• تارىخىنى بىلمىگەنلەرنىڭ خەرىتىسىنى باشقىلار سىزىدۇ!

    2010-06-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66282927.html

    دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئادەم بالىسى ياشاۋاتقانلا يەردە ھر خىل قىيىنچىلىقلارنىڭ ماۋجۇتلىقىنى كۆرىمىز. كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلارنىڭ سوغۇق ياكى كەسكىن ئۇرۇشلىرى ئۆزلىكسىز داۋاملىشىۋاتماقتا. ھەر بىر ئۇرۇشنىڭ تەكتىدە «ئەڭ قۇدرەتلىك بولۇش ھېرسمەنلىكى» يوشۇرنۇپ ياتىدۇ. چۈنكى قۇدرەت تاپالىغانلار ئۆز كۈچىنى ئىشقا سالالىغان مۇددەتچە، مۇستەھكەم پۈتتىرەپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
    مۇستەھكەم تۇرالىغان قۇدرەتلىك دۆلەتلەر ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلماقچى بولغان ئاجىز دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تارىخىنى يوقىتىدۇ ۋە خەلقلەرنى ئۆز تارىخىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرىنىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا خەلقلەرنى ئۆز تارىخىدىن نەپرەتلەندۈرىدۇ. ئامرىكا باشلىق، ئۆز ئارزۇلىرىنى تۈركىيەنىڭ ھىسابىغا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ستراتىگىيىسىگە قارايدىغان بولساق بۇنى ئوچۇق كۆرەلەيمىز.
    تۈركىيە ۋە باشقا بارلىق تۈرك دۆلەتلىرىدە، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى شۇنداقلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، كۆرگەن مەنزىرىدىن ھېچبىرىمىز خۇشھال بولمايمىز. ئەجىبا، بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىرىمۇ؟ ئۇلۇغ ياراتقۇچى بىز مۇسۇلمانلارغا مۇشۇنى تەقدىر قىلغانمۇ؟!
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھرىبان ۋە ناھايىتى رەھىملىك زات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىمان كەلتۈرگەن ياكى كەلتۈرمىگەن بارلىق ئىنسانلارغا ئادالەت بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان. ئەمما تۈرك دۇنياسى ۋە باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلەر پۇخرالىرى ماۋجۇت بولۇش سۇپىتى بىلەن بۇ ئادالەتتىن نەسىۋىسىنى ئالالمىغان، ئالغان بولسىمۇ يېتەرلىك ئېلىشقا تىرىشمىغان، ئالغان نەسىۋىسىنى ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلەتمىگەن بولسا، ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ ئادالىتى يەنىلا تەجەللى قىلىۋاتقان بولىۋېرىدۇ، ھېچكىمنى ئەيىبلەشكە ھەققىمىز بولمايدۇ.
    ”مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئىسلام دونياسىنى كونترول ئاستىغا ئېلىۋالماقچى بولىۋاتقان، بىزنى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت بېسىمىنىڭ ئىسكەنجىسىدە سىقىۋاتقانلارغا قارشى بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن زادى نېمە ئىش قىلالىدى؟!“ مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالىساقلا، كىچىككىنە بىر سىلكىنىش بىلەن ئۆز ئەسلىمىزگە كېلەلەيدىغانلىقىمىزغا، بىر ـ بىرىمىزنى تونىيالايدىغانلىقىمىزغا، بىر ـ بىرىمىزنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىمىزغا قىلچە گۇمان قالماسلىقى مۇمكىن.
    ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىمىز، ئىسلام ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى بۆلمەكچى ۋە پارچىلىماقچى بولغانلارغا قارشى ئەڭ كىچىك بىر بەدەل تۆلىيەلمەيۋاتقانلىقىمىز، قېرىنداشلىق مۇئەسسىسىنى مۇستەھكەم تۇتالماسلىقىمىز ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پالاكەتلەر بېشىمىزغا كېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟
    تۈرك دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە باشقا ئىجتىمائىي ساھەلەردە ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئالاھىدە بىر پەرق ماۋجۇت ئەمەس. مۇسۇلمانلىق
    سالاھىيىتىگە ئىگە ھەر قانداق بىر كىشى بىلىدۇكى، قىبلىمىز بىر، پەيغەمبىرىمىز بىر، كىتابىمىز بىر ۋە ئىمان كەلتۈرگەن ئاللاھىمىز بىر. ئۇنداقتا قىيىنچىلىق زادى قەيەردە؟
    مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بەرگەن چېغىمىزدىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ. لېكىن ھېچكىم بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىش ئۈچۈن بارمىقىنى قىمىرلىتالمايدۇ.
    مانا بۇلار بىزنى بىر يەرگە توپلاش، بىرلىك كۈچ تەشكىللەش، بىللە ئولتۈرۈپ ئۆز ئارا چۈشىنىشىش، قېرىنداش بولۇش، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە لايىق بىر پىكىرنى مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب ئەمەسمۇ؟ ھەر قايسى مۇسۇلمانلار دۆلىتى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى شۇنداقلا ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى ئەڭ باشتا ئۆزىگە، ئاندىن يېنىدىكىلەرگە، كېيىن ئۆيىگە، ئۇندىن كېيىن مەھەللىسىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ياشاۋاتقان شەھىرىگە ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى توغرا يەتكۈزەلىگەن بولسا ئىدى، بۈگۈنكىدەك پارچا ـ پارچا، پاراكەندە ياشايدىغان بولۇپ قالمىغان بولاتتۇق؟!
