• يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىڭ

    2009-05-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39993298.html

       بىر يىگىت خىزمەت ئىزدەپ بىر شىركەتكە بېرىپتۇ، ئۇ بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كېلىش مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. باش دىرېكتور بۇ «كۈتۈلمىگەن مېھمان» نى نېمىلا بولمىسۇن بىر سىناپ باقماقچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئاپتۇ، لېكىن يىگىت زادىلا ياخشى جاۋاب بېرەلمەپتۇ. يىگىت باش دىرېكتورغا ئۆزىنىڭ كېلىشتىن بۇرۇن  يېتەرلىك تەييارلىق قىلىۋالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە بىر پۇرسەت بېرىشنى سوراپتۇ، باش دىرېكتور ئېرەڭشىمىگەن قىياپەتتە يىگىتكە: «بوپتۇ، تەييارلىقىڭىز پۈتكەندە كېلىڭ»، دەپ ئۇنى يولغا ساپتۇ.

         ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، يىگىت يەنە كېلىپ ئىمتىھان بېرىپتۇ، گەرچە ئۇ ئىمتىھاندىن يەنىلا ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ، نەتىجىسى ئالدىنقى قېتىمدىكىدىن خېلىلا ياخشى بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ يىگىت بۇ شىركەتكە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش قېتىم ئىمتىھان بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئاسان ۋاز كەچمەيدىغان روھىدىن تەسىرلەنگەن باش دىرېكتور ئاخىرى ئۇنى قوبۇل قىپتۇ ھەمدە ئۇنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىپتۇ.

    ھايات ئەگرى – توقايلىقلارغا، جاپا مۇشەققەتكە تولغان بولىدۇ، سىز ھايات مۇساپىڭىزدە تۈرلۈك سىناقلارغا، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشىڭىز، مەنزىلىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربان بېرىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز قىيىنچىلىقلارنى قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپ، ئۆزىڭىز ئىنتىلگەن مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە يەتكىنىڭىزدە تارتقان جاپا، چەككەن ئازابلىرىڭىزنىڭ بىكار كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، شۇڭا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ ئۈمىدسىزلىككە پاتقىنىڭىزدا غالىبلارغا خاس روھ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئۆزىڭىزگە «يەنە بىر قېتىم سىناپ باقاي» دەڭ، شۇندىلا مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلى سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.

     مەنبە :  http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38467319.html

    分享到: