• روھ ئۆلمەيدۇ، تەن ئۆلىدۇ!

    2010-06-18

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66370985.html

    (كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا بىرقانچە مۇناسىۋەت مەسىلىسى)
    ئەنۋەر مەتسەيدى
    «نىگارا سەنسىزىن مەندىن نە ھاسىل،
    ئەگەر جان بولمىسا تەندىن نە ھاسىل.»
    –لۇتفى

    يېشىم قىرىققا ئۇلاشقاندا، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ كىردىم. «تاما-تاما كۆل تولار» دېگەندەك، ئۇزاقتىن بېرى بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ ئۆگەنگەن چەت تىلى تۇنجى قېتىم ماڭا ئەسقاتتى. تەتقىقات نىشانىم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى بولغاچقا، بۇ مەن ئۈچۈن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بۇ دەرسنى قايتا ئۆگىنىش پۇرسىتى بولدى. شۇنداق قىلىپ، مەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت كىتاپ ۋە ماقالىلارنى باشقىچە بىر نەزەر بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم. ئوقۇش ئارقىلىق ھېس قىلدىمكى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭدىن يېتەرلىك پايدىلىنالماي كەپتۇق. تەتقىقاتتا ئەسەرلەرنى چۈشىنىشىمىز ۋە تەھلىل قىلىشىمىز يۈزە، ئاددى بولغاننىڭ ئۈستىگە، باھا ۋە يەكۈنلىرىمىزمۇ بىرتەرەپلىمىلىكتىن خالىي ئەمەستەك قىلىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۇ ھەقتە دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلغانلىرىمنى خاتېرەمگە جىجاپ ماڭغان ئىدىم. ئۇلارنى رەتلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ باققۇم كەلدى. بەزى قاراشلىرىم چولتا ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالماسلىقى تۇرغان گەپ. ئۇستازلارنىڭ بۇ «ئالدى پەش»لىكىمنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    دىنغا بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى

    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى مەيدانغا كەلگەن دەۋرلەر جەمئىيەتتە دىنىي ئىدىئولوگىيە ھۆكۈم سۈرگەن، ئىلاھىيەتچىلىك ۋە تۈرلۈك دىنىي مەزھەپلەر مەۋجۇت بولغان دەۋرلەردۇر. ئەدىپلىرىمىزمۇ ئالدى بىلەن تەقۋادار دىندارلاردۇر. ھەتتا بەزىلىرى روھانىي، شەيىخ، سوفى-ئىشاندۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيالىستىك قاراش ۋە دىنىي ئەقىدىلەردىن مۇستەسنا بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. بۇ ھالنى ئەسەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئاۋۋال ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيلەش، چاھاريارلارنى ياد ئېتىش، ئۇلارغا سېغىنىش، ئەۋلىيا-ئەنبىيالاردىن، پىر-ئۇستازلاردىن مەدەت تىلەشتەك ئەنئەنىدىن ئىنىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بىراق، بىزنىڭ بۇرۇنقى تەتقىقاتلىرىمىزدا، ئەدىپلەرنى ھەدېگەندە ئاتىزمچى قىلشقا تىرىشىدىغان، زورمۇ-زور ئىلغار دۇنيا قاراشنىڭ ۋەكىللىرى، ئىلاھىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىسيانكارلىرى دەپ تەرىپلەشكە ئۇرۇنىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئېغىر بولغان. مېنىڭچە ئۇلارنى ئۆز ئېتىقادىغا، ئەقىدىسىگە زىت قىلىپ تەرىپلەش تارىخي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ماركىستىك دۇنيا قاراش ۋە ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشى بويىچە ئېيتقاندىمۇ، ئۇلارنى ئۆزى ياشىغان زاماندىن ئايرىۋېتىش، ئوبېكتىپ باھا بەرمەسلىك ھەقىقى ئىلمىيلىك ئەمەس.
    ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان مىللەت. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى دىن بىلەن ناھايىتى زىچ باغلىنىپ كېتىدۇ. شامان دىنى، زەردوش دىنى ۋە بۇددا دىنىنى چۈشىنىش، تەتقىق قىلىش، ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتنى ئۆگىنىشتە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىرقاتار ئەنئەنىۋىي تەركىپلەرنىڭ مەنبىئىنى ئىنىقلاشتا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بىرمۇنچىلىغان چۆكمە ئامىللارنى شەرھىلەشتە كەم بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن، بۇددا دىنىنى ئالساق، بۇ دىن ئۆز ئەقىدىلىرىنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن پايدىلىنىپ پۈتكەچكە ۋە تەرغىپ قىلغاچقا، بۇ دىننىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشى ۋە گۈللەپ ياشنىشىغا ئەگىشىپ، تارقىلىپ كىرگەن ۋە مۇشۇ زىمىندا ئەزەلدىن بار بولغان ھېكايە-چۆچەكلەر، مەسەللەر، ئەلنەغمە-تىياتېرلىرى ۋە ناخشا-كۈيلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ ۋە سىڭىشىپ ئالاھىدە بىر خىل دىنىي مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ھادىسىسىنى يەنى تارىختا بىرنەچچە ئەسىر شۆھرەت قازانغان «غەربىي يۇرت بۇددىزم مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتى» نى مەيدانغا كەلتۈرگەن. «ئالتۇن يارۇق»، «مايترىسىمىت»، «چاشتانى ئىلىك بەگ»،«ئىككى تېكىن رىۋايىتى»، مىڭ ئۆي تام سىزمىلىرىدىكى «جاتاكا» چۆچەكلىرى تەسۋىرى قاتارلىق دىنىي ئەسەرلەردىن باشقا، قەدىمكى ھىندىستاننىڭ مەشھۇر ئىپوسى «رامايانا»، دۇنياغا داڭلىق چۆچەك ۋە مەسەللەر توپلىمى «پانچاتانترا»( بەشنامە)(بۇلارنىڭمۇ ئەسلى نۇسخىلىرى قويۇق دىنىي تۈس ئالغان) قاتارلىقلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىلا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، كەڭ تارقالغانلىقى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ.
    ئىسلامدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى بىلىمى يىتەرلىك بولمىسا، بۇ دىن ۋاستىسى بىلەن كىرگەن ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئەرەپ، پارىس ئەدەبىياتىنى پۇختا بىلمىسە، ئۇنى تەتقىق قىلىمەن دىيىشى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغانلار ناھايىتى كەم بولدى. تەتقىقاتلارمۇ كۆپىنچە بۇ دىنلاردىن يالتىيىپ ئېلىپ بېرىلدى.

