• [رەسىملىك] ئالما دەرىخى (چوقۇم تەسىرلىنىسز)

    2009-05-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39992845.html

    ئالما دەرىخى
    بۇرۇن بىر تۈپ ئالما دەرىخى بار ئىكەن...
    ئۇ بىر ئوغۇل بالىغا بەك ئامراق ئىكەن، ئوغۇل بالا ھەر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىدىكەن.
    ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يىغىپ، يوپۇرماقتىن تاج ياساپ، ئورمان پادىشاھى سىياقىدا ياسىنىدىكەن.
    ئوغۇل بالا دەرەخ غولىغا يامىشىپ چىقىدىكەن.
    دەرەخنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچىدىكەن.
    ئالمىلارنى يەيدىكەن.
    ئۇلار بىرلىكتە مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئوينايدىكەن.
    ئويناپ ھارغاندا ئوغۇل بالا بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا ئۇخلايدىكەن.
    ئوغۇل بالا بۇ دەرەخنى بەك... بەك ياخشى كۆرىدىكەن، دەرەخ ناھايىتى خۇشال ئىكەن.
    كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈپتۇ.
    ئوغۇل بالا چوڭ بولۇپتۇ.
    دەرەخ دائىم يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
    بىر كۈنى ئوغۇل بالا دەرەخ تۈۋىگە كەپتۇ. دەرەخ:
    -كەل بالام، كەل، غولۇمغا ياماش، شاخلىرىمغا ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچ، ئالمىلاردىن يە، سايەمدە خۇشال-خورام ئوينا!،- دەپتۇ.
    -مەن ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، دەرەخكە يامىشىپ ئوينىمايمەن،- دەپتۇ ئوغۇل بالا،- مەن بىر نەرسە سېتىۋېلىپ ئوينايمەن، ماڭا پۇل كېرەك، بىر ئاز پۇل بېرەلەمسەن؟
    -ھەقىقەتەن خىجىلمەن،- دەپتۇ دەرەخ،- مەندە پۇل يوق، پەقەت يوپۇرماق ۋە ئالمىلىرىملا بار. بالام، ئالمىلىرىمنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ ساتقىن. شۇنداق قىلساڭ پۇلۇڭ بار بولىدۇ، خۇشال-خۇرام ئۆتىسەن،- دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل بالا دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ ئالمىلارنى ئۈزۈپ، بىرنىمۇ قالدۇرماي ئېلىپ كېتىپتۇ. دەرەخ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ.
    ئوغۇل بالا ئۇزاققىچە قايتىپ كەلمەپتۇ... دەرەخنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپتۇ.
    بىر كۈنى ئوغۇل بالا قايتىپ كەپتۇ، دەرەخ خۇشال بولغىنىدىن تىترەپ كېتىپتۇ، ئۇ:
    -كەل! بالام، غولۇمغا ياماش، شاخلىرىمغا ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچ، شادلان،- دەپتۇ.
    -مەن بەك ئالدىراش، دەرەخكە ياماشقۇدەك ۋاقتىم يوق،- دەپتۇ ئوغۇل بالا،- مەن ئىسسىق بىر ئېغىز ئۆيۈم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، مېنىڭ خوتۇن-بالىلىق بولغۇم بار، شۇڭا مەن بىر ئېغىز ئۆيگە ئېھتىياجلىق. ماڭا بىر ئېغىز ئۆي بېرەلەمسەن؟
    -مېنىڭ ئۆيۈم يوق،- دەپتۇ دەرەخ،- ئورمانلىق مېنىڭ ئۆيۈم. بىراق سەن شاخلىرىمنى كېسىپ ئاپىرىپ ئۆي سالساڭ بولىدۇ، شۇنداق قىلساڭ خۇشال-خۇرام ئۆتىسەن.
    شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل دەرەخنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ، ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىپتۇ.
    دەرەخ بۇرۇنقىدەكلا ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ.