    ئىسلام تىروتورىيەسىنىڭ بۇزىلىشى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىملىرى ئاستىدا ئىزىلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەل تارىخىمىزنى بىلمەسلىكىمىز ۋە ئۇنى ئۇنۇتقانلىقىمىزدۇر. تارىخنى بىلمىگەنلەرنىڭ تىروتورىيەسىنى باشقىلار سىزىدۇ. ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە يەنى چۈشكۈنلىشىش دەۋرىگە نەزەر سالساق، بۇ چوڭ ئېمپىرىيىنىڭ يېمىرىلىشىنىڭ سەۋىبى دۆلەتنى ئىدارە قىلغانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەردىن پايدىلانماسلىق بولغانلىقىنى كۆرىمىز.
    ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرى يۈز يىل ئىلگىرى ئىنگىلىز جاسۇسى لاۋرانس تىكىپ قويغان ئۇرۇقلارنىڭ سەۋىبى بىلەن ھازىرغىچىلىك تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا سوغۇق نەزەردە قارايدۇ ، ئۆزلىرىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال!
    دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ھەرقانداق بىر ئەقلى ساغلام ئىنسان قانداقسىگە قىبلىسى بىر، كىتابى بىر، پەيغەمبىرى بىر، ئاللاھى بىر بولۇشتەك ئەقىدىدىن ئېزىپ، باشقا ئازغۇن ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك خەتەرگە قارشى دۈشمەن بىلەن بىر بولۇشنى ئىستىيەلىسۇن؟!
    بۈگۈن بىز دەل ئەنە شۇنداق قىلىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟ بىر ـ بىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە بولۇش ئۈچۈن بەسلىشىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟ ماقۇل، بەسلىشەيلى. لېكىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئاستىدا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملىرى ئاستىدا ئىڭراپ تۇرۇپ ئەمەس، بەلكى ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ھېس قىلدۇرغان ۋە قوبۇل قىلدۇرغان ھالدا بەسلىشەيلى. يەنى ئۇرۇشتىمۇ، تىنچلىقتىمۇ كۈچىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟
    ھەر قايسى مۇسۇلمانلار دۆلىتى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى شۇنداقلا ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى ئۆتمۈشىنى ۋە تارىخىنى توغرا تۇنۇپ، دىنى تەلەپ قىلىۋاتقان قېرىنداشلىق مۇئەسسەلىرىگە ھاياتى كۈچ بەخىش ئىتىشتە بىردەكلىك ھەم بەراۋەرلىك پەيدا قىلمىغۈچە شۇنداقلا تارىخىمىزنى، ئۆتمۈشىمىزنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن رىسالىتىنى توغرا چۈشەنۇپ، توغرا چۈشەندۈرەلمىگۈچە، بىرلىك ۋە بەراۋەرلىكنى رىئاللىققا ئېرىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
    ھەر بىر تۈركىيەلىك مۇسۇلمان بىرىنچى بولۇپ، باشقا بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، قېرىنداش بولۇش كېرەكلىكىنى بىلىشى لازىم. بارلىق ئۇنۇتقان، كۆرمەسكە سالغان ئىنسانلارنى ھەقىقى ئىنسانلىق يولىغا باشلاش ئاساسىدا دۇنيا ئىنسانلىرى تەلمۈرۈۋاتقان راھەت ۋە خاتىرجەملىكنى بەرپا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
    ئاللاھ ئەقلى ـ ھوشى جايىدا بولمىغانلارنى ۋە كۈچىدىن قىلىپ، ئەسىرگە چۈشۇپ قالغانلارنى ھېساپقا تارتمايدۇ. لېكىن بىز تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام ئەللىرى ئەقلى ـ ھوشى يوق، كۈچتىن قىلىپ ئەسىرگە ئىلىنغان دونيا ئەمەسمىز. بىرلىشىشكە، ھەمكارلىشىشقل، بىرلىك سەپ قۇرۇپ، بىر ـ بىرىمىزنى چۈشىنىشكە باشقا ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ بەكراق ئىھتىياجلىقمىز. قۇدرەت تاپقان دۆلەتلەردىن ئەڭ نامرات دۆلەتلەرگىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان مىليۇنلارچە ئىنسانلار بىزدىن دەل شۇنى كۈتمەكتە.
    مۇسۇلمانلار جەمئىيتى مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىنسانىيەتكە سۇنماقچى بولغان ”ھەقىقى ئىنساندەك ياشاش“ قارىشىنى ئەمەلىلەشتۇرۇش ۋەزىپىسىگە ئىگە جەمئىيەتتۇر. پەقەت مۇشۇ ۋەزىپىنى «تەرك ئىتىش» نىڭ ئۆزىلا زىيانكارلىق ئىچىدە ياشىشىمىزغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ”يىقىتقۇچى“ ئەمەس، ”بىنا قىلغۇچى“ بولۇش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ”بىنا قىلىش“، ”بىنا قىلغۇچى ـ قۇرغۇچى“ بولۇش، «بىرلەشتۈرگۈچى» ۋە «پۈتۈنلىگۈچى» بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
    تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: غەيرەت بۇغرا

    (تۈرك- ئىسلام بىرلىكى ژورنىلى 1-سان 2005- مارت- ماي)

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us