    چەت ئەل ئەدەبىياتىغا بولغان مۇناسىۋەت مەسىسلىسى

    بۇددا دىنى ۋە زەردوش دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، «يىپەك يولى»نى بويلاپ، قەدىمكى ئېران، ئافغانىستان، كەشمىر ۋە تىبەت قاتارلىق خوشنا ئەل ۋە رايۇنلارنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن يازما ۋە ئاغزاكىي رەۋىشتە قەدىمكى ھىندى، پارس ئەدەبىياتىدىن ئۇيغۇرلارغا تارقالغان ئەپسانە-رىۋايەت، ھېكايە-چۆچەكلەرنىڭ، جۈملىدىن مەسەللەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىتابىي ئاساسى بار، شۇنداقلا خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ كېلىش مەنبىئىنى بىز قەدىمكى ئارىيانلارنىڭ، ھىندىلارنىڭ، پارىسلارنىڭ، يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتاپلىردىن تاپالايمىز. مەسىلەن، ئىككى ياراتقۇچى كۈچ ئاخرۇمازدا ۋە ئەھرەمەن ھەمدە ئۇلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا مەيدانغا كەلگەن بىر يۈرۈش ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ كېلىش مەنبىئىنى زەردوش دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولمىش «ئاۋېستا»دىن ئىزدەيمىز. شۇنىڭدەك، ئۇيغۇر فولكلورىدىكى «دېۋە»، «پەرى»، «ئەجدىھا»، «شاتۇتى»، «مايمۇن» توغرىسىدىكى مۇتىفلارنىڭ تاشقىي تەسىرىنى ھىندى ۋە پارىسلارغىچە، جۈملىدىن براھمان دىنىنىڭ مۇقەدەەس كىتابى ھېساپلانغان «رېگاۋىدا»غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، «يەھۋى» خۇدانىڭ يەتتە كۈن ئىچىدە ئالەمنى، ئادەمنى ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر، جۈملىدىن «نۇھ ۋە توپان بالاسى»، «يۈسۈپ-زىلەيخا» قىسسىسى قاتارلىقلار ئەسلىدە يەھۇدى دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى «تەۋرات»تىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەسەرلەر ئۆزىدىكى دىنىي ۋە چەتئەل خارەكتېرىنى ساقلىغان ھالدا، «قۇرئان كەرىم» ۋە «قىسەسۇل ئەنبىيا»لار ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىشىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. مانا بۇلار بىزنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزغا تېگىشلىك مۇھىم تىمىلاردىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
    دىنىي مەزمۇندىكى تەرجىمە ۋە ئۆزلەشتۈرمە ئەدەبىياتتىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىدا سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ سالمىقى بىرقەدەر زور. بۇلارنىڭمۇ دىنىي تۈسى ئىنتايىن قويۇق. بۇنداق بولۇشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پەۋقۇلئاددە جۇغراپىيىلىك ئورنى، مۇرەككەپ تارىخي سەرگۈزەشتلىرى بەلگىلىگەن. بولۇپمۇ «يىپەك يولى» ئالاقىسى، كۆپ خىل تىل-يېزىق، دىنىي ئېتقاد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن مىللىي مەدەنىيەت پىسخىكىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئەسەرلەردىن باشقا، يەنە ئىسلام دىنى مۇھىتىدا، ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ۋە بەزىسى قايتا ئىجاد ئېتىلگەن «جەمشىدنامە»، «ئىسكەندەرنامە»، «مىراجنامە»، «مۇھەببەتنامە»، «بەختىيارنامە»، «شاھنامە» قاتارلىق نۇرغۇن «نامە»لەر؛ «كەلىلە ۋە دېمىنە»، «تۇتىنامە»، «چاھار دەرۋىش»، «باھار دانىش» قاتارلىق چاتما ھېكايىلەر توپلاملىرى بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىمىزنى مول ماتېرىيال ۋە يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ئىسلامدىن كېيىنمۇ، پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كىرىپ ئۆزلەشكەن ھىندى ئەدەبىياتى ئەنئەنىلىرى ئىزچىل مەۋجۇت بوپ كەلگەن. مىسال ئۈچۈن ئالساق، ئۇيغۇرلاردىكى «خەمسە»چىلىك ھادىسىى؛ «ھۆكۈمدارلار ئەينىكى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ھېكايە ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى بايان قىلىنىدىغان («قۇتادغۇبىلىك»كە ئوخشاش) ئالاھىدە بىر خىل دىداكتىك ژانىرنىڭ مەيدانغا كېلىشى؛ ھېكايىدىن ھېكايە چىقىرىش شەكلى؛ نەزىم بىلەن نەسىر ئارىلاشقان داستانچىلىق ئۇسلۇبى قاتارلىقلار ئېنىقكى قەدىمكى ھىندى ۋە پارىس ئەدەبىياتى تەسىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس. (ئەلبەتتە ئۇيغۈۇرلارمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، ئەمما بۇ يەردە گەپ قۇبۇل قىلىش ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ.)
    تەسەۋۋۇپقا بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى

    ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنىڭ، سۇفىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرى بەك چوڭ. بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز دىنىي چۈشەنچىسى، جۈملىدىن تەسسەۋۇپ ھەققىدىكى بىلىمى كەمچىل بولغاچقا، ئەسەرلەر ھەققىدىكى تەھلىللىرى، شائىرلار ھەققدىكى باھالىرى دېگەندەك جايىدىن چىقمايدۇ. مەسىلەن: بىزدە چاغاتاي ئۇيغۇر شېئىريىتىدە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان «يار»، «جانان»، «ئىشىق»، «ئاشىق»، «مەشۇق»، «ساقى»، «مۇرشىد»، «مۇرىد»، «مۇغبەچە»، «جام»، «ساغەر»، «مەي»، «بادە»، «شاراپ»، «شام»، «پەرۋانە»، « گۈل»، «بۇلبۇل» «ساباھ»، «ۋىسال»، «ھىجران»، «فەنا»، «سەرخۇش»، «خىرقە»(جەندە)، «كۇلا» دېگەندەك بىر يۈرۈش ئىسىملارنى شائىرنىڭ ھايات گۈزەللىكى، چىن مۇھەببەت، ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئىدىيىۋىي تەشەببۇسلىرى ۋە ئىستىتىك غايىسىگە ئائىت چۈشەنچىلەرگە سىمۋول ياكى ۋاستە قىلىنغان دەپ قاراش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. مېنىڭچە، ئۇلارنى تەسەۋۋۇپتىكى مەنىسى بىلەن ھېساپلاشماي نۇقۇل سىمۋول دەپ قاراش ياكى ئادەتتىكى مەجازىي ۋاستىلەر باراۋىرىدە چۈشىنىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇلار تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىدا ئۆزگىچە مەنا ۋە بىشارەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ئادەتتىكى سىمۋوللۇق ۋاستىلەرگە قارىغاندا، تېخىمۇ خاسلىققا ۋە سىرلىقلىققا ئىگە قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرسى پەقەت تەسسەۋۇپقا خاس مەۋقەدە ئىدىئاللاشقان ياكى بىر خىل پەلىسەپىۋىي ئۇقۇملارغا ئايلانغان. تەسەۋۋۇپ پەلىسەپىسىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ۋە مۇتالىئە قىلىش ھەقىقەتەن تەس. دېمەك، بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتدا ئىزچىللاشقان بىر يۈرۈش تەسەۋۋۇپ تىلى، تەسەۋۇپچە ئاتالغۇلار ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىقنىڭ ئاجايىپ مول خەزىنىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