    ئەمما ئوغۇل شۇ كەتكەنچە ئۇزاققىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. شۇڭا ئوغۇل يەنە بىر قېتىم كەلگەندە دەرەخ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى گەپكە كەلمەي قاپتۇ:
    -كەل! بالام،- دەپتۇ ئۇ ئاستاغىنا،- كەل، ئوينىۋال!
    -مەن قېرىپ كەتتىم ھەم كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ، ئوينىغۇدەك ماجالىم يوق،- دەپتۇ ئوغۇل،- بىر كېمەم بولسا، ئۇنىڭ بىلەن يىراقلارغا كەتسەم، دەيمەن. ماڭا بىر كېمە بېرەلەمسەن؟
    -مېنىڭ غولۇمنى كېسىپ ئاپىرىپ كېمە ياسا،- دەپتۇ دەرەخ،- شۇ چاغدا يىراقلارغا سەپەر قىلالايسەن، خۇشال بولىسەن.
    شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل دەرەخنىڭ غولىنى كېسىپ بىر كېمە ياساپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ كېتىپ قاپتۇ.
    دەرەخ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ...، لېكىن بۇ قېتىمقىسى ھەقىقىي خۇشاللىق ئەمەس ئىكەن.
    ناھايىتىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ، ھېلىقى ئوغۇل يەنە قايتىپ كەپتۇ.
    -بەك خىجىلمەن، بالام،- دەپتۇ دەرەخ،- ساڭا بەرگۈدەك ھېچنەرسەم قالمىدى. ئالمىلىرىم تۈگىدى.
    -بۇ چىشلىرىم بىلەن ئالما يېيەلمەيمەن.
    -شاخلىرىم يوق، ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچالمايدىغان بولدۇڭ.
    -مەن بەك قېرىپ كەتتىم، ئىلەڭگۈچ ئۇچالمايمەن،- دەپتۇ ئوغۇل.
    -غولۇم يوق،-دەپتۇ دەرەخ،- يامىشالمايدىغان بولدۇڭ...
    -مەن بەك چارچاپ كەتتىم، ياماشقۇدەك ماجالىم يوق،- دەپتۇ ئوغۇل.
    -بەك خىجىلمەن،- دەرەخ ئۇھ تارتىپتۇ،- مېنىڭ راستتىنلا ساڭا بىرەر نەرسە بەرگۈم بار ئىدى... بىراق مۇشۇ قېرى يىلتىزىمدىن باشقا ھېچنېمەم قالمىدى. مېنى كەچۈر...
    -ماڭا ھازىر كۆپ نەرسە كېرەك ئەمەس،- دەپتۇ ئوغۇل،- پەقەت جىمجىت، ئولتۇرۇپ ئارام ئالغىدەك جاي بولسىلا بولدى، مەن بەك ھېرىپ كەتتىم.
    -بولىدۇ،- دەرەخ شۇنداق دېگەچ قەددىنى رۇسلاپتۇ،- ئوبدان گەپ، قىرى يىلتىز ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەل، بالام، ئولتۇر، ئولتۇرۇپ ئارام ئال.
    ئوغۇل ئولتۇرۇپتۇ، دەرەخ خۇشاللىققا چۆمۈپتۇ.
    بىر تۈپ دەرەخ بار،
    باھاردا ئۇنىڭغا يۆلىنىپ خىيال سۈرىمىز؛
    يازدا ئۇنىڭغا تايىنىپ باراقسانلايمىز؛
    كۈزدە ئۇنىڭغا تايىنىپ پىشىپ يېتىلىمىز؛
    قىشتا ئۇنىڭغا يۆلىنىپ چوڭقۇر ئويغا چۆمىمىز؛
    بۇ دەرەخ--- ئاتا-ئانا.
    پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئاتا-ئانىلار سالامەت، تىنچ-ئامان بولسۇن!
    分享到: