللىرىڭنىڭ ئالدىغا قەتئى چىقما .

    - يات جىنىسلىقلار ئالدىدا ھېجايما .

    - بارغان يېرىڭدە كەچ قالما .

    - ئوھۇش ، بۇ نىمە دېگەن تۈگىمىگەن پەندى – نەسىھەت . ئانا ھازىر ھەممە نەرسىدە يېڭلىق يارتىلىۋاتسا .

    - قىزىم يېڭلىقنىڭ يارىتىلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش ، لېكىن يېڭىلىق دەپ ئەخلاقنى ، مىللىي  ئۆرپى – ئادەتنى چۆرۋەتسەك بولمايدۇ – دە ؟

    - چۆرۋەتمەيدىغان نىمىسى بار ، زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ ئانا ؟

    ئىسىل ئەن – ئەنىدىن چەتنەپ ھايات كۆچۈرۈش گۇمرانلىقتۇر . ئەخلاقسىزلىق ئىچىدە ياشاش تولىمۇ نەپرەتلىكتۇر . لېكىن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقان ، جەمىيەتتىكى رولىنى ئۇنۇتقان بىر قىسىم ئايال ، چوكان ، قىزلار بەتقىلىقلىق ، رەسۋالىق ئېچىدە ئادىمىلىك قىممىتىنى دەپسەندە قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ . نۇمۇسنى سېتىۋاتىدۇ ، زەھەر سودىسى قىلىۋاتىدۇ ، دەللالىق بىلەن شۇغىنلىنۋاتىدۇ . ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ، پەدىشەپنىڭ كۈندىن – كۈنىگە يىگىلەپ كىتىشى بىزنى بىر قىسىم ئانىلاردىن ، ئاياللاردىن ، قىزلاردىن قاتتىق ئۆمۈتسىزلەندۈرمەكتە . ئىنسان شەھۋانى نەپسىنى ئەخلاقنىڭ ئۈستىگە قويىۋالغاندا ئەتراپنى بۇزۇقچىلىق قاپلاپ ، نۇمۇسىنى سېتىپ خەجلەيدىغان ، << نۇمۇس دېمەك پۇل دېمەكتۇر >> دەپ قارايدىغان مۇناپىقلىق ئەۋج ئالىدۇ . ئەخلاق بىلەن ھايانىڭ ئورنىنى ئەخلاقسىزلىق ، ھاياسىزلىق ئىگىلەپ ، قىزلار بىلەن ئوغۇللار توي خېتى ئالماي تۇرۇپمۇ ئەر – خوتۇندەك ئۆتۈشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ .

    ياد جىنىسلىقلارنىڭ كۆزىگە نۇمۇس قىلىپ قارىماسلىق كەلمەسكە كەتتى . قىزلارنىڭ تەشەبۇسكارلىقى يىگىتلەرنى تەمتىرىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار بارلىققا كەلدى . بىر قىسىم قىز ئاياللىرىمىزدا ھايا قالمىدى . ( ھەممە قىزلارنى ھاياسىز دېمەكچى ئەمەسمەن . ھايا ، نۇمۇس ئۈچۈن جان بىرىدىغان غورۇرلىق قىزلىرىمىز يەنىلا كۆپ ) كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىسا قىزىرىپ يەرگە قارىۋالىدىغان قىزلاردىن ، نازلىق تەبەسسۇم قىلىپ ، سىرلىق ھېجىيدىغان قىزلار كۈندىن – كۈنىگە ئاۋۇپ كەتمەكتە . بۇنداق بولىشىدا ئاتا – ئانىلارنىڭ بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيتىنى يوق دىگىلى بولامدۇ ؟ ياق ، ماسئۇلىيەت ئانىلاردا كۆپىرەك . ئۇلار قىزلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەپلىك ، ئەخلاقلىق تەربىيلەشكە سەل قارىدى . ئۇلارنىڭ نەگە بېرىپ ، نەدە تۇرۇشى بىلەن كارى بولمىدى . ھالقىلىق مەسىللەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى ، ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمىدى . شۇنىڭ بىلەن چەكتىن ئاشقان ئەركىنلىك ئىچىدە چوڭ بولغان قىزلار توي قىلماي تۇرۇپلا چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ قويۇپ ، تاپتىن چىقىپ كەتتى ، قورساق كۆتۈردى . مانا بۇ قىزلارنى جان – دىل بىلەن كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ، مەسئۇلىيەتچان ئانىللىرىدىن قىلىپ تەربىلەيدىغان ئانىلارنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكى ، مانا بۇ ئانىلارنىڭ ئانىلىق قىممىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى .

    ئىنسانىيەت ئەخلاقىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ، ئەڭ قەبئى بۇزغۇنچىلۇق – قىزلىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيسى قىزلارنى قىزلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا ئانچە ئۆكۈنۈپ كەتمەيدىغان ، ئازاپلانمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى . ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش بويۇم تۈرلىرىنىڭ كۆپۈيىشى ئارىغا ئەخلاقسىزلىقنى يامرىتىۋەتتى ، گۈزەل ئەخلاقنى زاۋانلىققا يۈزلەندۈردى ، ئاياللارنى ئاياللىق قىممىتىدىن ، ئاياللىق نازاكىتىدىن ئايرىدى . ۋاپا – ساداقەت ، مېھرى – مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپتى . ئاياللارنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى ، مەنمەنچىلىكى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزغۇنچىلۇققا ئۇچۇرتىپ ، ئۇلارنى رەسۋاچىلىق پاتقىقىغا سۆرەپ كىردى . تۇزغا چىلاپ يىگەن ناننىڭ تەمى بۇلغاندى . ھالال نىكاھنىڭ چەك – چېكىگە دەز كەتتى . كوچىلاردىكى يېتىم – يىسىرلارنىڭ سانى ئاشتى . جەمىيئەت رەسۋاچىلىققا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ھالغا يەتتى . ( بۇ يەردە مەسئۇلىيەتنى خوتۇن – قىزلارغىلا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ ، بەلكى ھەددىدىن ئاشقان ، غورۇرىنى يوقاتقان نائەھلى ، ئادىمىلىكنى ئۇنتۇپ قالغان ئەركەكلەردىمۇ بار )

    ئىپپىتنى – ئەڭ چوڭ بايلىقىم دەپ قارىمايدىغان ئايال ، چوكان ، قىزلار بىر ئۆمۈر ھەسرەت – نادامەت ، قايغۇ – ئازاپ ئىچىدە ئۆتىدۇ . خار – زارلىقتىن ، خورلۇق ۋە ھاقارەتتىن قۇتىلالمايدۇ . بىر قىسىم خوتۇن ، قىزلىرىمىزنىڭ توغرا يولدىن چىقىپ ، خاتا يولدا مېڭىشى ، ئەخلاقلىق ، ھايالىق ، ئىپپەت – نۇمۇس دېسە جان بىرىدىغان خوتۇن – قىزلىرىمىزنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە نۇخسان يەتكۈزۈپ ، خوتۇن – قىزلار توغرىسىدىكى مۇققەددەس قاراشلارنى تەۋرىتىپ قويدى . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىر – قىممىتى ھەققىدە ئويلانمىسا ، ئويغانمىسا كېرەكسىز داشقاللاردىن پەرىقسىز بولۇپ قالىدۇ ئۆزنىڭ ئاياللىق پەزىلىتىنى يوقۇتىپ قويغان ئايال زىمىن ئۈچۈن ئوشۇق يۈك ، مىللەت ئۈچۈن بالايى – ئاپەت ، جەمىيەت ئۈچۈن قورقۇنىچلۇق باكتىرىيە . ئاياللىق پەزىلىتىنى يوقاتقان ئاياللارغا قارايدىغان بولساق ئۇلار گۈزەل ئەخلاقتىن ، مېھرى – مۇھەببەتتىن ، پاكلىقتىن ، ساداقەتتىن ، ۋاپادارلىقتىن ئايرىلىپ قالغان . ئۆزلىرىنى سۆيىدىغان ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان ئەركەكلەرگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلغان ، ئاياللىق نازاكىتىنى خوراتقان ، ئىپپىتىنى پۇل ئورنىدا خەجلىگەن ، قارىغۇلارچە دوراش ، مەجنۇنلارچە قارا – قويۇق چوقۇنۇش ، مىللىي  ئۆرپى – ئادىتىمىزگە ، خاراكتىرىمىزگە ، ئەخلاقىمىزغا ، روھىمىزغا شۇنداقلا بىز ياشاۋاتقان  جەمىيەتكە ئېغىر بۇلغۇنىشلارنى ئېلىپ كەلدى .  ئەتىراپىمىزغا ، ئەخلاقىمىزغا ، ئۆرپى – ئادىتىمىزگە يات ئىش – ھەركەتلەر بۆسۈپ كىرىشكە باشلىدى . ئىپپەت - نۇمۇس سودىسى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان ئورۇنلار ، خوجايىنلار بارلىققا كەلدى . ئەر – خوتۇنلۇقنىڭ ئورنىنى زەيىپلەشكەن ساداقەت ، كامالىغا يەتكەن ئالدامچىلىق ، سىرتقا تەلمۈرۈشتىن ھاسىل بولغان ياغلىما سۆز ، سۈنئى مۇھەببەت ئىگىلىدى . ئىجتىمائىي ئەخلاق بۇزۇلدى . ئارىغا ئىشەنمەسلىك ، گۇمانسىراش ، ئالدامچىلىق ، خائىنلىق ، ئىپلاسلىق ... يامراپ ، ئالىجاناپلىق ، مېھرىبانلىق ، ھالاللىق زاۋانلىققا يۈزلەندى . << ئاياللار ئازاتلىقى >> شۇئارى ، << جىنسى ئازاتلىق >> شۇئارىغا تەرەققىي قىلدى . ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى – مۇھەببەت ، ۋاپا – ساداقەت ، ئىشەنچ ئىچ – ئىچىدىن بۇزۇلۇپ كەتتى . روھى ساغلاملىق ، پاكلىق نابۇت بولدى . ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتىدىن ئىبارەت يەنە بىر رەسۋالىق مەيدانغا كەلدى .

    مىللىتىمىز – پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق ، ياخشى تەربىيلىنىشگە تۈرتكە بولىدىغان ، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىنى توسۇشقا كۆڭۈل بىلىدىغان ساپاسى يۇقۇرى ئەۋلاتلارغا شۇنىڭدەك مىللەتكە كۆيىدىغان ، مىللەتنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئانىلارغا مۇختاج . چۈنكى << جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا >>

