• تارىختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىتراتىگىيىسى ۋە تاكتىكىسى

    2010-06-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66282608.html

    قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلىرى ھەربىي خاراكتىرگە ئىگە ئىدى. بۇنداق خاراكتىر كېيىنكى چاغلاردا قۇرۇلغان، بەش ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان ئۇيغۇر قاراخانىيلار سۇلالىسى مەزگىلىدە ۋە پۈتۈن تىمۇرىيلار دەۋرىدە ھەم 160 يىل داۋام قىلغان يەركەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە بارغانسىرى روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلىدى.

    9- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى ، مۇڭغۇل دالاسىدا يۈزبەرگەن ئېغىر تەبىئىي ئاپەت تەۋەسىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن ، ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى مۇنقەرز بولدى. مۇشۇ قېتىمقى تەبىئىي ئاپەت ۋە سۈنئىي ئاپەتتىن ئامان قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 15 قەبىلىسى پان تېكىننىڭ رەھبەرلىكىدە غەرىبتىكى قېرىنداشلىرىدىن پاناھلىق تىلەپ جۇڭغارىيە ۋە تارىم ۋادىسىغا يۆتكەلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇيغۇرلار بالاساغۇن بىلەن قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا يەنە بىر قۇدرەتلىك فىئوداللىق سۇلالە – قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى.

    بۇ بابتا قاراخانىيلارنىڭ ھەربىي ستىراتىگىيە- تاكتىكىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ ، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ستراتىگىيىسى ۋە تاكتىكىسى ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزەرلىرى ئۈستىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز .

    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى

    مەلۇمكى، كۆك تۈرىكلەردىن كېيىن تۈركىي قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ مۇڭغۇل دالاسىدا زور خاقانلىق قۇرغان ئۇيغۇرلار 840- يىلى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي سالاھىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقتىن، قېرىنداش ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىر مەركىزىي ھاكىمىيەتكە تەۋە بولماستىن ، مۇستەقىل بەگلىكلەر ھالىتىدە ياشاشقا باشلىدى. مىلادى 845- يىلى كۆل بىلگە قادىرخان شىمالدا بالقاشتىن، جەنۇپتا كەشمىرگىچە، شەرىقتە كۇچادىن، غەرىپتە خارازىمغىچە بولغان 3 مىليون كىۋادىرات كېلۇمىتىر قۇرۇقلۇق تېرتورىيە ئۈستىدە ئۇيغۇرلار تەركىبىدىكى قارلۇق، ياغما ، چىگىل، توخسى ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قۇدرەتلىك قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى.

    مىلادى 962- يىلى ئالىپ تېكىن شىمالدا پەرغانە، ماۋا ئۇننەھىردىن جەنۇپتا بەلۇجىستان سىنەگىچە ، شەرىقتە ئاگىراردىن، غەرىپتە رەي ھەم دانىغىچە بولغان 3 مىليون ( كېڭەيگەن ۋاقتىدا 4مىليون 900 مىڭ ) كىۋادىرات كىلومىتىر زىمىندا غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنى قۇردى. بۇ خاقانلىق 255 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ ئاندىن يىقىلدى؛ ئورنىغا گورلۇقلار ( قارا ھىتايلار ) ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى.

    مىلادى 1040- يىلى كاسپىي دېڭىزى بىلەن ئارال كۆلى ئارىسىدىكى << ئۈستۈن يۇرىت >> دەپ ئاتالغان رايوندا ياشاۋاتقان ئوغۇزلارنىڭ قېنىق قەبىلىسىنىڭ بېگى سەلچۇق ئوغۇللىرى ئوغۇزلارنىڭ << سۇ باشى >> ( باش قوماندان) لىرى ئىدى. سەلچۇق بەگنىڭ نەۋرىسى چاغرى تېكىن 1037- يىلى مەرۋىينى ئېلىپ ، ئۆزىنى << مەلكۈل مۈلك >> ( ھۆكۈمدارلارنىڭ ھۆكىمدارى ) دەپ ئاتىدى. ئارقىدىنلا بەلىخنى ئالدى. بىريىلدىن كېيىن ھىرات ئۇنىڭدىن كېيىن نىشاپۇر ئېلىندى. چاغرى تېكىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىنىسى توغرۇل تېكىن نىشاپۇردا ئۆزىنى << سۇلتان >> دەپ ئېلىن قىلدى. دەندانىكان ئۇرۇشىدا غەلبە قازانغان سەلچۇقىلار پۈتۈن خۇراساننى غەزنەۋىيلەردىن تارتىۋالدى. شۇنىڭدەك سەلچۇقىلار غەرىبكە سىلجىپ، كىچىك ئاسىيادىمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشقا باشلىدى. سەلچۇقىلار 117 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ، 1154- يىلى سۇلتان سەنجەرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بۇ ئىمپىراتورلۇق ئاخىرى قارا ھىتايلارلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى.