    پەلىسەپىگە بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى

    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا پەلىسەپە بىلەن سەنئەتنىڭ بىرلىكى يەنى پەلىسەپىنىڭ سەنئەتلىشىشى ۋە سەنئەتنىڭ پەلىسەپىلىشىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، پەلىسەپىنىڭ تىل ۋە سەنئەت ۋاستىسى بىلەن ماددىلىشىشى(ئوبرازلىشىشى) ناھايىتى گەۋدىلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دېداكتىك ۋە ئېتىكىلىق خارەكتېرى كۈچلۈك. بۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ قەدىمكى جۇڭگو، ھىندى، يۇنان پەلىسەپىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ، بولۇپمۇ شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن ئىسلام پەلىسەپىسى يەنى ئىدىيالىستىك، پانتىزىملىق سىياسىي پەلىسەپە، تەسەۋۇپ پەلىسەپىسى قاتارلىق ئىلاھىيەت تەلىماتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. شۇنداقلا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ نادىر ئۆلگىلىرىنىڭ كۆپرەك جەمئىيەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدا بارلىققا كېلىپ ۋە شۇ قاتلامنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ، مەنىۋىي ئېستىتىك تەلىۋىنى قاندۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، كۆپرەك غايىۋىي جەمئىيەت، غايىۋىي ھۆكۈمران، مۇكەممەل ئىنسان، روھىي نىجادلىق تېمىلىرىنى چۆرىدەپ، رىئاللىقتىن كۆرە بەكرەك روھىيەت ۋە تەپەككۇر ئالىمىگە يۈزلەنگەن ئەدەبىيات بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مېنىڭچە، بۇنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئالاھىدە ھادىسە سۈپىتىدە تەتقىق قىلىش زۆرۈر. فارابى، يەسەۋىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، رەبغۇزى، نەۋائى، زەلىلى، نىزارى قاتارلىقلارنى بۇ جەھەتتىكى تىپىك نامايەندىلەر دېيىشكە بولىدۇ.

    تىلغا بولغان مۇناسىۋەت مەسەلىسى

    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىر ئانا تىلنى يېتەكچى قىلغان كۆپ تىللىق ئەدەبىيات. ئۇ «قەدىمكى تۈرك تىلى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «خاقانىيە تىلى»، «چاغاتاي تىلى» قاتارلىق بىر تىلنىڭ ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدىكى قىسمەن پەرقلىق شەكىللىرىدە ئىپادىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ساك تىلى، سانسىكىرت تىلى، پارىس تىلى، ئەرەپ تىلى، خەنزۇ تىلى قاتارلىق باشقا تىللار بىلەنمۇ قۇيۇق ئالاقىدار. ئۇنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدىكى لېكسىكىسى ۋە گرامماتىكىسىنى ياخشى بىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇناسىۋەتلىك تىللاردىن خەۋەردار بولىشى زۆرۈر. ئەمەلىيەتتە بۇخىل شەرتنى ھازىرلىغانلار ناھايىتى كەمچىل. شۇنداق بولغاچقا، بىرىنچى قول ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە چەكلىمە زور. شۇ سەۋەپتىن خاتا شەرھىلەيدىغان، بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا چىشى پاتمايدىغان، تەھقىقلەنمىگەن ۋاستىلىق ماتىرىياللارنى، ئۆزگىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى، ھەتتا غەرەزلىك بۇرمىلىۋەتكەن نەرسىلەرنى پاكىت ئورنىدا قۇبۇل قىلىدىغان ئىشلار ئومۇمىيۈزلۇك مەۋجۇت. مېنىڭچە، بۇلار مەسىلىنى تېخىمۇ چىگىشلەشتۈرىۋەتكەن ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بېرى.
    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى كۆپ تىللىق ئەدەبىيات بولۇش بىلەن بىرگە مۇھىمى ئۇنىڭدا «تۈركىي» تىلىنىڭ ئىزچىللىقى ساقلانغان. گەرچە «تۈركىي» تىلىنىڭ ئوخشىمىغان رايۇنلاردىكى ۋە ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىر-بىرىدىن قىسمەن پەرقلىق بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ «قۇچۇ»، «خاقانىيە» ۋە «تۆمۈرىلەر سۇلالىسى»دەۋرلىرىدە مۇكەممەللەشكەن ئەدەبىي يېزىق تىل فورمىسى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «خاقانىيە تىلى»، «تۈركىي تىل»، «چاغاتاي تىلى» دېگەندەك ناملار بىلەن يازما ئەدەبىياتتا ئۆزىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىللىق رۇلىنى ئىزچىل ئۆتەپ كەلگەن.
    دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر يازما ئەدەبىيات تىلى بىلەن ئاۋام خەلق تىلى ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرق بىر قەدەر زور بولغان. ئەمما،ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تىلىنىڭ ئاۋام تىلىغا بولغان يېقىنلىقى، ئىسلامدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ تىلىغا قارىغاندا گەۋدىلىكرەك. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، تىلىمىزدا ئۆزگىرىش كۆپ بولدى. بولۇپمۇ، ئاۋام تىلى بىلەن ئەدەبىيات تىلى، بولۇپمۇ شېئىرىيەت تىلى ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆپىيىپ ماڭدى. بىراق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن ئىسلامدىن بۇرۇنقى كىلاسىك يازما ئەدەبىياتتا بۇنداق ئەھۋال ئۇنچىلا گەۋدىلىك ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن بىز بۇددىزم دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەر تىلى بىلەن ئىسلام دىنى مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەر تىلىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرساق، بۇددىزم دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ تىلىنىڭ ئەينى چاغدا ئاۋام قوللانغان تىلغا، جۈملىدىن ھازىرقى ئاۋام تىلىغا يېقىنراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى شۇكى، ئۇيغۇرلار بۇددا ۋە مانى دىنلىرىنى ئىسلام دىنى بىلەن ئوخشىمىغان بىر پوزىتسىيىدە قوبۇل قىلغان. بۇددا ۋە مانى دىنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بېيىتىپ قوبۇل قىلغان. سانسىكىرت ۋە توخرى تىللىرىدىن پەقەت دىنىي ئاتالغۇلارنىلا ئەينەن قوبۇل قىلغان. ئۇ دىننىڭ نوملىرى(ئەقىدىلىرى)، سۇترىلىرى(قانۇنلىرى)، شاستىرلىرى (بايان-شەرھىلىرى) ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن تارقالغان. ئىسلام دىنىنى بولسا، ئۇيغۇرلار ئەسلى تىلى بىلەن كۆچۈرۈپ قوبۇل قىلغان. يەنە كېلىپ ئەرەپ، پارىس تىللىرىنىڭ نوپۇزى ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى تەرىپىدىن تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ بارغان. بۇ ھال ئۇيغۇر تىلىنىڭ بېقىنىش ۋە ئۆزگىرىشىنى تىزلەتكەن. بۇ ئۆزگىرىش بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنى بالدۇر قوبۇل قىلغان ماۋارا ئۈننەھر ۋە قەشقەرىيە قاتارلىق رايۇنلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان. خوتەن، تۇرپان، قۇمۇل رايۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنىڭ ھېلىھەم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا خاس ئامىللارنى بىرقەدەر كۆپ ساقلاپ قالغانلىقى ھېچبىر ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

    قېرىنداش مىللەتلەرگە بولغان مۇناسىۋەت مەسەلىسى

    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا جەزمەن ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، تارىختا «تۈركىي تىل» بىلەن ئىجاد ئېتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىي تىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئورتاق مىراسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنى ئۇيغۇرنىڭ، ئۆزبېكنىڭ ياكى سېنىڭ مېنىڭ دەپ تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. قەدىمدە ئۆتكەن تۈركىي تىللىق ئەدىپلەرنى بۈگۈنكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئوخشاشلا ئۆز ئەجدادى قاتارىدا تۇنۇسا، ئۇلارنى ھەممىسى ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ تەركىۋى قىسمى قاتارىدا ئۆگەنسە، تەتقىق قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئۇ بىر ئورتاق مەدەنىيەتكە ئورتاق ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى، يەنى تارىخي مەسىلە. ئۇنى زورمۇ-زور ھازىرقى سىياسىغا ياكى مىللىي مەسىلىگە تاقىلىۋېلىش ئىلمىلىك ئەمەس. ماركىسمۇ بىزگە تارخىي مەسىلىگە تارىخىي يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنداق دېيىشىمىزنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە تۈرلۈك ئاساسى بار:
    بىرىنچى، ئۇ زامانلاردا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ھازىرقىدەك كەسكىن ئايرىلمىغان، ئۇلار ئوتتۇرۇسىدىكى مىللىي پەرقلەرمۇ ئۇنچىۋالا رۇشەن ئەمەس ئىدى. ئازدۇر-كۆپتۇر پەرق بار ئىدى دېيىلگەندىمۇ، نەچچە مىڭ يىللىق بىرگە ئۆتۈش ۋە ئارىلىشىپ ياشاش نەتىجىسىدە ئۇلار ئۆز ئارا سىڭىشىپ كەتكەن. شۇڭا، قەدىمدە ياشىغان، بولۇپمۇ يىراق قەدىمدە ياشىغان تۈركىي تىللىق ئەدىپلەرنى بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۆز ئەجدادى سۈپىتىدە، ھېچ بولمىغاندا ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ بىر قۇرغۇچىسى، ئىشتىراكچىسى سۈپىتىدە ئۆگەنسە ۋە تەتقىق قىلسا تامامەن بولىدۇ. بۇ تارىخىي پاكىتقىمۇ، رىئال ئەھۋالغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.
    ئىككىنچى، تارىختا بۇ خەلقلەر ئىشلەتكەن ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئانا تىل ئەسلى بىر تىلدۇر. ئۇ مەيلى كېيىنكىلەر تەرىپىدىن نېمە دەپ ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەر بىردەك ھالدا «تۈركىي تىل» دەپ ئاتىغان ۋە مىڭ يىل مابەينىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئەرەپ، پارىس تىللىرىنىڭ تاقابىلىدە ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، مۇكەممەللىكى، كۈچلۈك مەدەنىيەت ئاساسىي بىلەن ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن تىلدۇر. بۇ تىل ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا، ھەرخىل تارىخي ۋە جۇغراپىيىلىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن «كۆك تۈرك تىلى»(كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرى)،«ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى»(ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى)، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»(قۇچۇ ۋە خاقانىيە دەۋرى)، «ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى» ياكى «خاقانىيە تىلى»( قاراخانىلار دەۋرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ) «ئوغۇز-تۈركمەن تىلى» ياكى «ئوغۇز-قىپچاق تىلى» (سالجوقىلار ئىمپىرىيىسى دەۋرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربى، خۇراسان) ، «چاغاتاي تىلى» ( تۆمۈرىلەر دەۋرى ) دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ ئاتىلىشى ئوخشىمىغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا تىلنى يەنى مەھمۇد قەشقەرى، نەۋائى قاتارلىق ئالىملار يۇقۇرى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالغان «تۈركىي تىل»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ھەرقايسىي تارماقلىرى دىئالىكېتلىرى، شىۋىلىرى گەرچە ئۇنى ئىشلەتكۈچى ھەرقايسى قەبىلە ۋە ئۇرۇقنىڭ نامى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتالغان ھەم پەرقلەر زورىيىپ شۇنداق ئاتاش زۆرۈر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ كېيىنكى ۋاقىتتا تىلشۇناسلار «ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇپپىسى» ۋە «ئوغۇز- قىپچاق گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىغان ئىككى غول تارماقنى يېتەكچى قىلغان «تۈركىي تىل»نىڭ ئۆزىدى. بۇ تىل تاكى سوۋېت دەۋرىگىچە شۇنداق ئاتىلىپ كەلگەن ياكى بولمىسا شۇنىڭغىچە ئۇنى «ئۇيغۇر تىلى»، «ئۆزبېك تىلى»… دەپ مىللىي تىللار دەرىجىسىدە پەرقلەندۈرۈپ ئاتاش تېخى ئومۇمى ئادەتكە ئايلانمىغان. شۇڭا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن نامىنىمۇ «ئۇنتۇپ كەتكەنلىكى»نى ۋە ئۆز تىلىنىڭ «ئۇيغۇر تىلى» ئىكەنلىكىنىمۇ «بىلمەيدىغان دەرىجىدە» ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۇلارنىڭ «نادانلىقى» ۋە «قالاقلىقى»غىلا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئالدى بىلەن بۇنداق ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈشنى تېخى قوبۇل قىلىپ بولالمىغابلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاراش كېرەك. («بارلىق مۇسۇلمانلار بىر قېرىنداش»، ھەممىسى «مۇھەممەتنىڭ ئۈممىتى»، «ئىبراھىمنىڭ مىللىتى» دېگەن قاراشنىڭ تەسىرىمۇ بۇ جەھەتتىن بەلگىلىك دەرىجىدە رول ئوينىغان بولۇشى مۈمكىن) ھېلىھەم بىزنىڭ كونىچە مەدرىسلەردە ئوقۇغان ئۆلىمالىرىمىز كونىچە ئىملادا يېزىلغان كىتاپ ياكى قوليازمىلارنى تىلى بويىچە «ئەربى»، «فارسىي»، «تۈركىي» دەپلا ئاتايدۇ. «چاغاتايچە»، «ئۇيغۇرچە» دەيدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ «ئۇيغۇرچە» دېمەيدۇ. مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەسلىدە بىرخىل ئورتاق ئەدەبىي تىلغا تەۋە ئەدەبىياتقا (ئەلبەتتە لەھجە-دىئالىكتلار پەرقى ئۇنىڭدا ئەكس ئەتمەي قالمايدۇ)، كېيىنچە شۇ تىلدىن بۆلىنىپ چىققان ياكى ئوخشىمىغان نام بىلەن ئاتالغان ھەرقانداق بىر تىل ياكى لەھجە(شىۋە-دىئالىكىت) ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ۋارىسلىق قىلىشى تامامەن ئەقىلغا سىغىدىغان ئىش.
    ئۈچىنچى، بۈگۈنمۇ نۇرغۇن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ تارىخي قانداشلىق ۋە تۇغقاندارلىق مۇناسىتىنىڭ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان پاكىتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرنىڭ تىل، مەدەنىيەت(بولۇپمۇ ئېتىقاد، فولكلور)، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئورتاقلىقى، يېقىنلىقى بىلەن ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. پاكىت ھەرقانداق مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ خەلقلەر ئوتتۇرسىدىكى ھېلىھەم ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان ئورتاقلىقلار(باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى ۋە چۈشەندۈرشىدىن قەتئىينەزەر) بۇ مەسىلىنى شەرھىلەشكە يېتىپ ئاشىدۇ. تارىخقا كۆز يۇمۇۋالغان تەقدىردىمۇ، رىئاللىقنى يوققا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. مەدەنىيەتتىكى، تىلدىكى، ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى مەۋجۇت ئورتاقلىقلارنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭغا تېگىىشلىك جاۋاب بېرەلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن ئايىغى چىقمايدىغان ئەھمىيەتسىز تالاش-تارتىشلارنى قىلمىغان ياخشى. بۇنداق قىلىش، ئۆز-ئارا ئازارلىق، ئىشەنچسىزلىك، زىياندىن باشقا ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ. ھېچ بولمىغاندا، ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلىشنى، ئۆگىنىشنى، تەتقىق قىلىشنى كۆپرەك تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا بەك كۈچەپ كەتمىگۈلۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۇنيا بىرگەۋدىلىشىپ، كىلاسسىك مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مۈلكىگە ئايلىنىش قەدىمى تىزلىشىۋاتقان ۋە مۇقەررەرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «مىراس داۋاسى» قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئورنى قالمىغاندەك قىلىدۇ.

    ئەدەبىي تۈر ۋە ژانېرلارغا بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى

    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدا(يازما ئەدەبىيات كۆزدە تۇتۇلغان) شېئىرىيەتنىڭ ئاساسلىق ئېقىم بولىشى، نەسرىي ئەسەرلەرنىڭ بولماسلىقى ياكى بەك كېيىن شەكىللىنىشى مەلۇم مەنىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمى، مىللىي خارەكتېرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھادىسە. ئۇيغۇرلاردا مۇرەككەپ ۋەزىنلىك شېئىرىيەت ۋە ئۇنىڭ مۇزىكىلىق راۋاجى بولغان يۈرۈشلەشكەن مۇقام-كۈيلەر ئادەتتە كۆپرەك ھۆكۈمرانلار، ئاقسۆڭەكلەر، «ئېسىل زادىلەر» ياكى يوقۇرى قاتلام تەبىقىلىرى ئارىسىدا بەكرەك ئومۇملاشقان ھەمدە شۇلارنىڭ كەيپى-ساپالىق تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭغا تەلەپمۇ يوقۇرى بولغان. نازاكەتلىك، ھەشەمەتلىك ئۇسلۇپ قوغلىشىلغان. ھېكايە-چۆچەك ئېيىتىش، لەتىپە سۆزلەش، ئەلنەغمە- تىياتېر ئويناش قاتارلىق كۆللىكتىپ ئىجادىيەت بولسا، ئومۇمەن ئاۋام ئارىسىدىكى ئاممىباپ كۆڭۈل ئېچىش شەكىللىرى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە ئاددى خەلق ئارىسىدا بەكرەك ئومۇملاشقان. تەبىئىيلىك، ساددىلىق، ئاممىباپلىق، بىرخىللىق، تەمسىللىك، كىنايىلىك ياكى دارىتمىلاش ئۇنىڭ ئاساسلىق ئۇسلۇبى بولغان. بۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا مەنبەداشلىق ۋە ئۆتۈشۈش بولغاندىن باشقا، پەرق ھەم نىسپىي مۇستەقىللىقمۇ مەۋجۇت بولغان. دېمەك، بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي تۈزۈمى، مەدەنىيەت ۋە فولكلورىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ.
    دەرۋەقە، قەدىمدە جەمئىيەتنىڭ يوقۇرى تۆۋەن قاتلىمى ئوتتۇرىسىدا پەرق چوڭ ئىدى. بۇ پەرق ماددىي جەھەتتىلا ئەمەس، مەنىۋىي جەھەتتىمۇ، جۈملىدىن تەربىيىلىنىش، سەنئەتتىن زوقلىنىش ئادىتى ۋە سەۋىيىسى جەھەتتىمۇ ئىپادىلىنەتتى. بۇ ھال يۇقۇرى قاتلامغا خاس مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيەتكە ئېرىشىشى، قەدىرلىنىشى، تۆۋەن قاتلامغا خاس مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ كەمسىتىلىشى ياكى ئېتىۋارسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر مىللەت مەدەنىيەت شەكىللىرىنىڭ تەكشىسىز تەرەققىيات ھادىسىسى كېلىپ چىققان. مۇنداق شېئىرنى ئېسىللەرنىڭ سەنئىتى دەپ قاراش، ھېكايە ئېيتىش ۋە تىياتېر ئويناشنى تۆۋەن تەبىقە، قارا خەلقنىڭ سەنئىتى دەپ چۈشىنىش دۇنيادىكى كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئورتاق ھادىسە. بۇ ھال بولۇپمۇ غەرپ بىلەن شەرق مەدەنىيىتىدە بەك رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ. غەرپ مەدەنىىتىدە ئەدەبىيات(ئادەتتىكى ئەدەبىيات يەنى يېزىق تىلى ئەدەبىياتى كۆزدە تۇتۇلغان) بەكراق ئاۋامغا يۈزلەنگەن، شەرق مەدەنىيىتىدە بولسا كۆپراق پادىشاھ ۋە ئوردا-سارايلارغا يۈزلەنگەن. بۇ غەرپ دېموكراتىيىسى بىلەن شەرق مۇستەبىتچىلىكىنىڭ مەدەنىيەتتىكى بىر ئىپادىسى.
    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ژانېرلىرى مەسىلىسىدە شېئىرىيەتنىڭ بىردىن-بىر ژانېر ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى پەقەت يازما ئەدەبىياتنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارالسا ۋە ھازىرقى زاماندىكى تۈر ۋە ژانېر ئۇقۇمى بويىچە باھا بېرىلسە بۇ راست. بىراق ئەدەبىيات تارىخىي قەدىمگە سۈرۈلگەنچە يازما ئەدەبىيات بىلەن خەلق ئەدەبىياتىنىڭ چەك-چىگرىسى شۇنچە يۇقاپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىللىي ئەدەبىياتنى يازما ئەدەبىيات بويىچىلا كۆزىتىش ۋە باھالاش مۇۋاپىق بولماي قالىدۇ. يەنە كېلىپ ئەدەبىياتنىڭ ژانېر ۋە تۈرلىرى رۇشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ھەر دەۋرنىڭ، ھەر زاماننىڭ شۇ دەۋر ۋە شۇ زامانغا خاس، شۇ دەۋر، شۇ زاماننىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇنلاشقان، شۇ دەۋرنىڭ جەمئىيەت ھادىسىلىرىگە، مەدەنىيەت ۋە ئاڭ فورمىسىغا ماس كەلگەن ئېستىتىك شەكىللىرى، بىلىش شەكىللىرى، جۈملىدىن ئەدەبىيات شەكىللىرى بولىدۇ. مۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ شېئىرىيەتنى ئاساس قىلىشى يازما ئەدەبىياتتىكى بىر ھادىسە. بۇ ئالدى بىلەن يۇقۇرىدا مەن تىلغا ئالغىنىمدەك، شۇ دەۋردىكى ئەدەبىياتنىڭ تەبىقە ۋە سىنىپىي قاتلاملار بويىچە قىسمەن پەرقلىنىپ تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    كىلاسسىك ئەدەبىيات دېگەندە يەنىلا كۆپۈنچە يازما ئەدەبىيات كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى «كىلاسسىك» سۆزىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ھەممىلا ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاۋام خەلق ئەدەبىياتىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتنىڭ پەيدا بولۇشى، ھەزىم قىلىنىشى ۋە ئىستىمال قىلىنىشى كۆپرەك يۇقۇرى تەبىقە كىشىلىرى، ھېچ بولمىغاندا مەلۇم ئىمتىياز ئەھلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ شېئىردىن ئبارەت نازاكەتلىك سەنئەت شەكلى كۆپرەك كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەمما بىز ھازىرقى ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئۆلچىمىنى ئۆلۈك تەدبىقلىماي تۇرۇپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى قوشۇپ نەزەر سالساق، ھازىر بار بولغان ھەرقانداق بىر شەكىلگە، ژانېرغا تەڭداش، ياكى يېقىن ئەسەرلەرنىڭ ئۆز دەۋرىگە يارىشا مەۋجۇتلىقىنى بايقايمىز. پەقەت ئۇلارنىڭ ئاتىلىشى ۋە مەزمۇن، شەكىل ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى جەھەتتىكى بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ھازىرقىغا ئوخشىمايدۇ، خالاس. ئۇيغۇرلاردا پروزا مەۋجۇت ئەمەسمىدى؟ ئۇنداق ئەمەس. گەرچە «رومان»، «پوۋىست» دەپ ئاتالمىسىمۇ، «قىسسە»لەر، «تەزكىرە»لەر ۋە نەسرى يول بىلەن يېزىلغان«نامە» دېگەن ئومۇمىي نام بىلەن ئاتالغان يىرىك ھەجىملىك ئەسەرلەر بار ئىدى. گەرچە ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى «ھېكايە» بولمىسىمۇ، ئول زامانغا خاس «چۆچەك» (كەڭ مەنىدە ئەپسانە، رىۋايەت، مەسەللەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)لەر بار ئىدى. گەرچە «دراما» دەپ ئاتالمىسىمۇ، درامىنىڭ شۇ زامانلارغا خاس شەكىللىرى «مەدداھلىق»، «قىزىقچىلىق»،«مەشرەپ» دېگەندەك ئەلنەغمە، خەلق تىياتېرلىرى بار ئىدى. «نەسىر» دەپ ئاتالغان ئەدەبىي ژانېر بولمىسىمۇ، شۇنىڭ زىمىنى ياكى شۇ دەۋرگە خاس شەكىللىرى بولمىش «تەزكىرە»، «رىسالە»، «ماقالات»، «ھېكايات»، «ئېرسالنامە» دېگەندەك ناملاردىكى ئەسەرلەر ۋە باشقا ھەرخىل پۈتۈكلەر بار ئىدى. بولۇپمۇ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈرىگە، ھەممە شەكىللىرىگە تەۋە ئەسەرلەر مەۋجۇت بولغان. پەقەت دەۋر ئوخشىمىغاچقا، ئەدەبىياتتا تەبىقە ئېڭى كۈچلۈك بولغاچقا، ھازىرقدىن پەرقلىق بولغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان. بۇ خۇددى قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ كېيىم-كېچىكى ھازىرقى ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشىمىغىنىدەك بىر ئەھۋال. دېمەك، ئۇ چاغدا «پەلتۇ» بولمىغىنى بىلەن «تون»بار ئىدى.
    قىسقىسى، بىر مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تۈر ۋە ژانېرلىرنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە، بار-يوقلىقىغا ھازىرقى زاماندىكى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملار بويىچە ھۆكۈم قىلىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. «پروزا»، «رومان»، پوۋىست»، «ھېكايە»(ھازىرقى زامان ئۇقۇمىدىكى)، «دراما»، «ئوپىرا»، «كومىدىيە»، «تىياتېر»، «شېئىر»، «نەسىر»( «لىرىك نەسىر»، «ئىپىك نىسىر» ) دېگەنلەر ھازىرقى زامانغا خاس ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملار. بۇ ئۇقۇملار ۋە مۇشۇ ئۇقۇملارغا قارار تاپقان ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ ئەسلى غەرپ ئەدەبىياتىدىن قۇبۇل قىلىنغان. مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا خاس نەرسىلەر ئەمەس. ئەدەبىيات تارىخىمىزدا مۇشۇنداق ئاتالغۇ ۋە مۇشۇنداق ئۇسلۇپتىكى ئەسەرلەرنىڭ بولماسلىقى بىزنىڭ ئەدەبىي ژانېرلارغا نامراتلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئەدەبىيات تارىخىغا ئورتاق ھادىسە.

    ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى

    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئەڭ كەڭ قوللۇنۇلغان ئىجادىيەت ئۇسۇلى سىمۋولىزمدىن ئىبارەت. بولۇپمۇ بۇ ھال تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەسەر تىلىنىڭ جانلىقلىقىنى، قىزىقارلىقلىقىنى، ھېسسىيات ۋە پىكىر سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەدەبىيات تارىخى مەيدانغا كەلتۈرگەن، ھەربىر ئەدىپنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ئالىمىنى چەكسىزلىككە يەتكۈزگەن، تەسۋىر سەنئىتىنىڭ بالاغىتىنى نامايەن قىلىدىغان، مىللىي ئەدەبىياتنى مەڭگۈلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە ئۈلگىلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن مەجازى ۋاستىلارنى (سىمۋول، ئوخشىتىش، مۇبالىغىلەرنى) مەخسۇس تەتقىق قىلىش بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بىر خىزمەت. «قۇتادغۇبىلىك»، «گۇل ۋە بۇلبۇل» تىمىسىدىكى داستانلار، نەۋائى ۋەكىللىكىدىكى ئىشقىي غەزەلچىلىك بۇ جەھەتتىن بەك گەۋدىلىك.
    خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى
    خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىدا ئىنتايىن گەۋدىلىك ھادىسە. مەسىلەن، ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار دىنىي تەرجىمە ۋە ئۆزلەشتۈرمە ئەسەرلەر ناھايىتى مول بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ھال پۈتۈنلەي دىگۈدەك رىۋايەتلەشكەن ۋە چۆچەكلەشكەن بۇددا دىنى ۋە ئۇنىڭ نوم-سۇترالىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ تارقانغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇددا دىنى قەدىمكى ھىندىستاندىن كىرگەن بولغاچقا، بۇددىزىم مۇھىتىدا يارىتىلغان ئەسەرلەردە ھىندى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئىسلامدىن كېيىن بولسا، ھىندى، ئەرەپ، پارىسلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق فولكلور مىراسلىرى ئىلگىرى-كېيىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ كلاسسىكلىرىمىز ئەرەب، پارىس تىللىرىنى پۇختا بىلگەچكە، ئەشۇ خەلقلەرنىڭ كىتاپ قىلىنغان ياكى ئىجادىي ئىشلەنگەن ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچراشتى. بىز ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن «يۈسۈپ-زۇلەيخا»، «فەرھاد-شىرىن» قاتارلىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋىي تېمىلارنى؛ «خەمسە نەۋائى»غا كىرگۈزۈلگەن بەش داستاننى؛ «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «گۈل ۋە نەۋرۇز»، «جاھاننامە»، «مۇھەببەتنامە-مېھنەتكام»، «گۇل ۋە بۇلبۇل»، «گۈلزار بىنىش» قاتارلىق قىسسە ۋە لىرىك داستانلارنى؛ «غېرىپلەر ھېكاياتى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك توپلامغا كىرگەۈزۈلگەن «ۋامۇق-ئۇزرا»، «مەھزۇن-گۈلنىسا»، «بەھرام گۆر»، «چاھار دەرۋىش» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە داستاننى، شۇنىڭدەك «مۇھەببەتنامە»، «بەختىيارنامە»، «مىراجنامە»، «تۇتىنامە»، «ئىسكەندەرنامە»، «جەمشىتنامە» قاتارلىق نادىر نامىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلساق، ئۇلارنىڭ تېما، ۋەقەلىك، تىل، ئۇسلۇپ، ئىدىيىۋىي خاھىش قاتارلىق جەھەتلەردىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى زىمىنىدا ئېچىلغان گۈللەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. «دىۋان لۇغەتىت تۈرك»، «تارىخى رەشىدى»، «شەجەرەئى تۈرك»، «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق ئىلمىي، تارىخىي ئەسەرلەر، جۈملىدىن زەلىلي، سادىقىيلار تەرىپىدىن يېزىلغان بىر قاتار تەزكىرىلەر بىزگە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە ماقال-تەمسىللىرىنىڭ، ئەپسانە-رىۋايەت، قىسسە، چۆچەكلىرىنىڭ، مەسەللىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئۆرنەكلىرىنى يەتكۈزۇپ بەرگەن بولسا، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، «مەسنەۋىي خاراباتى»، «سىدىقنامە»، «رەۋزەتىل زۆھرە»، «زۇبدەتىل مەسائىل»، «زادۇل نەجاد» قاتارلىق پەلىسەپىىۋىي، دىداكتىك دەستۇرلىرىمىز خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىلغار دۇنيا قاراش ۋە ئەخلاقىي تەشەببۇسلارنى تېخمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، نۇرلاندۇرۇپ، ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ھېكمەتلەرنىڭ، خەلقچىل ۋە ئادىمىيەتچىل روھنىڭ خۇرۇماس بۇلىقىغا ئايلاندۇرغان. مانا بۇلار مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى، مىللىيلىكىنى، ھاياتى كۈچىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم مۇھىم بىر ئامىل. بولۇپمۇ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى داستانچىلىق ھادىسىسىنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ۋە زىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ ھەم ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان يەنە بىر تەرەپ(12 مۇقامنىڭ مۇھىم بىر بۆلىكىنى داستان ئاھاڭلىرى تەشكىل قىلىدۇ). ئەمما بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتقىمۇ يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.