    بالىلارنىڭ ياراملىق ، ئەقىللىق بولۇپ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن مەدىنىيەتلىك ، ئەخلاقلىق ، ساپالىق ، مەسئۇلىيەتچان ئانىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشى تولىمۇ زۆرۈر . قىزلار ، ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسى . شۇنداقكەن ئانىلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقۇرى – تۆۋەن بولۇشى ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش – گۈللەنمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى مىللەتنىڭ تەقدىرىدۇر . ئانىلىق مېھرىنى دات باسقان ، ئاتىلىق سۆيگۈسى يىگىلىگەن ، باغرى تاشتەك قاتقان بىر قىسىم ئانىلار باللىرىنى ئانا سۈتى بىلەن ئەمەس ، كالا سۈتۈ بىلەن بېقىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ، باللارنى ئىمىتىۋەرسە پىگورىسى بۇزۇلۇپ كىتەرمىش ، گۈزەللىكىگە تەسىر يىتەرمىش . قارا ، قارا ! ماۋۇ ھازازۇللۇقنى ، مەلئۇنلۇقنى ! ... ھايۋان جېنىدا بالىلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمچەكتىن ئايرىۋەتمەيدىغۇ ؟ مېھرى بىلەن تۈكلىرىنى يالاپ تۇرۇپ ، ئېچىپ بېرىپ باللىرىنى ئىمىتىدىغۇ ؟ << بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان >> ئانىلاردىكى مەسئۇلىيەت ، بۇرۇچ دىگەنلەر نەگە كەتتى  ؟ بالا ئانا سۈتى ئەممەي كالا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولسا ئۇنداق بالىنىڭ چوڭ بولغاندا ئانىغا بولغان مېھرى – مۇھەببىتى قانچىلىك بولار ؟ ئۇنداق بالىدىن ھەر خىل ئىللەتلەر تېپىلمايدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ ؟ ئەجىبا ، قورقماس ، قاپلان يۈرەك باتۇر – چەۋەندازلارنى ، قەھرىمانلارنى ، دۆلەت قۇرغان خاقانلارنى تۇققان ئانىلار باللىرىنى 30 ئايدىن ئارتۇق  ئىمىتىپمۇ ئىسكەتىدىن كەتمەپتىكەن ، گۈزەللىكى بۇزۇلماپتىكەن . نىمە دېسە ھە دەپ تۇرىدىغان ، ئۈژمە پىش ئاغزىمغا چۈش دەپ ئوڭدا يېتىپ ، ئەجداتلىرىنىڭ مۇققەددەس مىراسلىرىنى تەكى قىلىپ ، خورەك تارتىپ بەغەرەزلەرچە ئۇخلاۋىرىدىغان ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ئوڭمەي مانتا يايدىغان بېزەڭلەرنى تۇغىۋاتقان ئانىللىرىمىزنىڭ پىگۇرسى بۇزۇلۇپ ، گۈزەللىكى يىگىلەپ كېتەرما ؟ ... ئەي ئانىلار ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ، سىللەرنىڭ ئۇلۇقلىقىڭلار تۇغۇشتا ئەمەس ، بەلكى باللارغا مېھرى – مۇھەببەتنى ، ۋاپادارلىقنى تولۇقى بىلەن يەتكۈزۈپ ، ئۇلارنى ۋەتەن ، مىللەت ئۈچۈن ياراملىق قىلىپ قاتارغا قوشۇشۇڭلاردا . ھالال جۈپتىڭلار تۇرۇپ باشقىلار ئالدىدا نايتاقشىپ ، ئەركىلەپ ، بىشارەتلىك ھېجىيىپ ، سۈيۈڭلارنى چىقىرىپ ، باللىرىڭلارنى ئۇنتۇپ ، باشقىلارنىڭ قۇچىقىدا يىلاندەك تولغۇنۇپ ، نازلىق ئېڭراپ كۆڭلىنى ئېچىپ ، شەھۋانى نەپسىڭلارنى قاندۇرۇپ يۈرسەڭلار ، سىلەرنىڭ زەھەرلىك يىلاندىن ، ئىبلىستىن نىمە پەرقىڭلار ؟ باللىرىغا ۋاختىدا تاماق ، ئۇسسۇزلۇق بەرمىگەن ئانا قانداقمۇ ئانا بولالىسۇن ؟ ئېرىنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ ، بۇرتىغا چالما تېزىپ يۈرگەن خوتۇن قانداقمۇ لاياقەتلىك ئايال ، مەسئۇلىيەتچان ئانا بولالىسۇن ؟؟ ئانا بالا قەلبىدىكى مۇقەددەس ئىلاھ ! ئۇ مۇقەددەسلىكنى يوقاتسا ، بالىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى يوقىتىدۇ . ۋەتەن ، مىللەت ، جەمىيەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ . ئانا پەسكەش بولسا باللىرى نۇمۇسسىز ، ساتقىن بولىدۇ . بالىلىلار ئالدىدىكى مەسئۇليتىنى تولۇق ئادا قىلىپ ، يول باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرالىغان ئانىلار ھەقىقىي ئانا بولالايدۇ . جەمىيەتتە ئۆزىگە خاس قىممەت يارىتالايدۇ .

    بالىنى لاياقەتلىك ، ياراملىق ، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق تەربىلىيەلمىگەن ئانىنىڭ ھايۋاندىن نىمە پەرقى بولسۇن ؟ ئانىنىڭ مەسئۇلىيتى بالا تۇغۇش ، بېقىشلا ئەمەس ، بەلكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن بالىلارنى تەربىيىلەپ جەمىيەتكە چىقىرىش . شۇڭا ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ تەربىيلىنىش باسقۇچىدىكى ھالقىلىق پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويماسلىقى ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ۋاپادارلىق ، مېھرىبانلىق ، جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ ، گۈزەل بولغان دۇنيا قارىشىنى ، مىللىي ئەنئەنە تەربىيسىنى ، ئۆزىىمىزنىڭ ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەمما كونىلىق دەپ قارىلىۋاتقان نەرسىللىرىمىزنىڭ قىممىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىنى سىڭدۈرۈشى ، چاكىنا ، پەسكەش ، ناچار ئىللەتلەرنى قوبۇل قىلېۋېلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويماسلىقى كېرەك . مانا بۇ توققۇز ئاي ، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ ، ئاچچىق تولغاق يەپ ، ئەزرائىل بىلەن تىغمۇ – تىغ ئېلىشىپ ، يېڭى بىر جاننى دۇنياغا كۆز ئاچچقۇزغان ھەر قانداق بىر ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى ، مانا بۇ مۇسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بالىلارنىڭ تۈنجى ئۇستازى بولغان ئانىلار بەلگىلىك مەدىنىيەت ساپاسىغا ، بالا تەربىيىلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك . ساپاسىز ئانىلارنىڭ باللىرى ساپاسىز چوڭ بولىدۇ . چۈنكى ئانىنىڭ ساپاسى – بالىنىڭ ساپاسى . بالىنىڭ ساپاسى – مىللەتنىڭ ساپاسى . مىللەتنىڭ مەدىنىيتى ، ئۆرپى – ئادىتى ، كىشىنى سۆيۈندىرىدىغان ئەدەپ – ئەخلاق ، قائىدە – يوسۇنلىرىنى باللىرىغا يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىدىغان ئانىلار بىزنىڭ ئانىللىرىمىزنىڭ ئىچىدە زادى قانچىلىك ؟ ئۆزىنى ئۈنتۇپ بالام دەپلا ياشايدىغان ئانىلار ھەقىقىي قۇربان بەرگۈچىلەردۇر . بۇنداق ئانىلار بىزنىڭ ئانىللىرىمىز ئىچىدە قانچىلىك ؟ ھەر بىر ئانا بولغۇچى ئۆز – ئۆزىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ، تەتقىىق قىلىش بۈگۈنگە كەلگەندە تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى . شۇڭا << مەن كىم ؟ مەن زادى كىم ؟ >> دەپ ئويلىنىش ئانىلارغا دائىملىق مەجبۇرىيەت دەپ چۈشەنگەن ئانا ھەقىقىي ئانىدۇر .

    - بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك ئېلىپ بەرمىسەڭ سەن بىلەن بىللە ئۆيگە كەتمەيمەن ، بولمىسا  بالاڭنى ئۆزۈڭ ئېلىپ كىتىپ باق .

    - خۇرۇم چاپان ئېلىپ بەر دېسەم ئېلىپ بەرمىگەندىكىن بۇ شۇمىڭنى  ئال ، خېتىمنى بەر .

    شۇنداق ، بىر قىسىم ئانىلار ئالتۇن . زىبۇ – زىننەتنى ، كېيىم كېچەكنى باغرىنى يېرىپ چىققان بالىدىن ئۈستۈن كۆردى . بۇنىڭ بىلەن شەيتاننىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ ، بار كۈچى بىلەن دۇمبۇقىنى چېلىپ روھى يىگىلىگەن ئانىلارنىڭ مېڭىسىنى ئېلىشتۇرۇپ ، ئازدۇرۇپ يولدىن چىقىرىپ بۇزۇپ ، بىر بۆلۈك سەرسان – سەرگەردان ئەۋلاتلارنى بارلىقا كەلتۈرۈپ ، مىللەتنىڭ كېلىچىكىنى خىرەلەشتۈردى . بىر قىسىم تاپتىن چىققان ئانىلارنىڭ شەھۋانى كۈلكىسى ، شەھۋانى نەپسى ، شەھۋانى ھەركىتى ئەمدىلا بالاغەتكە  يەتكەن قىزلارنىڭ قىزلىقىدىن بىمەھەل خوشلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئاياللار كۆپىيىۋاتىدۇ . ئەمما ئانىلار ئازىيىۋاتىدۇ . ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىق مەسئۇلىيتىنى تېگى – تەكتى بىلەن تونۇپ يەتكەندە ئەل – ۋەتەن ، مىللەت دېسە ، ئىپپەت – نۇمۇس دېسە ئىككىلەنمەي جان بېرىدىغان ئوت يۈرەك ئەۋلاتلار قايتا بارلىققا كىلىدۇ . جەمىيەتىكى بۇزۇلۇش ئوڭشىلىدۇ . ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىقىنى ئۈنۈتسا ، ئازغىنا نەپ ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىدىغان ، ئارا – نۇمۇسىنى ساتىدىغان بىر بۆلۈك ھازازۇل ، ماڭقۇرت ، مەلئۇنلار مەيدانغا كىلىدۇ . قىسقىسى ئانىلارنىڭ بۇزۇلۇشى بالىلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى ، جەميىتەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى ، مىللەتنىڭ خاراپلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئانىلارنىڭ بۇزۇلۇشى ، ۋەتەننىڭ ھالاكىتى ، ئانىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئەركەكلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ، ئەرلىك غورۇرىغا قىلىنغان ھاقارەت ، بەختىيار ئائىلىنىڭ ئوق يىلتىزىغا غەزەپ بىلەن ئۇرۇلغان پالتا ، بالىلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە چۈشكەن مىتە . شۇنىسى ئېنىقكى ، ئانىلارنىڭ ئۆز مەجبۇريىەت ، مەسئۇلىيەت ، بۇرچىنى ئۇنۇتقان كۈنى بالىلار سەرسانلىقنىڭ ، مىللەتنىڭ ھەمشەر كۈنىنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر . ئانىلارنىڭ رەسۋالىقى مىللەتنىڭ رەسۋالىقى ، نادانلىق ۋە توزكورلۇق ئارلاشقان ئانا سۆيگۈسى ئوغا سېلىنغان ئۇسسۇزلۇقتۇر . بىزدە ھازىر بالىلارغا چۆچەك ئېيتىپ بىرىدىغان ئانىلارنى تاپماق تولىمۇ تەس . چۆچەك بىلىدىغان ئانىلارمۇ ھەم ئاز – يوق دىيەرلىك . ئەخلاقسىزلىقتا ، ۋاپاسىزلىقتا ، ئەل ئاغىزىغا چىقىپ قالغان بالىلار ھاياسىز ئانىلارنىڭ تەربىيسى ئاستىدا چوڭ بولغانلاردۇر . بىر قىسىم ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ، ئەخلاقسىزلىقى تۈپەيلىدىن گۈلدەك قىزلىرىمىز ئىشتانباغلىرىنى يوقۇتۇپ قويدى . شەرمى – ھايا ، ئەخلاقتىن ئايرىلغان ئانىنىڭ تەربىيلىگەن بالىلىرى ئۆزىدىن ئۆتە ھازازۇل ، بەڭۋاش ، رەسۋا چوڭ بولىدۇ . چۈنكى ناپاك ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا قىيامەت گۈلخانلىرى لاۋۇلداپ تۇرىدۇ . ئانىللىرى ئۆز مەسئۇلىيتىنى بىلمىگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى خىرە ، ئەندۈشلىكتۇر . شۇڭا دەيمەن ، ئالىجاناپلىق ، مېھرىبانلىق تەربىيسىنى ، ۋەتەنپەرۋەرلىك سۆيگۈسىنى باللىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرەلىگەن ئانا پەرىشتە ! باللىرىنى گۈزەل ئەخلاقتىن ، شەرمۇ – ھايا ، پەدىشەپتىن ئوزۇقلاندۇرالمىغان ئانا ئبلىس !! ...

    بىر مىللەتنىڭ ئىلغار مىللەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ، شاللىنىپ قالماي ، گېگانىت قەد كۆتۈرۈپ تەرەققىي قىلىشى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەقىي قىلغىنىغا ئوخشاشلا ، ئانىلارنىڭ باللىرىنى ياراملىق ، مەسئۇلىيەتچان قىلىپ تەربىيلەش – تەربىلىيەلمەسلىكى بىلەنمۇ چەمبەرچەس باغلىنىشلىقتۇر . بىزدە بۇ نۇختىنى تونۇپ يەتكەن ، مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ ،- ئەخلاق ، ئۆرپى – ئادەتلىرىنى تەرك ئەتمەي ، ئەلمۇساقتىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئىتقاد ، ئەنئەنىللىرىمىزدىن ماياك ئورنىدا پايدىلىنىپ ، ئىرىگە ئىنساپ ، باللىرىغا بەخىت – سائادەت تىلەپ ، ئىمان ، ئىتىقاد ، بۇرۇچ ، مەسئۇلىيەت بىلەن ياشاۋاتقان ئانىلارمۇ بار . لېكىن ئەرلەر بىلەن بەسلىشىپ ئىچىپ – چېكىپ مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل ئۆرپى – ئادەتلىرنى ئاياغ – ئاستى قىلىپ ، گۈزەل ئەخلاقنى ، ئىتقادنى ، قەدىر – قىممەتنى ، ئاياللىق لاتاپىتىنى ، ئانىلىق مەسئۇلىيتىنى يوقۇتىۋەتكەن ھايۋان كەبى ئانىلارمۇ بار .

    ئانىلار ھېيىقماستىن ھاراق ئىچىپ ، تاماكا چېكىپ ، نۇمۇسىنى سېتىپ ، ۋىجدانىنى ، ئادىمىلىكىنى دەسسەپ – يەنجىپ ، مەس – ئەلەس يۈرسە ، ئۇنداق ئانىلارنىڭ بالىلىرى قانداق چوڭ بولار ؟ ئانىلارنىڭ قەلبى كىرلىشىپ ، مەينەتلىشىپ ، تەقۋادارلىقىنى ، ئەخلاقىنى ، غايە ، ئىتقاد ، مەسئۇلىيتىنى يوقاتسا مىللەتنى ھالاكەتلىك يوقۇلۇشقا ئېلىپ بارمايدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ ؟ بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ئانىلار بىلەن ،  مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بالىلار بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق ئەمەس دەپ قېنى كىم ئېيتالايدۇ ؟

    مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا . شۇڭا مىللىتىمىز ساپلىق ، مەسئۇلىيەتچان ، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق ، ئىتىقادى ، مەيدانى مۇستاھكەم ، روھى دۇنياسى ساغلام ئانىلار قوشۇنىغا مۇختاج !

    ھەقىقى ئانا ، بالىلار مەسىلىسى بىلەن ئانىلار مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلالىغان ئانىدۇر .

    بالىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقالىغان ئانا ھەقىقى ئانىدۇر .

    ئۆزىنىڭ ئانىلىقىنى تونىغان ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتكەن ئانا ھەقىقى ئانىدۇر .

    ھەقىقى ياراملىق ئانا بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى پەرزەنتىنىڭ تەقدىرى بىلەن مىللەتنىڭ تەقدىرىنى چەمبەرچەس باغلىنىشلىق دەپ چۈشىنىشى – چۈشەنمەسلىكىدۇر .

    بىز يېڭلىق دەپ قوبۇل قىلىۋالغان ئارلاشما مەدىنىيەت بىزنىڭ گۈزەل ئۆرپى – ئادەتلىرىمىزنى بىزدىن تارتىپ ئېلىپ كەتتى . ئۆرپى – ئادىتىمىزدە ، مەدىنىيتىمىزدە ، مېڭىش – تۇرۇش ، كىيىنىش ھەتتا ئىتىقادىمىزدا يېڭلىق ياراتتۇق . يېڭلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى روھ ، مىللەتنىڭ  ياشنىشىدىكى تەڭداشسىز ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ . بىراق ، بىز يېڭىلىقنى قوبۇل قىلغاندا ئىلغار تەرەپلىرىنى ئەمەس ، چاكىنا ، پۈچەك يەنە كىلىپ بىزنىڭ ياشاش ئادىتىمىزگە ، ئىتىقادىمىزغا ماس كەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلدۇق . شۇنىڭ بىلەن ئىسىل ئادەتلىرىمىزنىڭ چەك – چېكىگە دەز كەتتى . قىز ، ئاياللىرىمىز ھېيىقماستىن ، نۇمۇس قىلماي كوچىلارغا يېرىم – يالىڭلاچ چىقىۋىرىدىغان ، ئوغوللار بىلەن ئەر – ئاياللىق تۇرمۇش ھەققىدە بىمالال سۆزلىشىۋىرىدىغان ، ئەخلاقىمىزغا زىت ئەھۋاللار ئارىمىزغا يامىرىدى . چېچىنى قىرىق تال قىلىپ ئۆرۈپ ، ھوشۇقىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن – ئۇزۇن ئەتلەس كۆينەكلىرىنى ، يارىشىملىق چىمەن دوپپىلارىنى كىيىپ ، شەرمى – ھايا ، ئەدەپ – ئەخلاقنى ئۆزىنىڭ قۇرالى قىلىپ ياشايدىغان ئۇيغۇر قىزلىرى سىرتقى مەدىنىيەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ، << مودا >> نىڭ دېكتاتۇرسىغا بەرداشلىق بىرەلمەي كىيىمدىن چىقىپ كەتتى . قىز ، ئايالار ئىتىقادتىن نايناقلاپ ، ئۇياتلىق يەرلەرنى ئاران – ئاران توسۇپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەندى . << قىزلىق >> نى ساقلاش ئېڭى ئاجىزلاپ ، ئەخلاق جەھەتتە چۈشكۈنلىشىپ ، غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ ، ئىپپەت - نۇمۇسىنى سېتىپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان رەسۋالار ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى . قىزلىرىمىز بۇزۇلدى ، ھاياسىزلاشتى . ئوغوللىرىمىز ۋاپاسىزلاشتى ، غورۇرىدىن ئايناقلىدى . ئەۋلاتمۇ – ئەۋلاد داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاقىمىز ، ئۆرپى – ئادەتلىرىمىز ۋەيرانچىللىققا ئۇچرىدى . ھايالىق ، ئۇياتچانلىق ، يۈزى تۆۋەنلىك ، نۇمۇسچانلىق ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنىڭ گۈل تاجى ئىدى . لېكىن ھازىر بۇ گۈزەل تاجنىڭ ئورنىنى ھاياسىزلىق ، بەتقىلىقلىق ، ئەخلاقسىزلىق ، قوپاللىق ئىگىلىۋالدى . ئاياللارغا بىرىلگەن زىيادە ئەركىنلىك ئۇلارنىڭ پاكلىقىنى پاسكىنچىلىق پاتقىقىغا پاتۇرۋەتتى . بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئاياللارغا زىيادە ئەركىنلىك بىرىلسە پاكلىقنى يوقىتىدىكەن . پاكلىقى يوقالغان ئايال ئانىلىق بۇرچىنى ئەستىن چىقىرىدىكەن ، رەسۋالىق ئىچىدە ياشاشنى شەرەپ بىلىدىكەن . نۇمۇس قىلىش ، ئىزا تارتىش ، ھايالىق بولۇش ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەن . ئايال دىگەننىڭ ئاياللارغا خاس تەبىئىتى كۈچلۈك بولمىسا ئۇنى قانداقمۇ ئايال دىگىنى بولسۇن ؟ ! قەلبىدىن گۈزەل ئەخلاقنىڭ خۇشپۇراقلىرى ئۆچكەن ئايال رەسۋا ئايالدۇر.

    ئەخلاق بۇزغۇنچىلۇققا ئۇچىرىغان جايدىن قىيامەتنىڭ قىيا – چىيالىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ . ئادەمنى ۋەس – ۋەسىگە سالىدىغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ ، بارچە رەسۋالىق شۇ يەردىن باشلىنىدۇ . ئەخلاق ئوڭشالمىغىچە روھ پاكلانمىغىچە ، قانلار تازىلانمىغىچە مىللەت تۈزەلمەيدۇ . خەلق بېشىغا كەلگەن بالايى – ئاپەتلەردىن قۇتىلالمايدۇ ، ھالاكەت پاتقىقىغا كۈندىن – كۈنگە پېتىۋېرىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنى تۈزەش ئەڭ مۇھىم . چۈنكى << ھاراق بىلەن ئايال بارچە گۇنانىڭ ئانىسى >> ئەخلاقسىزلىق يامىرىغان ئەلدىن بەركەت كىتىدۇ ، بۇ ئەلنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئالغا باسمايدۇ . بۇنداق ئەلنىڭ ئىچىدە ئاسىلىق ، مۇناپىقلىق ، ساتقىنلىق ، ۋاپاسىزلىق ئەۋجى ئالىدۇ .

