-
ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنسان كىم ؟
2009-05-13
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39330700.html
بۇ ھىكايە ھەقىقىي تۇرمۇشتىن ئىلىنغان. ۋەقەلىك ئامرىكىدىكى بىر ئونۋىرىستىتا يۈزبەرگەن .
بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا پىراففىسور ئوقۇچىلارغا : مەن سىلەر بىلەن بىر ئۇيۇن ئوينىماقچى ، كىم ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ ئوينىشىپ بېرىدۇ ؟ دىدى
بىر ئايال مۇنبەرگە چىقتى .
پىراففىسور ئۇ ئايالغا ؛ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ يىقىن ئادەملىرىدىن يىگىرمە ئادەمنى تاللاپ دوسكىغا ئىسمىنى يىزىڭ دىدى.
ئايال پىراففىسورنىڭ دىگىنى بۇيىچە قىلدى ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسى، دوستلىرى ،تۇغقانلىرى ،قوشنىلىرىمۇ بار ئىدى .
پىراففىسور : - سىز ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولمىغان بىرىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۈڭ دىدى ، ئايال قوشنىسىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۋەتتى ،پىراففىسور يەنە بىرنى ئۈچۈرۈڭ دىدى ، ئايال خىزمەتدىشىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۋەتتى ،پىراففىسور يەنە بىرنى ئۈچۈرۈڭ دىدى ، ئايال يانا بىرنى ئۈچۈردى ،ئۈچۈرە -ئۈچۈرە ئەڭ ئاخىرىدا ئايالنىڭ ئاتا- ئانىسى ، يولدىشى ۋە بالىسى بۇلۇپ تۆت ئادەمنىڭ ئىسمى قالدى.
دەرسخانە ئىنتايىن جىمجىت بۇلۇپ ساۋاقداشلار ئاللىقاچان بۇنىڭ ئادەتتىكىدەك ئۇيۇن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەنىدى .
پىراففىسور يانا بىرنى ئۈچۈرۈڭ دىدى ،ئايال ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى ، ئۇ ئەڭ قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئىدى ، ئۇ ئاخىرىدا يەنىلا ئۈچۈرگۈچنى ئىلىپ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۋەتتى ، يانا بىرنى ئۈچۈرۈڭ ئايالنىڭ قۇلاق تۈۋىدە دەھشەتلىك پارتلاش يۈز بەرگەندەك بۇلۇپ ، نىمە قىلارنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى ، ئۇ بىردەم تىڭىرقاپ قالغاندىن كىيىن ئۈچۈرگۈچنى قۇلىغا ئىلىپ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈردى - دە پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ، تۇرقىدىن ئىنتايىن ئازاپلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى .
پىراففىسور ئايالنىڭ بىردەم تىنچلىنىۋىلىشىنى ساقلاپ سەلدىن كىيىن ئايالدىن ؛ ئەڭ يىقىن كىشىلىرىڭىز ئەلۋەتتە ئاتا- ئانىڭىز بىلەن ئوغلىڭىز بۇلىشى كېرەك ئىدى ، چۈنكى ئاتا- ئانىڭىزنى سىزنى تۇغۇپ ، بىقىپ چوڭ قىلدى ،ئوغلىڭىزنى بولسا ئۆزىڭىز تۇغقان ، باققان تۇرسىڭىز ، يولداش دىگەننى قايتا تاللىسا بۇلىدىغۇ ،نىمىشقا يولدىشىڭىزنى ئەڭ يىقىن ئادىمىڭىز دەپ تاللىدىڭىز دەپ سورىدى ؟
ساۋاقداشلار جىمجىت ئولتۇرۇپ ئايالنىڭ جاۋابىنى كۈتىۋاتاتتى .
ئايال ئاجىزغىنە قىلىپ << ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ ئاتا- ئانام كىتىپ قالىدۇ ، ئوغلۇممۇ چوڭ بۇلۇپ ئائىلە قۇرسا ئۇمۇ مەندىن ئايرىلىپ كىتىدۇ ،ماڭا ئۈمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمراھ بۇلۇپ قالىدىغىنى يەنىلا يولدىشىم >>بۇلىدۇ دىدى.
خەنزوچە (ھەمراھ) ژورنىلىدىن
历史上的今天:
ھاياتنىڭ 11 قائىدىسى Bill Gates 2009-05-13ئىنسانىيەت يېشەلمىگەن سىرلار 2009-05-13زامان ئاخىرىنىڭ 10 چوڭ ئالامەتلىرى 2009-05-13Word دىن ئەپچىل ھۈنەرلەر 2009-05-13