    باشقا مەدەنىيەت ساھالىرىگە بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى

    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى نۇقۇل ئەدەبىيات ھادىسىسىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئۇ ئۆزى ئۇيغۇر مەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى ئىنكاس قىلىدىغان، ئۇلارنى زاماندىن زامانغا، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلايدىغان ۋاستە، خۇرىماس بۇلاق. بىز ئۇنىڭ ئۆز پەلىسەپىمىزنى، تارىخمىزنى، فولكلورىمىزنى، تىلىمىزنى، پىسخىكىمىزنى، دىنىمىزنى ئۆگىنىشتە بىزنى ئەڭ ئىشەنچلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدىغان، ئەڭ توغرا قىياس ۋە پەرەزلەرگە ئىگە قىلىدىغان قىممىتىنى تېخى تولۇق تۇنۇپ يەتمىدۇق. ئۇلار بىزنى خەلقىمىزنىڭ دۇنيا قارىشىنى، ھايات قارىشىنى، ئەخلاق قارىشىنى؛ تارىختا قايسى خىل مەدەنىيەت، قايسى خىل مىللەت، قايسى خىل تىل ۋە قايسى خىل ئەدەبىيات بىلەن قانچىلىك ئالاقىدە بولغانلىقىنى؛ قانداق ھاكىمىيەت، قانداق تۈزۈم، قانداق ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشىغانلىقىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. پەقەت فولكلور يېقىدىن گەپ ئاچساق، بىز ئۇ خاتىرىلىگەن، ئۇچۇر بەرگەن فولكلور ماتىرىياللىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدىكى خاسلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكىدىن، ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدىن، مەنىۋىي تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولغانلىقىدىن ئىنىق مەلۇماتقا ئىگە بولالايمىز. مىللىي خارەكتېر ۋە مىللىي پىسخىكىدىكى بىردەكلىكنى، تەرەققىياتنى، ئۆزگىرىشلەرنى بايقايمىز. دىنىي ئېتىقاد تارىخىدىن، روھىيەت قۇرۇلمىسىدىن ۋاقىپلىنالايمىز. بۇ جەھەتتىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى مەخسۇسلىشىشى، ھەرقايسى ئىجتىمائىي ۋە ئادىمىيەت(گۇمانتار) پەنلىرى بىلەن چېتىشتۇرىلىشى كېرەك، ئەلبەتتە.

    بۈگۈنگە بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى

    كىلاسسىك ئەدەبىياتقا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ. تىل جەھەتتىنلا ئالساق، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇش ۋە بېيىتىشنىڭ ئاساسى. ھازىرقى زاماندىكى تىلشۇناسلىقىمىز بۇ جەھەتتىكى بۇرچىنى يېتەرلىك ئادا قىلالمىدى. مەسىلەن، «قۇتادغۇبىلىك» ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا «تۆرۈ» (ئۆرپ-ئادەت، ئادەت قانۇنى)، «قۇمارۇ»(مىراس)، «ئىلىك»(پادىشا)، «ئەردەم»(ئەدەپ-ئەخلاق) دېگەندەك ئىستىمالدىن قالغان سانسىزلىغان ئىخچام، ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار بار. «ئوغۇزنامە»دەك ساپ مىللىي مىراسلىرىمىزدىن باشقا، بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئالتۇن يارۇق»، «چاشتانى ئىلىك بەگ»، «مايترىسىمىت» قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى، قەدىمىي شەكلىنى ساقلاپ كەلگەن. لېكسىكا بايلىقىدىن باشقا، ئۇلاردا ئۇيغۇر تىلىغا خاس جۈملە قۇرۇلمىلىرى، سۆز تۈرلىگۈچى ۋە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار نۇرغۇن. بۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە جانلىق ماتېرىيال خەزىنىسى. تىلىمىز ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىدىن بارغانسىرى مەھرۇم قېلىۋاتقان، ئۇنىڭغا بولغان خىرىس كۈچىيىۋاتقان، سىرتقى تىللارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشى تەس بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «دىۋان لۇغەت تۈرك» تىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ جېنىنى ساقلاپ تۇرغان يۇقارقىدەك ئەسەرلەرگە مۇراجەت قىلماقتىن باشقا ئۈنۈملۈك چارىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
    كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز ئىلغار ئەخلاقىي دەۋەتلەرگە، ئۇلۇغۋار غايىلەرگە، ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلەرگە ۋە باشقا ئېتىكىلىق، ئادەمىي مەزمۇنلارغا ئەڭ باي بولغان بىر ئەدەبىيات. ئۇ مىللىي ئەخلاقنىڭ دەستۇرى، پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئەڭ ئېسىل دەرسلىكى. دۇنيادا بار ۋە بولۇشى كېرەك بولغان بارلىق ياخشى گەپلەر ئۇنىڭدىن تېپىلىدۇ. ئۇنىڭدا شۇنداق ئىسىل ئەخلاقىي ئۈگۈتلەر، ئەقىل بايلىقى تۇرۇپ ئۇنىڭ رولىدىن ھېچقانچە پايدىلىنىلمىدى. ئۇلارنى ئۆزىمىزگە قىبلىنامە قىلالمىدۇق. ئەخلاق نۇقتىسىدىن، شەرەپ-نۇمۇس نۇقتىسىدىن ئۇ جەمئىيەتنى تۈزەشنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈملۈك قۇرالى بولۇشقا مۇناسىپ. بولۇپمۇ ئەجدادلارنىڭ ئىلىم روھى، بىلىم مەرىپەت ئىدىيىسى، ئەخلاق دۇردانىلىرى زامانىمىزدىكى ياشلارغا ئەڭ ياخشى ئۈلگە. قىسقىسى، ياتلىشىش، ئاينىش ئېغىر بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەخلاق قۇرۇلمىمىزنى تۈزەشتە، روھىمىزنى ساپلاشتۇرۇشتا، بولۇپمۇ پۇلغا چوقۇنۇش خاھىشىنى چەكلەشتە، ئىنسانىيلىقنى جارى قىلدۇرۇشتا، ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا كلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرى ئەڭ ياخشى قورال بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بارغانسىرى يىگىلەپ كېتىۋاتقان مىللىي غورۇرنى ساقلاش، مۇستەھكەملەشنىڭ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى بولالايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىلمىدى ۋە ياكى توغرا مۇئامىلە قىلىنمىدى.
    ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىز ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش، دۇنياغا يۈزلىنىش ئۈچۈن كلاسىك ئەدەبىياتنىڭ ئىسىل جەۋھەرلىرىگە، ئۇنىڭدىكى بەدەئىي ماھارەت ۋە ھۈنەرلەرگە دىققەت قىلىشى، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشى تېخىمۇ زۆرۈر ئىدى. ئەمەلىيەتتە كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بىلەن ھازىرقى، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات ئوتتۇرىسىدىكى ۋارىسچانلىق مەسىلىسى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىدى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    评论


  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياخشى ماقالىكەن. ئاخىرى بارلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن.تولۇقىنى ئوقۇغۇم بار ئىدى، رەھمەت.