    ئەخلاق – ئادەملەرنى يامان يول ، ئىش – ھەركەتلەردىن توسىدىغان قالقان . بۇ قالقاندىن ئايرىلغانلار پەسكەشلىك ، رەسۋالىق ئىچىدە ياشاپ ، ئۆزىنى قوغداشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . ئەخلاقسىز ئايالدا ياخشى خۇلۇق ، ئاياللارغا خاس نازاكات ، ئاياللارغا خاس مىجەز – خاراكتىر ئەسلا بولمايدۇ .بۇنداق ئاياللار ھەرقانداق پەسكەشلىكلەرنى قىلىۋېرىدۇ . مەن قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ ھەممىسى تاپتىن چىقىپ كەتتى ، ئەخلاقسىز دىمەكچى ئەمەسمەن . دېمەكچى بولغىنىم ئەنئەنىدىن ، ئىسىل ئەخلاقتىن ، خاسلىقتىن چەتنەپ كەتتى. ئەنئەنىنىڭ ، خاسلىقنىڭ يوقۇلىشى مىللەت ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر پاجىئە .

    ئەخلاق ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان ئەلدە كىشىلەر خار – زابۇنلۇق ئىچىدە ياشاپ ، مىللىي ئەخلاقنى ، ئىسىل ئۆرپى – ئادەت ، قائىدە – يوسۇنلارنى دەپسەندە قىلىدۇ ، مىللەتنىڭ پاجئەلىك تەقدىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ .

    ئەخلاق ئېڭى ئۆلگەن ئادەم ئادىمىلىككە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ھاقارەت كەلتۈرگەن ئادەمدۇر .

    - دادا ، ئاۋۇ ئاچاش ئىچ كېيىمى بىلەنلا كوچىغا چىقىپتۇ – ھە ؟

    - يولدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئوخشايلدۇ ، قىزىم .

    - بۇ يەردىكى ھەممە ئاچاشلا يولدىشى بىلەن ئۇرىشامدۇ ، دادا ؟ ئۇلار ھەجەپ ئەسكىكەن – ھە ؟ ...

    قىزلىرىمىز كېندىكى ۋە كۆكسىنىڭ يېرىمىنى ئېچىپ قويۇپ يۈرۈشنى تىلى كۆيمەي مەدىنىيلىك دەپ ئاتىشىۋالدى . بۈگۈنگە كەلگەندە قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەپ – ئەخلاق چۈمپەردىسى رەھىمسىزلەرچە يىرتىپ تاشلاندى . ئەمدى قىزلاردىن ۋايىغا يەتكەن ئەدەپلەرنى ، شەرمۇ – ھايانى كۆرگىلى بولماس بولۇپ كەتتى . بۇنىڭغا چىدىمىغان يۈرەكلەر ئېچىنىشلىق نالە – پەريات چەكتى.

    << ئېچىلسا كېندىكىڭ ، مەيدەڭ بۆلەكچە تەۋرىسە ساغراڭ

    ئىزادىن بولدى ئەت  -جانىم  تونۇر قوينىدىكى زاغرا.

    نە سەۋەپتىن بۇ قەدەر ئاشكارە مەيدەڭ ، كېندىكىڭ ؟

    نېپىزلىك زېننىتى يۈزنىڭ ، ئەمەس ئۇ داپ ۋە يا ناغرا .

    << مىسلىسىز ئىسيان >> چېغى بولدۇق ئەجەپ قان – لەختە بىز ،

    تەلمۈرەتتۇق بۇردا نان ، ئالقانچىلىك بۆز – رەخقە بىز .

    توق – پاراۋان دەمدىمۇ كېيمەي پۈتۈنرەك نە ئۈچۈن ،

    ئەڭ ئۇياتلىق جايىمىزنى كۆرسىتەرمىز خەققە بىز ؟ >>

    شۇنداق ، بىز ھايا ، پەدىشەپنى چۆرۈپ تاشلاپ ، كوچا – رەستىلەردە يېرىم – يالىڭاچ بولۇپ يۈرىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتۇق . ئەخلاق قان – يېرىڭ ئېچىدە ئېچىنىشلىق ئېڭىرىدى .

    ئەخلاق ۋە ھايا ئادەملەرنى پاسىقلىقتىن يىراق قىلىپ ، شەرمەندىچىلىكتىن ساقلاپ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . ئەخلاقسىزلىق بارچە گۇنالارنىڭ ئانىسى بولۇپ ، زاۋانلىققا چىللايدۇ . ئەخلاقسىزلىق ئادەمنى زاۋانلىققا ، مىللەتنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ . ئەخلاقسىزلىق ۋەيران بولۇشنىڭ تۈنجى قەدىمى . ئەخلاق ئىنسان روھىنىڭ مۇكەمەللىكىنى ئىلگىرى سۈرسە ، ئەخلاقسىزلىق ئىنسان روھىنى خاراپلاشتۇرىدۇ . ئەخلاقسىزلىق ئەھدىگەن ئەلدە شەرمۇ – ھايا ھالاكەتكە يۈزلىنىپ ، نۇمۇس بىر چەتكە قايرىلىپ ئادەملەر بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويىلىدۇ . نىكاھ   ۋاپا ، مۇھەببەت ئۈستىگە ئەمەس ، پۇل ئۈستىگە قۇرىلىدۇ . قىسقىسى ، ئەخلاق ياتلاشقان ئەلدىن كۆرىدىغىنىمىز ھالاكەت ، شەرمەندىچىلىك بولىدۇ . چىرىگەن ئەخلاق ئادەملەرنى زاۋانلىققا يۈزلەندۈرۈپ ، مىللەتنى ھالاكەتكە ئىتتىرىدۇ . ئەخلاقنى دەپسەندە قىلغان ھەر قانداق بىر قەۋم ، ھەر قانداق بىر مىللەت ھامان بىر كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا ھالاك بولىدۇ . ئەدەپ – قائىدە ، ئىمان – ئىتىقاتتىن يۈز ئۆرىگەن بىر تۈركۈم زىناخور ، پاھىشىلەر مىللەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ .

    ئەر – ئاياللار ، قىز – ئوغوللار ئارلىشىپ ئولتۇرۇپ بىرلىكتە ھاراق ئېچىش ، تانسا ئويناش ، زىنا قىلىش << رەڭلىك ئولتۇرۇش >> نى ئەۋجىگە كۆتۈردى . ئائىلە سىرتىدىكى << ئائىلە>> لەر كۆپەيدى . ئىشىكلەر سىرتقا قارىتا داغدام ئېچىۋىتىلدى . قىزلارنىڭ ئىپپەت سارىيى سېھرلىكىنى ، تارتىنىشچانلىقىنى يوقاتتى . ئاياللاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەرلەرنى تاپتىن چىقاردى . ئوغوللار قىزلارغا تىكىلىپ قارىغىنىچە ، قىزلار ئوغوللارغا مەخسەتلىك قاش ئاتىدىغان ، باغرىنى ئاچىدىغان تېرادىيگىلىك قىسمەتلەر يامىرىدى . يېقىملىق ، قىرىق كۆكىلىق ، لىۋەن ، ھايالىق ، دىيانەتلىك ، پاك ئۇيغۇر قىزلىرى پاك روھى ئالىمىدىن ، گۈزەل ئەخلاق باغچىسىدىن ئايرىلدى . لاتاپىتىدىن ، نازاكىتىدىن جۇدا بولدى . ئۆزىگە خاس جاسارەت ۋە قىزلىق سېھرى كۈچىنى يوقاتتى .

    قىز – ئاياللار پاجئەسى – مىللەتنىڭ پاجئىەسى ، پەرزەنتلەرنىڭ پاجىئەسى . سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ بۇنى ھەر ۋاقىت ، ھەر جايدا ئېسىڭدە ساقلىشىڭ كېرەك . سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ گۈزەللىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ، گۈزەللىك قوغلاشما . سېنىڭ ھەقىقى گۈزەلىكىڭ شەرمۇ – ھايا ، گۈزەل ئەخلاق ۋە پەدىشەپتۇر .

    سەن ھەقىقى ئايال بولاي دېسەڭ ، ئانا بولغاندىن كىيىنكى ھاياتىڭنىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئىرىڭ ھەم باللىرىڭغا تەۋە ئىكەنىكىنى ئىتىراپ قىلىشىڭ كېرەك .

    سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ ، ئۆزۈڭنى بىر ئايال سۈپىتىدە تونىغىن ، ئۆز مەسئۇلىيتىڭنى ، بۇرچۇڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمىغايسەن .

    سەن ھەقىقى ئانا بولماقچى بولساڭ ، پەرزەنتىڭنىڭ تەقدىرىنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشنى بىلگىن .

    قىز – ئاياللارنىڭ ئىپپىتى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى . شۇڭا سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ ، ئىپپىتىڭنى جان تىكىپ قوغدىغىن .

    ئاياللارنىڭ شوھرەتپەرەسلىكى ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىدىغان قورقۇنۇچلۇق باكتىريە . شۇڭا سەن ھەقىقى ئانا بولماقچى بولساڭ ، بۇنداق باكتىرىيىدىن ئۆزىڭنى ئېلىپ قاچقىن . يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەخلاق قارىشى تىكلىگىن ، چۆلدەرەپ قالغان روھىڭنى ئەخلاق كەۋسىرى بىلەن سۇغارغىن .

    قىرىق ياڭزا ھېلە – مىكىرىنى ئىشقا سېلىپ ، پەسكەشلىك كوچىسىدا پالاقشىپ ، نۇمۇسنى قېتىقىڭنىڭ ئورنىدا سېتىپ ، دوللارنىڭ ئورنىدا خەجلەۋاتقان قىز – ئاياللار مىللىتىمىزنىڭ يۈرىكىگە چۈشكەن قان شورغۇچ قۇرۇتتۇر . بۇنداق قۇرۇتلارنى دەر ھال ۋاختىدا يوقاتمىساق مىللىتىمىزگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ، پاجئەسى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ، تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ .

    ئەجىبا ، بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنىڭ ئىچىدە جەڭگىۋار ، لاياقەتلىك ، مەسئۇلىيەتچان ، ئەدەپ – ئەخلاق تونىغا ئورالغان قىز – ئاياللىرىمىز يوقمۇ ؟ بار ،  ئەلۋەتتە بار . ئىپپەت – نۇمۇسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىپ ئىمان ، ئىتىقاد بىلەن ياشاۋاتقان ئەدەپلىك ، ئەخلاقلىق ، ھايالىق خوتۇن – قىزلىرىمىز سانسىز .    شۇنداق ، قىز – ئاياللىرىمىز ئىچىدە پەرىشتە كەبى قىز – ئاياللىرىمىزمۇ ، شەيتان – ئىبلىس كەبى قىز – ئاياللىرىمىزمۇ بار .

    سەن ھەقىقى ئايال بولساڭ ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇشلارغا ئەمىلىيتىڭ ئارقىلىق جەڭ ئېلان قىلغىن !

    ئايال – ۋەتەن دېمەكتۇر . شۇڭا مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنى ئەمەس ، بەلكى ئەسەبىلىشىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن . چۈنكى ئاياللار چۈشكۈنلەشسە مىللەت گۇمران بولىدۇ . ئاياللار ئەسەبىلەشسە مىللەت ئويغۇنىدۇ . قايدا سەن ئەخلاق ؟! ئەدەپ – ھايا ؟؟؟ ! ...بىزنى قۇتقۇزىۋالغىن !

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us