-
ئۇيغۇرلارنڭ قانلىق تارىخى
2010-06-17
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66283202.html
ئۇيغۇرلارنڭ قانلىق تارىخى1918-ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻮﯞﯨﺖ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ. ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯩﯟﺍﺭﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ – ﻗﯘﻳﯘﻕ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ،ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥﺑﯘ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺑﺎﻻﻳﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺟﺎﺭﺍھﻪﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﯞﯨﺖ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯜﻧﭽﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ؟1917 – ﻳﯩﻠﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ،ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﻼﺭ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺟﺎﻱ – ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﯨﺖ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﺷﻘﺎ ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﺎﻥ . ﺋﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ،ﺑﻮﻟﺸﯩﯟﯨﻜﻼﺭ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯗ ، ﺷﻪﺧﺴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ … ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﻠﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯨﺖ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ھﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . 1918 – ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯩﯟﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﻗﺎﺭﺳﯘ ﺑﻮﻟﯘﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ، ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ – ﮔﯜﺭﺟﻪﻙ ، ﺋﺎﺭﺍ – ﺋﻮﻏﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﻻﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺳﯩﭙﯩﻠﯩﻐﺎ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
ﺳﯩﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺘﻖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ،3 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 – ﻛﯜ ﻧﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ .
ﺳﯩﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯩﯟﺍﺭﺩﯨﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﯟﺍﻥ ﻣﺎﻣﯘﻧﺘﯘﯞ ، ﻣﯘﺭﺍﻳﯩﯟﻻﺭ
ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﺗﺎ ھﺎﻟﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،
1918- ﻳﯩﻠﻰ 5- ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯚﭺ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﯗﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ .
ﻣﯘﺭﺍﻳﯩﯟ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎﺩﯨﻦ ﻏﺎﻟﺠﺎﺗﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﻠﻪﻙ ، ﻛﯩﻴﯩﻜﯟﺍﻱ ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺑﯘﻻﻕ ، ﻗﯘﺭﺍﻡ ، ﻻﯞﺍﺭ ، ﻣﺎﻟﯩﯟﺍﻱ ، ﻗﺎﺭﺍﺗﯘﺭﯗﻕ ، ﺑﺎﻳﺴﯩﻴﯩﺖ ، ﻗﺎﺭﺍ ﻳﻮﺗﺎ ، ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ، ﺋﺎﯞﺍﺕ ، ﺩﻭﻻﺗﺎ ، ﺗﯜﮔﻤﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﺰﺍ ﻗﯩﺸﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ھﻮﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺳﯩﭙﯩﻠﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﻳﯘﻧﻼ ﺭﻩھﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻣﯘﺭﺍﻳﯩﻒ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯘﺯﺩﯨﻦ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺍ ﻛﻮﭼﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﻳﺪﺍﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ، ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﮕﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ، ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭘﯩﻠﻤﯘﺗﺘﺎ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ . ﺋﯚﻟﻤﻪﻱ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻧﺠﯩﭗ ، ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﮔﻪﻥ . ﻛﻮﭼﯩﻤﯘ – ﻛﻮﭼﺎ ، ﺋﯘﻣﯘ – ﺋﯚﻱ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯩﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﻣﯩﮕﻪﻥ . ﭼﯩﻠﻪﻙ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻻﯞﺍﺭ ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺑﯘﻻﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯩﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺭﺍﻳﯩﻒ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ھﺎﻟﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻻﯞﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﻜﺴﺘﻪﯓ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﭗ – ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺗﯘﮔﻤﻪﻥ ﻳﯩﺰﯨﺴﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯘﻥ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻐﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﯩﻠﻪﻙ ﻳﯩﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺍﻡ ﻳﯩﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻼ 3000ﻏﺎ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ .
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﯞﻩھﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﺋﯘﺭﻛﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﺎﻥ – ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ،ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﻩﭖ – ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﭘﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﺎﻍ – ﺋۆﯖﻜﯘﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ھﯩﺮﯨﭗ – ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ، ﺋﺎﭺ – ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻗﯩﻠﯩﭗ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ، ﻳﯘﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻗﯩﺮﯨﻼﺭ ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .
ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎھﺎﻟﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .
ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯘﻟﯘﻛﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻻﻥ – ﺗﺎﺭﺍﺝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ،
ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻪﺭﺳﺎﻧﻠﯩﻖ – ﺳﻪﺭﮔﻪﻧﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻧﺎھﻪﻕ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ،
ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯘﯞﺍﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ، ﻣﺎﺩﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻮﺭﻻﻧﻐﺎﻥ .
ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ .历史上的今天:
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (8) 2010-06-17مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (7) 2010-06-17مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (6) 2010-06-17