    دېمەك، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي قۇۋىملار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ ئۈچ ئىمپىراتۇرلۇقنىڭ سىياسىي كېڭىيىش سىياسىتى بولغاچقا ، داۋاملىق ئۇرۇش ئىچىدە ياشىدى. قاراخانىيلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر بۇددىسىت قېرىنداشلىرى بولغان خوتەن تاتلىرى ۋە تۇرپان تاتلىرى بىلەنمۇ كۆپ ئۇرۇشلارنى قىلدى.
    مۇشۇنداق مۇرەككەپ خەلقىئارا ۋەزىيەت ئىچىدە ياشىغان قاراخانىيلار سىرىتقا نىسبەتەن كېڭىيىش ۋە مۇداپىئەلىنىش ، ئىچكى جەھەتتە يۈز بەرگەن ئىسيانلارنى باستۇرۇپ، ئىمپىراتۇرلىقنىڭ تىرتورىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولدى. قاراخانىيلار كۈچەيگەن دەۋرىدە سامانىيلار دۆلىتىنى يىقىتتى . (مىلادى 999- يىلى ) ، ئاجىزلاشقان دەۋرىدە قارا ھىتايلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى.( مىلادى 1212- يىلى).

    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ھەربىي تەشكىلات

    پۈتۈن مىللەت قوشۇن بولۇشتىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتنى ئۇيغۇر- تۈركىي قەبىلىلىرى پۈتكۈل تارىخىدا داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن. قەدىمكى قەبىلىلەردە سىياسىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەسلىي خاراكتىرى ھەربىي بولغاچقا ، قاراخانىيلار دەۋرىدىمۇ ۋە ئۇلارغا زامانداش بولغان ياكى كېيىنكى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار قۇرغان خانلىقلاردىمۇ بۇنداق ھالەت داۋاملاشقان.

    قاراخانىيلارنىڭ ھەربىي تەشكىلاتى ھەققىدە مەنبەلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتلىرى يالغۇز قاراخانىيلار دەۋرى ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش جەھەتتىنلا ئەمەس، باشقا تۈركىي خەلىقلەرنىڭ بەزى ھەربىي ئاتالمىلىرنىڭ مەنىسىنى ۋە مەنبەلىرىنى چۈشىنىش جەھەتتمۇ پايدىلىقتۇر.

    قوشۇننىڭ تەركىبى

    قاراخانىيلار قوشۇنىنىڭ تەركىبى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت .

    1) ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى؛
    2) خاس قوشۇن؛
    3) خانىدان ئەزالىرى بىلەن ۋالىيلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى؛
    4) چىگىل، قارلۇق، ئوغراق ۋە باشقا قەبىلە تەشكىلاتلارغا تەۋە ئەسكەرلەر؛

    1. ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ( ياتغاق ۋە تۇرغاقلار)

    ساراي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ھۆكۈمدارلارنى ھەم ساراينى قوغدايىتتى. سەلچۇقىلاردا ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى << غولامانى ساراي>> دېيىلەتتى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بايانىچە قاراخانىيلاردا بۇ ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى قەلئە مۇھاپىزەتچىلىرىگە ئوخشاش<< ياتغاق>> دەپ ئاتىلاتتى. بۇلار ھۆكۈمدارلارنى، ساراينى ۋە ھەرقانداق بىر قەلئەنى كېچىسى ساقلايىتتى. يەنى ياتغاقلار ساراي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ كېچىدە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىمىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇ مەسىلىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ:<< كونۇن تۇردى تۇرغاق، تۈنۈن ياتغاقى>> ( كۈندۈزى تۇرغاق، كېچىسى ياتغاق نۆۋەتچىلىك قىلدى) دېگەن بېيىتى بىلەن ناھايىتى ئوبدان سۈرەتلىگىلى بولىدۇ. ياتغاقلارنىڭ ۋەزىپىسى ھۆكۈمدارلارنى يالغۇز سارايدىلا ئەمەس، ساراي تېشىدىمۇ مۇھاپىزەت قىلىش ئىدى.

    تۇرغاقلارغا كەلسەك، بىردىنبىر مەنبە بولغان << قۇتاتغۇبىلىك>> تىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە قارىغاندا، بۇلارمۇ ساراينى ھەم ھۆكۈمدارنى كۈندۈزى قوغدايدىغان مۇھاپىزەتچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ سارايدا ۋە ساراي تېشىدا مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسى بارلىقى ئېنىق بۇ ئىككى ئاتالمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن، بۇ ئەسكىرىي تەشكىلات قارا خانىيلاردىن بۇرۇنقى تۈركىي قەبىلىلەردە ئىشلەتكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ.

    2. خاس قوشۇن

    قاراخانىيلاردا خاس قوشۇننىڭمۇ ساراي مۇھاپىزەتچىلىرىگە ئوخشاش، ھۆكۈمدارلارغاقاراشلىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەردىن تەشكىل قىلىنغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. لېكىن بۇ قوشۇننىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق بىرنەرسە دىگۈدەك ئەھۋالدا ئەمەسمىز. بىر خاتىرىدە:<< غەربىي قارا خانىيلار ھۆكۈمدارلىرىدىن مۇھەممەد ئارسىلانخاننىڭ( 1103- 1182) خاس قوشۇنى 12مىڭ تۈرك قۇللىرىدىن تەشكىل قىلىنغانىدى( قىۋامەددىنى بۇرسلان:< ئىراق ۋە خۇراسان سەلچۇقىلىرى تارىخى> ئىستانبۇل 1943، 239-بەت) >>دېيىلگەن.
    مۇھەممەد ئارسىلانخاننىڭ سەلچۇقىلار ھاكىمىيىتىگە كىرگەن بىر دەۋىرگە ئائىت بىز تىلغا ئېلىۋاتقان دەۋىردە، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئىككىگە ئايرىلىشىدىن بۇرۇن قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىنىڭ خاس قوشۇنى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قوشۇننىڭ 12 مىڭ كىشىلىك بىر چوڭ قوشۇن ئىكەنلىكىگە ئائىت بىر قەئىدىگە قارىساق، بۇ ساننىڭ خاس قوشۇننىڭ ئاساس قىلغان ھالدا، تۈرلۈك قوماندانلار قارىمىقىدىكى ئەسكىرىي بىرلىكلەر ئۈچۈن ئادەتتە بىر ئۆلچەمنى ئىپادىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا، دۆلەت قوشۇننى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيىتتى، مائاشلىرىنى بېرەتتى، مۇناسىۋەتلىك دەپتەرلەرنى تۇتاتتى، ئەسكەرلەرنى يوقلىما قىلىپ تۇراتتى.

    قاراخانىيلاردا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان مەخسۇس بىر دىۋاننىڭ بارلىقى مەلۇم. مەھمۇد قەشقىرى: ئەسكەرلەرنىڭ نامىنى ۋە كۆرسەتكەن خىزمىتىنى خاتىرلەيدىغان دەپتەر << ئاي بىتىك>> دىيىلەتتى، دەپ قاراخانيلاردا بۇ ئىشنى باشقۇرىدىغان بىر ئورگان بارلىقىنى قەيىت قىلىدۇ.<< ئۇنىڭ ئاتى ئايدىن ئۆچۈرۈلدى>> دېگەن جۈملىسىگە قارىغاندا ، بۇ دەۋىردە ئەسكەرلەرگە ئايدا بىر مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ<< ئات( ئىسىم) دائىم ئەسكەرلىكە يېزىلىدىغان ئادەمدۇر>> دېگەن جۈملىسىدىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دىۋاننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا ئەسكەرلەرنى يوقلىما قىلىپ، ئۆلۈم ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن خىزمەتتىن ئايرىلغانلارنىڭ ئاتلىرىنى ئۆچىرىدىغانلىقىنى، كەم سانلارنى يېڭىدىن تولدۇرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. قاراخانىيلار بىلەن زامانداش بولغان سەلچۇقىلاردا << غۇلامانى ساراي>> دەپ ئاتىلىدىغان ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە باشقا مائاشلىق خاس ئەسكەرلەر بولاتتى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، قاراخانىيلاردا ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى، خاس قوشۇنلارغا ھەر ئايدا ياكى مۇئەييەن ۋاقىتلاردا مائاش بېرىلەتتى. كېيىن غەربىي قاراخانىيلاردىكى خاس قوشۇنلار سۇيۇرغال ئىگىلىرى بولۇپ كەتكەنىدى.

    3. خانىدان ئەزالىرى بىلەن ۋالىيلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى
    قاراخانىيلار دەۋرىدە دۆلەتنىڭ مەلۇم رايون ياكى ۋىلايەتلىرىنى ئىدارە قىلىشقا مەسئۇل بولغان خانىدان ئەزالىرىنىڭمۇ ئايرىم قوشۇنلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇمدۇر. قاراخانىيلارنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى ۋەقەلەر بۇلارنىڭ ئوچۇق كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن:

    1) دۆلەتنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشىگە سەۋەپ بولغان ۋەقەلەر مەزگىلىدە غەربىي قىسىمنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئىلىگ ناسىرنىڭ ئوغۇللىرى شەرقىي قىسىمنى ئىدارە قىلىۋاتقان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغۇللىرىغا قارشى جەڭ قىلغان ئىدى.

    2) كېيىنچىرەك ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى شاش، مىڭلاق، تۇنھاس ۋە پەرغانىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئالغانىدى.

    3) شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ چوڭ خاقانى سۇلايمان ئارسىلانخاننىڭ ئۆزىنىڭ قېرىندىشى، تىرازئىسىپجاب ھاكىمى مۇھەممەد خان بىلەن ئۇرۇشتى.نەتىجىدە سۇلايمان ئارسىلانخان يېڭىلدى.

    4) ئىبراھىم بىن مۇھەممەد خان ( 1075- 1059) بارىسخان ھاكىمى ئىنال تېكىن بىلەن ئۇرۇشتى. نەتىجىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئىچكى ئۇرۇشلاردا قاراخانىيلارنىڭ خانىدان ئەزالىرى بىر-بىرىگە قارشى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىشقان ئىدى.

    5) 1990- يىلى سەمەرقەنىدنى ئىگىلىگەن ئاتباشى ھاكىمى ياقۇپ تېكىننىڭ ، يەنە شۇ يىللاردا قەشقەر خانىنى ئەسىر ئالغان كانىتا قەلئەسىنىڭ قوماندانى توغرۇل ئىنال تېكىننىڭ ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقى مەلۇمدۇر.

    6) ئىبنۇل ئەسىر:<< پالەچ بولغان ئىبراھىم تامغاچ بۇغراخان سەلتەنەتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى تەختىنى ئوغلى شەمسۇلمۈلىككە ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىدە، باشقا ئوغۇللىرى تۇغان خاننىڭ دادىسى بىلەن قېرىندىشىنى سەمەرقەنىدتە مۇھاسىرىگە ئالغانلىقى، 500 نەپەر غۇلامى بىلەن شەھەردىن تۇيدۇرماي چىققان شەمسۇلمۈلك ناسىرنىڭ شىبخۇن( تۈن ھۇجۇمى) قىلىپ، غاپىل ياتقان قېرىندىشى تۇغان خاننى تۇتقۇن قىلغانلىقى…>> نەقىل كەلتۈرىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا شەمسۇلمۈلىكنىڭ دادىسى ساق ۋاقتىدىلا شەخسىي غۇلاملىرى بارلىقى ، قېرىندىشى تۇغان خاننىڭمۇ ئۇلارنى مۇھاسىرە قىلغۇدەك خۇسۇسىي ھەربىي كۈچى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا خانىدان ئەزالىرىنىڭ ئىدارە قىلىۋاتقان رايونىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ ھەربىي كۈچ ئىشلەتكەنلىكى مەلۇمدۇر. دۆلەتنىڭ سىياسىي تارىخىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىغاندا، مەركىزىي ئىدارە كۈچلۈك ۋاقىتلاردا، خانىدان ئەزالىرى ئۇرۇشلارغا ئۆز قوشۇنى بىلەن كېلىپ قاتنىشىپ، قاراخانىيلارنىڭ چوڭ قوشۇنىنى مەيدانغا كەلتۈرەتتى. مەركىزىي ئىدارە زەئىپ يىللاردا بولسا، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشاتتى.

    يەنە بىر تەرىپىدىن، خانىدان ئەزالىرىدىن باشقا ۋالىيلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ھەربىي كۈچى بولاتتى. مەنبەلىرىمىزدە ھۆكۈمدار ھوزۇرىغا ئاتلىق ۋە پىيادە مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى بىلەن كەلگەن كىشىلەرنىڭ دەرىجىسى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ << ئەسھابى- ئەتىراپ، ئەزىزانى دەرگاھ ۋە بەۋبەتسالارا>>( ئەتىراپ جايلارنىڭ باشلىقى، ساراي ئەزالىرى، نەۋبەتچىلەر باشلىقى) دەپ كۆرسىتىلىشى ھۆكۈمداردىن باشقا يەنە كىملەرنىڭ ئەسكەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋەزىر، ھاجىپ، ۋە قوۋۇقچىباشقا ئوخشاش دۆلەت ئادەملىرىنىڭ قول ئاسىتىدا غۇلاملار بولغانلىقىغا دائىر خاتىرىلىرى خانىدان ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ قول ئاستىدا مائاشلىق قىسىملارنىڭ بولغانلىقىغا قىلىنغان ئىشارەتتۇر.

    4.چىگىل، قارلۇق، ئوغراق ۋە باشقا قەبىلە تەشكىلاتلارغا تەۋە ئەسكەرلەر

    قاراخانىيلار دۆلىتى تىرتورىيەسى ئىچىدە ياشىغۇچى بەزى قەبىلىلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ھەربىي قوشۇنلار ئۇزۇندىن بېرى قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى بولۇپ كەلگەنىدى. قاراخانىيلار قوشۇنىدا چىگىللەر مۇھىم كۈچ ھېسابلىناتتى. مەسىلەن: 1089-1090- يىللاردا غەربىي قاراخانىيلار قوشۇنىدىكى چىگىللەرنىڭ قوماندانى ئەييۇد دۆلەتنىڭ قاراخانىيلار بىلەن سەلچۇقىلارنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىدە رول ئوينىغانلىقىنى بىلىمىز.( پىرتساك: <<قاراخانىيلار>> 263-بەت) چۈنكى مەنبەيىمىزدە چىگىللەرنىڭ قوماندانىنى ساھبۇل جىش( قوشۇن قوماندانى) دىمەستىن، <<مۇقەددە مۇل چىگلىيە>>( چىگىللەرنىڭ ئالدىنقى قىسىم قوماندانى ) دەپ ئاتىغانلىقى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.(<<ئەل كامىل>> ، 173- بەت)

    ئىسسىقكۆلدىن ئىسبىجابنىڭ جەبۇبىغىچە ۋە ئۇيەردىن چۇ ۋە ئىلى دەرياسى بويلىرىغىچە سۇزۇلغان كەڭ رايوندا ياشىغان قارلۇقلارنىڭمۇ ئۇزۇندىن بېرى قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنىدا قارلۇقلار مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى. مەسىلەن: ئەلى تېكىننىڭ ئەسلى مەركىزى بولغان بۇخارا ئەتراپىدىكى << خارلۇخ- ئوردۇ>> نامىدىكى بىر ئەسكىرىي قارارگاھ بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.( پىرتساك: << قاراخانىيلار>> 259- بەت) 13- ئەسىردە ماۋرا ئۇننەھىرگە كۆچكەن نۇرغۇن قارلۇقلار بۇ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىغا قارشى سىياسىي كۆرەشكە كىرىشىدۇ.

    مەھمۇد قەشقىرىنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا ، قاراخانىيلار بىلەن تات ئۇيغۇرلىرى (بۇددىسىت ئىدىقۇتلىقلار) نىڭ چىگرا رايونلىرىدا ياشىغان ئۇغراقلار بۇددىسىت ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلارغا قاراخانىيلار تەرەپدارلىرى بولۇپ ئۇرۇشقانىدى.

    1041- يىللاردا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ياشىغۇچى ياباقۇرلارنىڭ تەھلىكىسىگە قارشى ۋاقىتلىق بولسىمۇ، قاراخانىيلار تەۋەلىكىگە كىرگەن باسمىل ۋە چۇمۆللارمۇ ياباقۇلارنىڭ مەشھۇر قوماندانى بۈكەبۇدراچنىڭ يېڭىلىپ ئەسىر ئېلىنىپ ئۆلتۈرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇرۇشلاردا، قاراخانىيلار قوشۇنىدا تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغانىدى. ياناقۇلار تەھلىكىسى بىرتەرەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار قاراخانىيلار تەۋەلىكىدىن چىققان بولسىمۇ، يېڭىلىپ قايتىدىن قاراخانىيلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندى.

    ئۇرۇش ھالىتىدىكى قوشۇننىڭ نامى

    يۈرۈشلەرنىڭ ماھىيىتىگە قاراپ ، قوماندانلىق ئىشىنى شەخسەن ھۆكۈمدار ياكى خانىدان ئەزالىرى بولغان شاھزادىلەر بىلەن سۇباشىلار (قوماندان) ۋە باشقا بەگلەر ئۈستىگە ئالاتتى. قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكىگە ئوخشاشلا ، قاراخانىيلاردىمۇ قوشۇننى باشقۇرۇش ئىشى << سۇباشىلىماق>> دەپ ئاتىلاتتى. قوماندان مەنىسىدىكى سۇباشىمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك . << قۇتاتغۇبىلىك>> تە دائىم ئۇچرايدىغان << سۇ باشىلار ئەر>>، << سۇ باشىلار كىشى>>، << سۇ باشچىسى>> قاتارلىق ئاتالمىلارنىڭ توغرىدىن-توغرا << سۇ باشى>> مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى شۈبھىسىز.

    يۈرۈش قارارىنى بەرگەن ھۆكۈمدار مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئەسكەرلىرىنى توپلاپ كىلىشلىرى ئۈچۈن بۇيرۇقلار ئەۋەتەتتى. مەھمۇد قەشقىرى ئەسىرىدىكى << خان بەگكە ئەسكەرلىرىنى توپلاشقا بۇيرۇق بەردى>> دېگەن جۈملە دەل مۇشۇ ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەينىڭ مەنبەدە ئەسكەرلەرنىڭ تەرەپ- تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ توپلانغانلىقىنى ئىپادىلىگەن خاتىرىلەر، يۈرۈش مەقسىتى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ بىريەرگە يىغىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يۈرۈش ئۈچۈن يىغىلغان يەر<< تىرىلگۈ يەر>> دېيىلەتتى. دېمەك، ئەسكەر ۋە قوشۇن ئورنىغا <<سۇ>> ئاتالمىسىنى قوللانغان تۈركىي خەلىقلەر ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلىكىنى سۇغا ئوخشىتاتتى.

    نۇرغۇنلىغان قوشۇننىڭ سۇ ئاققاندەك يۈرۈشىنى << سۇ ئاقتى>> دەيىتتى.

    قەيىتلەرگە ئاساسلانغاندا، قاراخانىيلار قوشۇنىنىڭ سانى ھەققىدە كەسكىن بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. 1041- 1042- يىللاردا بىكەچ ئارسىلان تېكىن قوماندىسىدا ئەۋەتىپ بىر قوشۇننىڭ سانىنى مەھمۇد قەشقىرى 40مىڭ دەپ يازىدۇ. 11-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ 4000 ئەسكەرنىڭ بىر قوشۇن دەپ يازىدۇ. قاراخانىيلار بىلەن زامانداش بولغان سەلچۇقىلاردىمۇ ئەسكىرىي قىسىملارنىڭ سانىدا كۆپ پەرىق يوق ئىدى.

    1. قوشۇننىڭ تەركىبى ۋە قۇرۇلۇشى

    يۈرۈشكە چىققان قوشۇن مەلۇم تەرتىپ ۋە نىزام ئىچىدە ھەرىكەت قىلاتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قوشۇن قوماندانىغا << ئوڭغا- سولغا ۋە ئالدىغا – ئارقىغا ئىشەنىچلىك ئادەملەرنى قوي>> دەپ قىلغان تەۋسىيەسى شۈبھىسىزكى، بۇ تەرتىپ ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ دەۋىردە ھەرىكەت ھالىتىدىكى قوشۇننىڭ بىر بۆلۈمى ئالدىنقى قىسىمغا ئايرىلاتتى. بۇلار يول ئۈستىدە ئەسكەر ۋە پىستىرما قويۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرەتتى؛ بۇلار << يەزەك>> دېيىلەتتى. بۇ يەزەكلەردىن چىقىرىلغان ئاتلىق چارلىغۇچى گۇرۇپپا ھەممىنىڭ مېڭىپ چارلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، تىل تۇتقاچقا << تۇتغاق >> دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ: << قوماندان يەزەك ۋە تۇتغاقلارنى تاللاپ چىقىرىشى لازىم، بۇلار ئېھتىيات بىلەن كۆز-قۇلاقلىرىنى يىراقلارغا قارىتىشى كېرەك>> دەيدۇ. دېمەك، قاراخانىيلارنىڭ ئالدىنقى قىسىملارغا ئەھمىيەت بېرىلەتتى. يەزەكلەر بىلەن تۇتغاقلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئوڭۇشلۇق شارائىتتا دۈشمەنگە ھۇجۇممۇ قىلاتتى.

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالدىنقى قىسىملاردىن كېيىن <<يۇرتۇغلار>>نى تىلغا ئالىدۇ.بۇنىڭغا قارىغاندا، ئالدىنقى قىسىملىرىدىن كېيىن مۇھاپىزەتچى قوشۇن، دۆلەت ئەربابلىرى، ھۆكۈمدار ماڭاتتى. مەھمۇد قەشقىرى يۈرۈشكە ياكى ئادەتتىكى سەپەرگە خاقان بىلەن بىرگە چىققان دۆلەت ئەربابلىرى مۇھاپىزەتچى قىسىملارنى << يۇرتۇغ>> دەيدۇ. بۇ يۇرتۇغلار ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە باشقا مۇھاپىزەتچى قوشۇنلاردىن تەشكىل قىلىناتتى. سەپەر ئۈستىدە ھېچكىم ئارقىدا قالمايىتتى. تۆۋەن دەرىجىلىكلەر چوڭلارغا ئارىلاشمايىتتى. يىراقتا تۇرۇشقا تېگىشلىكلەر يېقىن كەلمەيىتتى. كىشىلەرنىڭ سارايدىكى ئورنى قانداق بولسا سەپەردىمۇ شۇنداق بولاتتى. سەپەردە ھۆكۈمدارنىڭ ئالدىدا بايراق- تۇغچىلار، گۈرزە( چوماقلىق) ئەسكەرلەرۋە باشقا قوراللىقلار ماڭاتتى. ھۆكۈمدار سەپەردە بىردىن يىتىلەك ئات ئالاتتى. بۇ << قوش ئات>> دىيىلەتتى. ھۆكۈمدارلارنىڭ ئارقىسىدىن خاس قوشۇنلار بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشقان باشقا بەگلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ماڭاتتى. قوشۇننىڭ ئاتچىسى، ئوڭ ۋە سولدا ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل قىسىملار بولاتتى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us