-
ﺳﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ بىر تۈپ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ
2009-05-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39993125.html
ﺋﯚﻣﯜﺭﺑﻮﻳﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﻮﺭﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺩﯨﻦﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭﻧﻰﺑﯩﺮﻣﯘ-ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﺎﭖ،ﮬﯚﯕﺮﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﭘﺘﯘ. ﻳﺎﺭ ﻟﯩﯟﯨﺪﻩ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺑﯩﺮﺗﯜﭖ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ،ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ،ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﯩﻦ:
_ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﻪﻥ؟_ﺩﻩﭖﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ.
_ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ،ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺩﻩﺭﻩﺥ. ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﺎ، ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔﻳﯧﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯜﻧﺪﯛﻡ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﺎﻱ ﺩﯨﺴﻪﻡ، ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﯧﭙﯩﺰ،ﺋﯘﺳﺴﯩﺴﺎﻡ ﺳﯘﻳﻮﻕ،ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ،ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﺎﭼﺎﺭ، ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰﺋﻪﺭﻛﯩﻦ-ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺳﯘﻧﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﻣﺴﯩﺰ،ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻤﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ -ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﮕﯩﻨﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟_ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺩﻩﺭﻩﺥ.
_ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﭘﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻪ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯚﻟﯚﯞﺍﻟﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟_ﺩﻩﭘﺘﯘﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ.
_ﺋﯚﻟﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﯕﺎﻱ،_ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺩﻩﺭﻩﺥ،_ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺴﻪﻡ،ﺑﯘ ﻳﺎﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍﺑﯩﺮ ﺗﯜﭘﻤﯘ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺵ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻤﯘ؟ ﺋﯘ ﻗﯘﺵ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻨﻰﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﺳﯧﻐﯩﺰﺧﺎﻥ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﯞﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ،ﺋﻪﯞﻻﺕﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ، ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻡ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟
ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺋﯜﻥ-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﺭ ﻟﯧﯟﯨﺪﯨﻦﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
مەنبە: http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/36263513.html历史上的今天:
بىلىم-كۈچ بلوگى چەتئەللەردە غۇلغۇلا قوزغىدى 2009-05-26يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىڭ 2009-05-26[رەسىملىك] ئالما دەرىخى (چوقۇم تەسىرلىنىسز) 2009-05-26ئەڭ قىممەتلىك بايلىق 2009-05-26