• مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ 10 سەمىمىي مەسلىھەتى

    2009-05-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39991812.html

    مۇۋەپپەقىيەت قازىناي دېسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك سەمىمىي مەسىلىھەتىگە قولاق سېلىڭ:

    1.قۇڭغۇراقلىق سائەت سېتىۋېلىڭ. ئۇخلاپ قېلىش ياكى ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق خىزمەت ياكى باشقا ئىشلىرىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئىشنى ۋاقتىدا قىلىشقا ئادەتلىنىڭ.

    2.ھازىرقى خىزمىتىڭىزنىڭ ياقتۇرمىسڭىز ۋاقتىدا ئىستېپا بېرىڭ، ياقتۇرسىڭىز ياخشى ئىشلەڭ. كىچىك ئىشنى ياراتمايدىغان، چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدىغان ئادەم بولماڭ.

    3.يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. يالغۇز قالغاندا زېھنىڭىزنى ئەرزىمەس ئىشلارغا چېچىپ ئىسراپ قىلماڭ.

    4.ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىڭىزگە چېكىنىش يولى قويۇڭ. بەزى نەرسىلەر بۈگۈن قىممەتلىك بولسا، كېيىن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    5.ئەينەككە ئوخشاش نازۇك بولۇۋالماڭ. دۇنيادا داۋاملىق تەلىيى ئوڭدىن كېلىۋېرىدىغان ياكى دائىملا نەس باسىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئەينەككە ئوخشاش نازۇك بولماي، ئەكسىچە خرۇستالدەك سۈزۈك، قۇياشقا ئوخشاش پارلايدىغان بولۇڭ.

    6.ئېغىزىڭىزنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. باشقىلارنىڭ كەينىدىن سۆزلەش، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ كەمچىللىكى ۋە يېتەرسىزلىكى توغرىلىق سۆزلەش بىر خىل ئىللەت. بۇ ئىللەت ئابرويىڭىزنى تۆكىدۇ.

    7.پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز چوقۇم بۇ پۇرسەتكە باشقىلار ئېرىشىدۇ، پۇرسەت بولمىسا ئۆزىڭىز پۇرسەت يارىتىشقا، پۇرسەت كەلگەندە ئۇنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك.

    8.تەشەببۇسكار بولۇڭ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى ئوسۇلى تەشەببۇسكار بولۇش، ساغلام كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدىكى شوتا.

    9.ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ مۇھەببەتلەشمەڭ ياكى مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرمەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئالدىراقسانلىق بىلەن قىلىنىپ، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان نىكاھ ھاياتلىق يولىڭىزغا ئېغىر پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ.

    10. سىزدە ئېنىق نىشان، پىلان، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولسۇن.

    分享到: